9 ياشلىق بالا قۇرغان تور بېكەتنىڭ يىللىق كىرىمى 1 مىليون 300 مىڭ دوللارغا يېتىدۇ
بېتا تورى خەۋىرى 8-ماي خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرنىڭ 7-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چەتئەللىك 9 ياشلىق بىر بالا ئويۇنچۇققا ئىنتايىن قىزىقىدىغان بولۇپ، ئويۇنچۇققا باھا بېرىدىغان ۋىدىيو تور بېكىتىنى قۇرغان، مۆلچەرلىنىشىچە ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 1 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئېۋان (Evan)مۇ ئادەتتىكى بالىلارغا ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئويۇنچۇق ئويناشنىلا ياخشى كۆرەتتى ھەمدە دائىم ۋىدىيوغا ئېلىپ يۈرىدىغان بالا ئىدى. ئەمما باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئېۋان ئۆزىنىڭ قىزىقىشىدىن پايدىلىنىپ توردا پۇل تاپتى. ئۇ YouTubeدا ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇق قانىلى EvanTubeHDنى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنى يىللىق كىرىمى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان تور كارخانىچىسىغا ئايلاندۇرغان.
بۇ قانال 2011-يىل ئېچىلغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئېۋان باھالىغان 3 دانە ئويۇنچۇق ۋىدىيوسى قويۇلىدۇ، 1 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق كۆرۈرمەننى جەلب قىلغان بولۇپ، تور بەتنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 1 مىليارد 200 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ قانالنىڭ يىللىق كىرىمى 1 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئېلان كىرىمىدىن كېلىدۇ.
ئوكيان تورى