بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 67|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[تەرمىلەر] مىكروسوفت Cortanaنىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلىرى 145 مىليونغا يەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
مىكروسوفت Cortanaنىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلىرى 145 مىليونغا يەتتى



مەنبە:نۇرتورى
يېقىندا مىكروسوفت نۇرغۇن پىروگراممېرلارغا ئېلخەت باياناتى ئېلان قىلىپ، Cortana ئاۋازلىق ياردەمچىسىنىڭ كەڭ دائىرىدىكى ئىشلەتكۈچىلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. مىكروسوفتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە Cortanaنىڭ ئايلىق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلىرى 145 مىليونغا يەتكەن.
ئىگىلىنىشچە، Cortana بىر Windows10 ،ئاندىرويىد ،iOS ۋە Xbox سۇپىسىدىن ھالقىغان شەخسلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچىسى ئىكەن. ئۇ سىستېما ساقلىۋالغان ئىشلەتكۈچىنىڭ ئورنى، شەخسىي ئۇچۇرى، كالېندار ۋە ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە ئورۇندا مۇۋاپىق مەزمۇننى ئىشلەتكۈچىگە يوللاپ بېرىدۇ، مەسىلەن: ئىشلەتكۈچىگە ياردەملىشىپ كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قاتارلىقلار. ئۇنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ قىلمىش ئادىتىنى بارغانسېرى چۈشىنىدۇ ھەمدە خاسلىققا ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەۋسىيەلەش ئېلىپ بارىدۇ.
نۆۋەتتە Cortana ئاساسلىقى ئامازوننىڭ Echo، ئالمىنىڭ Siri ۋە گۇگولنىڭ گۇگول ياردەمچىسى قاتارلىقلار بىلەن رىقابەتلەشمەكتە.
گەرچە Cortana ئاۋازلىق ياردەمچىسى win10 سىستېمىسىغا مەجبۇرىي قاچىلانغان بولسىمۇ، ئەمما مىكروسوفت ئىلگىرى Cortanaنىڭ زور نەتىجىلەرنى ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە ئەپ ئىزدەش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك ھالدىكى ئېقىم ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 2016-يىلى 10-ئايدا مىكروسوفت 141 مىليون ئىشلەتكۈچىنىڭ Cortana ئىزدەش رامكىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن، ئەمما بۇ يەنە بۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ Cortana ئىشلىتىشتە پەقەت ئاۋازلىق بۇيرۇق ۋە دىئالوگ بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:04 , Processed in 0.232147 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش