بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2357|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[بىلۋېلىڭ] كومپىيۇتېرنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
دائىم كومپىيۇتېر مەشغۇلات قىلىدىغانلار كۆزنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كۆزنى ئاسراشتا تۆۋەندىكىدەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

يۇقىرى ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر: ئاقسىل ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ، كۆزدىكى ھەر خىل ھۈجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشتا ئاقسىلدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسسىلەر كۆزنى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىكەن. تۇرمۇشىمىزدا كالا گۆشى، قوي، تۇخۇ، غازلارنىڭ گۆشى، ھايۋانلارنى ئىچكى ئەزالىرى، شۇنداقلا پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل مول بولۇپ، دائىم بۇنداق يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە كۆزنى ئاسراش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن.

ۋىتامىنلىق يەمەكلىكلەر: ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنىڭ مېڭە ئىقتىدارىنى تەڭشەش رولى بار بولۇپ، كۆرۈش ئىقتىدارىنى تەڭشەش رولى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك ئىكەن. ئادەم بەدىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوبۇل قىلىدىغان ۋىتامىنلارنىڭ %70 ى كۆكتاتلاردىن كېلىدىكەن. ۋىتامىننى كۆپرەك قوبۇل قىلىش ئۈچۈن يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. ئادەتتە كۈدە، پالەك، شوخلا، تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋىتامىن بىر قەدەر مول بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا لىمون، بۆلجۈرگەن قاتارلىق مىۋە-چىۋىلەر تەركىبىدىمۇ ۋىتامىن ناھايىتى مول بولىدىكەن.

فوسفاتلىق يېمەكلىكلەر: كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تۇخۇم سېرىقى، ياڭاق، يەر ياڭىقى، بېلىق قاتارلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدە فوسفات مول بولىدىكەن. بۇ يىمەكلىكلەر تەركىبىدە فوسفات ماددىسى مول بولۇپلا قالماي مېڭە ۋە كۆزگە پايدىلىق نۇرغۇن تەركىبلەر بار ئىكەن. بۇنداق يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستمال قىلىپ بەرگەندە كۆز ۋە مېڭىنى ئاسراش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ئەمما تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە فوسفات مول بولۇش بىلەن بىرگە يەنە خولىستىرىنمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدىكەن، شۇڭا بىمارلار تۇخۇمنى بەك ئاز ئىستىمال قىلىشى، فوسفات تولۇقلاشتا باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك ئىكەن.

كۆزنى روشەنلەشتۈرىدىغان يىمەكلىكلەر: كالا، قوي سۈتى، قاتماق، تېرىق، ياڭاق، سەۋزە، پالەك، چوڭ يېسۋىلەك، شوخلا قاتارلىقلار تەركىبىدە ئۇزۇقلۇق ماددىسى مول بولۇپ، بۇنداق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە باشقا كۆز كېسەللىكلىرىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەر: كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋىتامىن A نى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەندە كۆز قۇرغاقلىشش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، كېچىدە كۆرەلمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن. سەۋزە، چىلان قاتارلىقلار تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولىدىكەن. كۆزنى ئاسراشتا يىمەكلىك ئارقىلىق كۆز ساغلامىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن باشقا يەنە كۆز ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش ۋە يىراققا قاراش قاتارلىق ئۇسۇللارنىمۇ قوللىنىش كېرەك ئىكەن.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2015-8-10 19:12:14 | ئايرىم كۆرۈش
  

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 06:53 , Processed in 0.258567 second(s), 44 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش