شىنخۇا تورى 12-ئاينىڭ 17- كۈنى
ئەگەر سىز ئالما يانفونىڭىزنى iOS10 غا كۆتۈرگەندىن كېيىن ، توك خورايدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچرىغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ ! ئالما سىستېمىسىنى iOS10 غا كۆتۈرگەندىن كېيىن , بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئېتىۋەتسىڭىزلا يانفونىڭىزنىڭ توكىنى مەلۇم مىقداردا تېجەپ قالالايسىز.
1. ئارقا سەپتىكى قوللىنىشچان دىتالنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلىنىشىنى ئۆچۈرىۋېتىش.
سىز بۇ ئىقتىدارنى ئېچىۋەتكىنىڭىزدە ئالما يانفونىڭىزنىڭ ئېكرانىنى ئۆچۈرىۋېتىپ, ئىشلەتمىگەن تەغدىردىمۇ ئۇ ھەر خىل ئەپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توك مىقدارى ۋە ئېقىم مىقدارى خورايدۇ. بۇ ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىش ئىنتايىن ئاددىي,ئايرىم-ئايرىم ھالدا «بەلگىلەش-ھەممىباب-ئارقا سەپتە قوللىنىشچان دىتالنى يېڭىلاش» لارنى چەكسىڭىزلا بۇ ئىقتىدارنى ئېتىۋىتەلەيسىز.
2. Spotlight ئىزدەشنى تاقىۋىتىش.
ئابونىتلار «ئىزدەش» ئىقتىدارىنى ئىشلىتىۋاتقاندا, Spotlight ئىزدەش ئىقتىدارى تور بېتى, iTuness, ئەپ ماگىزىنى ھەمدە فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ۋە ئەتراپتىكى جايلار قاتارلىق ئالاقىدار ئىزەش نەتىجىلىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە, بۇمۇ يانفونىڭىزنىڭ توك مىقدارى بىلەن ئېقىم مىقدارىڭىزنى خورىتىدۇ. ئايرىم-ئايرىم ھالدا «بەلگىلەش-ھەممىباب- Spotlight ئىزدەش» نى چەكسىڭىزلا «ئىزدەش تەۋسىيەسى» بىلەن «سۈرۈشتۈرۈش تەۋسىيەسى» ئىقتىدارىنى ئېتىۋىتەلەيسىز.
3. «ھەرىكەتچان ئۈنۈمىنى ئاجىزلىتىش» نى ئېچىش.
ئالما يانفونىدىكى ھەرىكەتچان ئۈنۈمى ئىنتايىن قالتىس كۆرۈنىدۇ, بىراق توكنى خورىتىۋېتىدۇ. «ھەرىكەتچان ئۈنۈمنى ئاجىزلىتىش» ئېچىۋەتكەندىن كېيىن يانفوننى ئىشلىتىش تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ ھەمدە توك تېجىلىدۇ. ئايرىم-ئايرىم ھالدا «بەلگىلەش-ھەممىباب-قوشۇمچە ئىقتىدار- ھەرىكەتچان ئۈنۈمنى ئاجىزلىتىش» نى چەكسىلا بۇ ئىقتىدارنى ئاچقىلى بولىدۇ.