بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3055|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[پىسخىكا سىناقلىرى] گىپنوز ھەققىدە چۈشەنچە(پىسخىكا)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
گىپنوز ھەققىدە چۈشەنچە






گىپنوز (خەنزۇچە 催眠  ئېنگىلىزچە hypnosism دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، گىرىتسىيە رىۋايەتلىرىدىكى Hypnos نىڭ نامىدىن كەلگەن) ھەرخىل تېخنىكىلار سەۋەبلىك پەيدا بولىدىغان ئىدىيىدىكى بىر خىل يوشۇرۇن ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئادەم باشقىلارنىڭ بەرگەن ئىشارەتلىرىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىنكاسچانلىققا ئېگە بولىدۇ. بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشارەت تەسىېرگە ئۇچىراش خاراكتىرلىك ھالەت بولۇپ، ئاڭ، خاتىرە، كونترول قىلىشتا ماس ئىنكاس قايتۇرىدۇ .
  گىپنوز ئۇقۇمى
گىپنوزنىڭ ئېنىقلىمىسى: ئادەم ۋە ھايۋانلارغا كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى ۋە سىلاش سېزىمى ئارقىلىق غىدىقلاش ئېلىپ بېرىپ، يېرىم ئۇيقۇ ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەملەرگە قارىتا تىل سېزىمى ئىشلىتىلسىمۇ بولىدۇ (تار مەنىسى). ئالاھىدە غىقىدلاشلارغا قارىتا پىسخىك ئۆزگىرىش ھالىتىنىڭ پەيدا بولىشىنى كۆرسىتىدۇ (كەڭ مەنىسى ) .
    بۇخىل ئۇخلاش ھالىتى ئادەتتىكى ئۇخلاشقا ئوخشىمايدۇ .
    گىپنوز تېخنىكىسى ئىشارە قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق گىپنوزلانغۇچىنى ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگۈزۈپ، ھەيران قالارلىق تەسىر ھاسىل قىلىدىغان بىر خىل سىېھرى تېخنىكا. گىپنوز ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق (مەسىلەن ئازادە قىلىش، يەككە غىدىقلاش ئېلىپ بېرىش، دېققەتنى يېغىش، ئويلاش قاتارلىق) پەيدا قىلىنىدىغان بىر خىل ھەم ئۇيغۇ ھەم ئويغاق ھالەتتىكى ئاڭ غۇۋالىشىدىغان پىسخىك ھالەت. ئالاھىدىلىكى بولسا گىپنوزلانغۇچىدا مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش، مۇستەقىل خاھىش ھەركىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشى، تۇيغۇ، سېزىمدا ئېغىپ كېتىش ياكى يوقىلىش كۆرۈنىدۇ. گىپنوز قىلىش جەريانىدا گىپنوزلانغۇچى گىپنوز ئۇستىسىنىڭ ئىشارىسى ۋە كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇپ، ماس بولغان ئىنكاس قايتۇرىدۇ. گىپنوزنىڭ ئاجىز-كۈچلۈكلۈكى گىپنوزلانغۇچىنىڭ گىپنوز تەسىرچانلىقى (催眠感受性) ، گىپنوز ئۇستىسىنىڭ ماھارىتى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ .
گىپنوز تېخنىكىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى
    گىپنوز تېخنىكىسى بولسا بىر تۈرلۈك قەدىمى ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان پىسخىك تەكشەش تېخنىكىسى. گىپنوز مۇتەخەسىسى خاۋ بىن (郝滨) ئەپەندىم گىپنوزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلاھىيەت دەۋرى (神学时代) ، ئاقار جىسىم مېخانىكىسى دەۋرى (流体力学时代) ۋە پىسىخوفىزىئولوگىيىلىك دەۋر (心理生理时代) دەپ ئۈچ دەۋرگە بۆلگەن.قەدىمدە گىپنوزغا ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان خاتىرىلەر ساقلانغان، پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلمىغانلىقتىن، ئۆزى ۋە سىرىتقى دۇنيادىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بەزى كېسەللەرنى ساقايتقان. مىسال ئالساق بۇتخانىدىكى راھىبلار ياكى چىركاۋلاردىكى پوپلار نوم ئوقۇش، ۋەز ئېيتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان، بۇلار ئۆزىنى گىپنوز قىلىش رولىنى ئوينىغان. بۇ گىپنوزنىڭ ئىلاھىيەت دەۋرى .
18-ئەسىردە ئۆتكەن ئەسمونىڭ قارىشىچە كېسەلىك، ئادەم بەدىنىدىكى ماگىنىت مەيدانىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن بولىدىغان بولۇپ، سىرىتتىن كۈچ بېرىپ ماگىنىت مەيدانىنى راۋانلاشتۇرغاندا كېسەلنى داۋالاپ ساقايىتقىلى بولىدىكەن .
1841- يىلى 11- ئايدا ئەنگىلىيىلىك داڭلىق تاشقى  كېسەللىكلەر دوختۇرى برەيىد بىر شىۋىتسارىيىلىك ئۇستىنىڭ گىپنوز ئارقىلىق كېسەل داۋالاش تېخنىكىسىنى كۆرگەندە، ئۇ قۇسۇر ئىزدەپ ساختىلىقنى تېپىپ چىقماقچى بولغان بولۇپ، نەتىجىدە ھىچقانداق يوچۇق تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ گىپنوز تەتقىقاتى ۋە قوللىنىلىشىغا كىرىشىپ كەتكەن. گىپنوز ئادەمنىڭ تۇيغۇ سەزگۈرچانلىقىنى ئۆزگەرتىدىغان بولغاچقا، 1841- يىلى برەيىد گىپنوزنى مەس قىلىش، تىنىچلاندۇرۇشقا ئىشلەتكەن. برەيىد خرۇستال توپقا تىكىلىپ قاراتقۇزۇش ئارقىلىق گىپنوز قىلغان، ئۇ كۆرۈش نىرۋىپلىرىنىڭ چارچاش كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، بۇ ئۇيقۇغا ئوخشايدىغان بىرخىل ھالەت دەپ قارىغان. بۇ خىل ئادەمنى ئويغاق بىلەن ئۇيقۇ ھالىتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھالەتكە كىرگۈزۈش گىپنوز تېخنىكىسىدۇر(برەيىد تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويغان ).
ھازىرقى گىپنوز ئېلىمى نەزەرىيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى بولسا ئىككى قاتلاملىق تەلىمات :
بىرىنچى قاتلام: ماددى قاتلام-مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى، مىڭە نىرۋىسى پىسخىكىلىق ئىشارىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ساقلاپ، ئاندىن ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، نىرۋا بىئولوگىيىسىنىڭ ئوزگىرىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، فىزىئولوگىيىلىك ھەركەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكى ئاجراتما ۋە نىرۋا سېستىمىسىدا ماس ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، گىپنوزلانغان ھالەتنى ھاسىل قىلىدۇ .
ئىككىنچى قاتلام: شەخىسنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىش ئەھۋالى، ئاساسلىقى پىسخىك ئاپالىيەتنىڭ رولى. مەسىلەن: ئىشارە قىلىش. گىپنوز ھالەتتىكى ئىشارە خاراكتىرلىك كۆرسەتمىنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ .
گىپنوز ھالەتكە كىرگەندىن كېيىن، گىپنوز ئۇستىسى بىلەن گىپنوزلانغۇچى ئارىسىدىكى يەككە لىنىيەلىك مۇناسىۋەت، گىپنوزلانغۇچىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتى ۋە پىسخىك سېزىمىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مېڭىدىكى ئاتسېتىلخولىن(ئاجراتما قانچە كۆپ بولسا ھەرىكەت شۇنچە ئاجىز بولىدۇ)، دوپامىن(ئاجراتما قانچە كۆپ بولسا شۇنچە جىددى بولىدۇ)، چارچاش ئىلمىنىتى قاتارلىق ئاجراتمىلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، سىپماتىك، پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئادەم بەدىنى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گىپنوزلانغۇچى گىپنوز ئۇستىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ، گىپنوز ئۇستىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا كەيپىياتنى ياخشىلاپ، بېسىمنى تەڭشەپ، كۆڭۈلدىكى تۈگۈنلەر يېشىلىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدار ئاشكارىلىنىدۇ. مانا بۇ گىپنوز ئۇستىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن كونترول قىلالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى .
زادى نېمىنى گىپنوز دەيمىز؟
ئەمەلىيەتتە، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تۇيغۇسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۆز قەلبىدىكى نەرسىلەرنى ئويلىغاندا مەلۇم دەرىجىدىكى گىپنوز ھالىتىدە بولغان بولىدۇ. گىپنوز تېخنىكىسى ئالاھىدە بولغان غۇۋا يىتەكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئادەمنى ئۇيغۇ بىلەن ئويغاقلىق ئارىسىدىكى بىر خىل ھالەتكە كىرگۈزىدۇ، بۇ خىل ھالەتتە ئادەمنى سەزگۈسى نىسبەتەن ئاجىز ھالەتكە كىرىپ، يوشۇرۇن تۇيغۇلىرى ھەرىكەتكە كېلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتى ( بىلىش تۇيغۇسى، ھىسىياتى، تەپەككۇرى، ئىرادىسى ۋە قىلىقى قاتارلىق پىسخىك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گىپنوز ئۇستىسىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، بۇ خىل ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغان تېخنىكىنى گىپنوز تېخنىكىسى دەپ ئاتايمىز .
گىپنوز ئاساسى ھالىتى
گىپنوزنىڭ ئىككى ئاساسى ھالىتى بار،  يەنى ئانا شەكىلدىكى گىپنوز ۋە ئاتا شەكىلدىكى گىپنوز، دىيىلىۋاتقان ئانا شەكىلدىكى گىپنوز بولسا، ئىنتايىن كۆڭۈلچەكلىك بىلەن گىپنوزلانغۇچىنىڭ پىسخىك مۇداپىئە سىزىقىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى كۆرسىتىدۇ، مۇندانچە ئېيىتقاندا سىلىق-سىپايە ئۇسۇل بىلەن ھۇجۇم قىلىش. ئاتا شەكىلدىكى گىپنوز بولسا بۇيرۇق تۈسىنى ئالغان سۆز-جۈمىلىلەر ئارقىلىق گىپنوزلانغۇچىنى قارشى تۇرالمايلا قالماستىن، بويسۇنمىسا بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. گىپنوز قىلىش جەريانىدا كۆپىنچە ئوخشاش بولمىغان ئوبىكىتلارغا، ياكى ئوخشاش ئوبىكىتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقتى، ئورنى، شارائىتى قاتارلىقلارغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ .
    گىپنوز تېخنىكىسىنىڭ تۈرى
گىپنوز تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەندىكىدك تۈرلىرى بار :
1.    گىپنوز قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا: 1) ئۆزىنى ئۆزى گىپنوز قىلىش 2) باشقىلار گىپنوز قىلىش، يەنى گىپنوز ئۇستىلىرى گىپنوز قىلىش
2.    ئىشارا شارائىتلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا:1) سۆزلەش ئارقىلىق گىپنوز قىلىش 2) مەشغۇلات ئارقىلىق گىپنوز قىلىش، يەنى گەپ-سۆز ئىشلەتمەي گىپنوز قىلىش. ئۇ قىلىق، ھەرىكەت، مۇزىكا ياكى ئېلىكتىر ئېقىمى قاتارلىقلارنى ئىشارە ۋاستىسى قىلىپ گىپنوز قىلىش مەقسىتىگە يېتىدىغان ئۇسۇل .
3.    بىلىش ھالىتىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا: 1) ئويغاق ھالەتتىكى گىپنوز 2) ئۇيقۇ ھالەتتىكى گىپنوز
ۋەھاكازالار ...
گىپنوزنىڭ ئۆلچەملىك تەرتىپى
1.    دىئاگنوز (Diagnosis) : گىپنوز قىلىنغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە تەلىپىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن گىپنوزغا كۆز قاراشلىرىنى سوراپ، گۇمانلىرىنىڭ جاۋابىنى بېرىپ، سەل تۇرۇپ گىپنوز قىلغاندا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا گىپنوز ئۇستىسى ئازراق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، گىپنوز ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىسى مۇمكىن، چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ گىپنوزغا بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل، بۇ كەمچىل چۈشەنچىلەرنىڭ ئىچىدىكى كۆ قىسىم چۈشەنچىلەر خاتا .
2.     يىتەكلەش باسقۇچى (Induction) : گىپنوز ئۇستىسى سۆز ئارقىلىق ، قارشى تەرەپنى گىپنوز ھالىتىگە كىرگۈزىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يىتەكلەش ماھارەتلىرىدىن، ئاستا-ئاستا جىددىيلىكنى يوقىتىش ئۇسۇلى (progressive relaxation) تىكىلىپ قاراش ئۇسۇلى (eye fixation) ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئۇسۇلى، ئوي-خىيالىنى باشلاپ كىرىش، ساناش ئۇسۇلى، بېلىكىنى يۇقىرغا لەيلىتىش ۋە باشقا شەكىل ئۆزگەرتىش، ساختا قىياپەت قاتارلىق ئۇسۇللار بار .  





مەنبە : ئايتۇرسۇن پىسخىك مۇنبىرى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-21 13:47:32 | ئايرىم كۆرۈش


گىپنوز  ھەققىدە  فىلىم
ھايات پروگىراممىسى


باھا سۆز

مەنمۇ گىپنۇزغا قىززىقاتتىم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-12-1 12:52
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2013-7-21 15:30:11 | ئايرىم كۆرۈش
تەپسىلى بىر كۆرۈپ باقايچۇ قېنى...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2013-7-21 19:28:13 | ئايرىم كۆرۈش
توۋا....

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2013-7-24 00:55:30 | ئايرىم كۆرۈش
گىپوزنى ئۆگۈنۈش تەسمۇ؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2013-7-25 14:29:41 | ئايرىم كۆرۈش
گىپنوز ئۈگۈمۈش تەس ئەمەس، پەقەت تىرىشچانلىق ۋە ئۈزلۇكسىز مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئۈگۈنۈپ كىتەلەيسىز،بىراق ئۇگۈتۇش تەنەرخى سەل يۇقىرى توختاپ قىلىشى مۇمكىن،

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2013-7-25 14:35:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئەگەر گىپنورنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بىقىشنى ئويلىسىڭىز سىھرىگەرئۇستازى كىلىس ئەنجىر ‹克里斯·安吉尔›نىڭ فىلىملىرىنى ئىزدەپ كۆرسەڭلار بولىدۇ، ئۇ يىتىممۇ گىپنوز ئىلمىنلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق نام چىقارغان

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2013-7-27 21:53:25 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمدا بىر قېتىملىق پىسخىكا دەرىسىدە مۇئەللىم دەل گېپنۇزغا مۇناسىۋەتلىك فىلىم قويۇپ بەرگەن ئىدى، مەن شۇ ۋاقىتتا ھەيراق قالغان ئىدىم.来自: Android客户端

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2013-8-17 22:32:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ فىلىمدىكى قايسى ناخشا؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
ۋاقتى: 2015-12-1 12:52:22 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
پۇسات يوللىغان ۋاقتى  2013-7-21 13:47
گىپنوز  ھەققىدە  فىلىم
ھايات پروگىراممىسى

مەنمۇ گىپنۇزغا قىززىقاتتىم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
ۋاقتى: 2016-12-28 11:39:20 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنسانلار زاماننىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ  بۇرۇن بەرگەن ئۇبىكتىپنىڭ تەبىرنى قايتىدىن يەكۈنلەيدۇ،  ئىنسانلار ئەسىلىدە قايىدە تۈزۈم ئىچىدە ياششى زورۇردۇ،    شۇنۇڭ ئۈچۈن ئادەم مىڭىسىدىمۇ ھەرخىل تۇيغۇلارنى چەكلەيدىغان مۇھىت ۋە ئادەم ئوتتۇرسىدىكى قانۇنىيەت تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىغان ئاڭ رايۇنى بۇلىدۇ،  گىپنوز  دەل  ئادەمنىڭ مۇشۇ ئاڭ رايۇنى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ ئادام ئۆز بىلەن ئۆز،ئادەم بىلەن مۇھىت مۇناسىۋتىدىكى تەڭپۇڭلۇق قانۇنىيتىندىن بۇسۈپ ئۆتۈشنى كۆرسىتىدۇ،  بارچە نەرسىنىڭ ياخشى يامان تەرپى بۇلىدۇ،  بۇنى ياخشى تەرەپكە ئىشلىپ پايىدىلارنسا ياخشى، لىكىن يامان تەرپىنى ساقىت قىلۋاتكەندە  ئىنسانىيەت ھالاك  بۇلىدۇ،
مۇنداقچە قىلىپ ئىيتىقاندا  كىشىلەر ۋاھ تەپ ھەيراق قىلۋاتقان ئۇ ئىشلار  ئىنسانلاردا  يارلىشى بىلەن تەڭ بار ئىختىدارلا  لىكىن  دۇنيادىكى قانۇنىيەت تەرتىپىنى ساقىلاش ئۈچۈن ئۇ ئىختىدارلارنى ئادەم مىڭىسىنىڭ لوگىكا تەپەككۇر قىلىش سىتىمىسنىڭ چەكلىشى بىلەن يۇشۇرۇندۇرۇپ  قۇيۇلغان.
ئەگەر كىشلەر ئۈزۈلۈكسىز مۇ سىزىقتىن ھالىقىپ ئۆتىپ كەتسە ،لوگىكا تەپەككۈر رايۇنىدا ئۇچۇر ئالىمىشى بۇلۇپ قانۇنىيەت ئۇچۇرلىرى يىڭلىنىپ كىتىدۇ   شۇنۇڭ  بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزنى ئالاھىدە ئىختىدالىق ئادەمگە ئايلارندۇردۇ  ئۇچاغدا قانداق بۇلا.....

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
12#
ۋاقتى: 2017-1-30 22:45:12 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ گىپنۇز غاقىززىقىمەن   لىكىن    نەدىن ئۇگۈنۈشنى  بىلەلمىدىم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:16 , Processed in 0.240580 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش