قۇتيار يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سىنىپى دەرس باشلايدۇ، پۇرسەت غەنىمەت...~!
C# تىلىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە كۆزنەكلىك پروگرامما (يەنى ئۈستەل يۈزى پىروگراممىسى)، ھەر خىل ھۆججەت مەشغۇلاتى، ساندان مەشغۇلاتى، پىرىنتېردا ھەر خىل شەكىلدە مەزمۇن بېسىپ چىقىرىش، #C تىلىنىڭ ئالىي ئىقتىدارلىرى، OOP(يەنى ئوبيېكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما لايھىلەش تېخنىكىسىنى ئىنچىكە چۈشىنىش)، كۆزنەكلىك پىروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك ئالىي ئىقتىدارلار، TCP/IP تور ئالاقىسى SOCKET بىلىملىرى، ASP.NET (C#) بىلىملىرى ۋە تور پىروگراممىسى لايىھەلەش بىلىملىرى (HTML/CSS/JavaScript)، تېكىست بىر تەرەپ قىلىش ئالىي بىلىملىرى، Windows Server IIS مۇلازىمىتېرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر، FTP مۇلازىمىترى ۋە تور پىروگراممىسىنى مۇلازىمتېرغا ئارتىش ۋە بېكەت قۇرۇشقا دائىر بىلىملەر، تور نامى ۋە DNS تەڭشەشكە دائىر بىلىملەر، يول باشلىغۇچ(Router) تەڭشەش ۋە ئالماشتۇرغۇچلارنى(Switch) يەنى تور ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە دائىر بىلىملەر، Web Service ئارقىلىق ئېغىز تەمىنلەش ۋە ئۇنى كۆزنەكلىك پروگرامما ۋە تور پىروگراممىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش، مەزمۇن مەخپىيلەشتۈرۈش ۋە يېشىش، يۇمشاق دېتالغا تىزىملاپ ئىشلىتىش ۋە توردىن يېڭىلاش ئىقتىدارىنى قوشۇش، كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدا پروگرامما لايىھەلەش سۇپىسى Microsoft Team Foundation Server نى قاچىلاپ تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش
يۇمشاق دېتال ئېچىشقا دائىر مول بىلىملەر سىزنىڭ بىلىم ئېلىشقا چاڭقىغان يۈرىكىڭىزگە ھەقىقي داۋا بولىدۇ.
دەرسنى 8 يىللىق يۇمشاق دېتال ئېچىش ئەمەلىي تەجرىبىسىگە ئىگە مەھمۇدجان ئەمەر (ھەقتەيۈر) مۇئەللىم باشتىن ئاياغ زور قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەيدۇ. لاياقەتلىك تاماملاپ چىقسىڭىز مۇستەقىل ياكى كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدا ھەر خىل تەلەپتىكى يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلەپ چىقىشقا زۆرۈر بولغان بىلىملەرگە ئىگە بولىسىز.
ئوقۇش مۇددىتى 3 ئاي بولۇپ، ھەپتىدە 5 كۈن، كۈنىگە 3 سائەت دەرس ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ (2 سائەت مۇنتىزىم دەرس سۆزلىنىدۇ، 1 سائەت ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتۈلگەن دەرسلەردىن ئەمەلىي مىسال ئىشلەپ دەرس ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ). ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا دەرس سۆزلەش ۋاقتى بىلەن مىسال ئىشلەش ۋاقتى مۇۋاپىق تەڭشىلىشى مۇمكىن، ئەمما كۈندىلىك ئومۇمىي دەرس ۋاقتى 3 سائەتتىن كەم بولمايدۇ.
يىراقتىن كېلىپ ئوقۇيدىغانلارغا ئالدىن تىزىملاتقان 5 ئوقۇغۇچىغا ياتاق ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
قۇبۇل قىلىش ئوبيېكتى: پروگرامما لايىھەلەش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان پىكىرى ئوچۇق تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ، كەم بولغاندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئېگە بولۇشى كېرەك، قىزىقىشى ئالاھىدە يوقۇرى بولسا بىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان سىنىقىمىزدىن ئۆتسە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بولسىمۇ قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ.
تەپسىلى ئەھۋالنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئالاقە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ.
تېلېفون:
15509978533
18699708881
15352576866
ئورنى: ئاقسۇ شەھىرى لەڭگەر يولى لەڭگەر چوڭ خانىقانىڭ سول يېنىدا
قۇتيار تورىدىن ئېلىندى