ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپبەگ تور تۇرايىمىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى، تۈنۈگۈن، يەنى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت نۆلدىن باشلاپ مىكروسوفت شىركىتى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد سىستېما «Windows 10» نى رەسمىي ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ئىشلەتكۈچىلەرگە چۈشۈرۈشنى تەمىنلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايىدىن بېرى خاتىرە كومپيۇتېرىمغا بارماق دىسكا ئارقىلىق Windows 10 نى قاچىلاش دەرسلىكىنى ئىشلىدىم. قېنى ئەمىسە دىققىتىڭىز دەرسلىكىمدە بولسۇن.
- قاچىلاش بولىقىدىن بارماق دىسكىغا ئويۇپ، بارماق دىسكىدىن قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. توردىن UltraISO دىگەن يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈڭ.قاچىلىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ:
2. داۋاملىق ئىشلىتىشنى بېسىڭ.
3. دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى مۇشۇنداق.
4. Windows 10 قاچىلاش بولىقىنى دېتالغا ئەكىرىۋالايلى
5. سىستېما ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاللىۋالىمىز
6. ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى مەشغۇلات بويىچە قىلىڭ
7. ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتىمەن، سىز 8G لىق بارماق دىسكىنىڭ ئىچىنى پاكىز فورماتلىۋېتىپ، قاچىلاش ھۆججىتىنى مۇشۇ دىسكىغا قاچىلاش ئۈچۈن ئالدىن تەييار قىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. رەسىمدىكىدەك Windows 10 نىمۇ كىرگۈزۈپ بولدۇق، ئەمدى چىققان رەسىمدىكىدەك ئالدىن تەييارلىۋالغان بارماق دىسكىمىزنى تاللىۋالىمىز.
8. چىققان كۆزنەكتىن «ھەئە» نى تاللاڭ
9. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بارماق دىسكىغا ئويۇشقا باشلايدۇ. ئەلۋەتتە سەۋر قىلىشىڭىز كېرەك. ئەمدى تامام بولغان بولسا كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ، ”بارماق دىسكىدىن قوزغىلىش ھالىتى“ گە ئۆتىمىز.
10. كومپيۇتېرىمىزنى قوزغاتقاندىن كېيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ F12 / F2 بەزى كومپيۇتېرلاردا باشقا F8/9/10 دېگەن كۇنۇپكىلارنى باسساق كومپيۇتېرغا بارماق دىسكا ياكى نۇر دىسكىدىن قوزغىتىشقا كىرىش تاللانمىسىغا كىرەلەيمىز. تۆۋەندىكىدەك، بۇنىڭدىن بارماق دىسكىدىن قوزغىلىشنى تاللىۋالدىم.
11. سىستېمىنى ئىشلىتىش كېلىشىمىگە قوشۇلىمىز:
12. خەنسۇچە نۇسخىدىكىنى چۈشۈرگەن بولسىڭىز ”كېيىنكى قەدىم“ نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇۋېرىڭ
13. ئاستىدىكى تاللاشنى بېسىڭ
14. بۇ باسقۇچ بەك مۇھىم!!! ئەڭ ئۈستىدىكى 1 رايون بولسا سىزنىڭ C دىسكا رايونىڭىز. مەن شۇ دىسكا رايونىمنى فورماتلىۋېتىپ قاچىلىدىم، س دىسكىڭىز چوڭ بولسا فورماتلىماي قاچىلاۋېرىڭ. چۈنكى تاساددىپىي سىستېما قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالسا بۇرۇنقى سىستېمىڭىز شۇ پېتى قوزغىلىۋېرىدۇ. دېمەك ئەمدى كىيىنكى قەدەمنى بېسىڭ
15. ئەمدى قاچىلاشنى بېسىڭ
16. سىستېمىنى قاتتىق دىسكىغا كۆچۈرۈپ يېشىۋاتىدۇ
17. كومپيۇتېر بىر قېتىم قوزغىلىپ بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى مۇمكىن.
18. ئەمدى سىملىق تور ياكى سىمسىز تور ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى ھېساباتى ئۇلاش مەشغۇلاتى قىلىمىز، تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ سىملىق تورۇمغا ئۇلايمەن.
19. ئەمدى ھېسابات باغلاش ۋە باشقا تەڭشەكلەرنى ئېلىپ بارىمىز،
20. تەۋسىيە قىلغان تەڭشەك بويىچە، يەنى: «使用快速设置»بويىچە قىلىڭ، ۋە سەل ساقلاڭ.
21. ئەمدى سىز «My organization» نى تاللاڭ.
22. ئىشلەتكۈچى ھېسابى قۇرۇڭ، مەندەك.
23. بۇ جەريانلارنى بېسىپ بولغان بولسىڭىز كومپيۇتېرىڭىز بىر نەچچە قېتىم قوزغۇلىشى مۇمكىن. ئەمدى بىز سىستېمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلاپ بولدۇق، ئەمدىكى نومۇرىمىزدا سىستېما قاچىلانغاندىن كېيىنكى تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارىمىز.
سىستېمىنىڭ قاچىلىنىپ قوزغالغاندىكى كۆرۈنۈشى:
24. قارىساق بىنورمالدەك، ئەمدى بىز يېڭىلانمىلارنى يېڭىلاش ئارقىلىق بەزى قوزغاتقۇچلارنى چۈشۈرۈپ يېڭىلىۋېتىمىز. ئېكران ئاستى بۇرجەكتىكى «开始» > «设置» > «更新和安全» نى بېسىپ يېڭىلانمىلارنى يېڭىلاشقا باشلاڭ
25. ئەمدى ئېكراندىكى كومپيۇتېرىم، كونترول تاختا دېگەندەكلەرنى قايتۇرۇپ كېلىمىز، يەنى رەسىمدىكى مەشغۇلات بويىچە قىلىڭ.
خوش، قاچىلاپ كومپيۇتېر سىياقىغا ئەكىلىۋالدۇق، كېيىنكى دەرسلىكتە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلاش ۋە خەت نۇسخىسىنى كۆركەملەشتۈرۈش سۆزلىنىدۇ.
ئالپبەگ تور تۇرايى
ئەسكەرتىش: مەندىن چ چ ياكى ئۈندىداردا ياردەم سورىمىساڭلار، بىلمىگەن جايلار بولسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس يازساڭلار. ئوخشاش بىر مەسىلىنى بىر نەچچىڭلار سورىساڭلار جاۋاب بېرىپ بولالماي ھېرىپ كېتىدىكەنمەن. دەرسلىكلەرنى تەپسىلىي كۆرسەڭلەر ھەممىڭلار قىلىپ كېتەلەيسىلەر. بەيدۇ تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۈلمىگەن بولساڭلار ئادرېسنى يان تېلېفوندا ئېچىپ چۈشۈرەلەيسىلەر. بەزى بىلمىگەن جايلار ئىنكاس بۆلىكىدە جاۋابى چىققان بولىدۇ.
يازما مەنبەسى: ئالپبەگ تور تۇرايى |
http://alpbeg.cn/?p=952