مەن 2015- يىلى 7- ئايدىكى يازمامدا ios8.4 نىڭ بىر قىسىم ياخشى قىستۇرمىلىرىنى توپلىغان ئىدىم.
ios8.4 دە مەن ياقتۇرغان قىستۇرمىلار
/ud/forum ... 12268&fromuid=1
(مەنبەسى: بىلىملەر مۇنبىرى)
نۆۋەتتە مەن مەزكۇر يازمام ئارقىلىق ios9.3.3 دىكى زۈرۈر قىستۇرمىلار ۋە مەن ياقتۇرغان قىستۇرمىلارنى توپلىماقچى بولىۋاتىمەن. دىققىتىڭىز داۋاملىق مەزكۇر تېمىدا بولسۇن، يېڭى قۇستۇرمىلار ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق قوشۇلىدۇ.
تۆۋەندىكى قىستۇرمىلارنىڭ ھەممىسىنى apt.abcydia.com ماۋۇ مەنبەدىن قاچىلىيالايسىز.
1. Barrel
مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق سىز ئالما تېلفۇندا ئېكران ئالماشتۇرغاندا ئايكونلارنى ھەرخىل 3d ھالەتتە پىرقىرايدىغان قىلالايسىز. مەزكۇر قىستۇرنىڭ تەڭشىكىدىن خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
2. CCSettings
مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق سىز ئالما تېلفۇنىڭىزنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە سىرىگەن ئېچىلدىغان تىزلەتمە تەڭشەشلەرنىڭ تېخىمى ئىقتىدارلىق قىلىۋېتەلەيسىز. دائىملىق تەڭشەكلەرنى بىۋاستە شۇ ئورۇنلا ئېچىپ ئىتەلەيسىز. مەسكەن تىز سۈرەتتە ئېقىم مىقتارىنى تاقاش ۋە ئېچىش دىگەندەك.
3. KuaiDial
بۇ قىستۇرما ئالمىنى تۇرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن چوقۇم قاچىلاشقا تىگىشلىك قىستۇرما. بۇنىڭ ئاساسلىق رولى، تېلفۇن ئۇرغاندا تېلفۇن نومۇرىنى ۋە ئىسمىنىڭ باش ھەرىپلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تىز ئىزدەشكە بولىدۇ، كەلگەن تېلفۇننىڭ تەۋەلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، قارا تىزىملىك دىگەندەك بىر قاتار ئىقتىدارلىرى بار.
4. VirtualHome
بارماق ئىزى قوللايدىغان ئالما تېلفۇنلار ئۈچۈن بۇ ناھايىتى ئىسىل قىستۇرمىلارنىڭ بىرى. بىز ئادەتتە ئالما تېلفۇنلاردا home كۇنۇپكىسىنى چوقۇم باسساق ئاندىن ئۈنىمى بولىدۇ، لىكىن home كۇنۇپكىسىنى كۆپلەپ بىسىۋەرگەندە بۇ كۇنۇپكا ئاسان كادردىن چىقىدۇ. مەزكۇر قىستۇرمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن سىز home كۇنۇپكىسىنى كۈچەپ باسمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، قۇلىڭىزنى يىنىك تەككۈزسىڭىزلا home نىڭ باسقاندىكى ئۈنىمىنى كۆرەلەيسىز. تەكشەك رايۇنىدىن ھەرخىل تەڭشەش ئېلىپ بارالايسىز. مەسلەن بىر قېتىم تەككۈزگەندە، ئىككى قېتىم تەككۈزگەندە، تەككۈزۈپ تۇرغان ۋاقىتتا دىگەندەك.
5. Anywhere!--虚拟定位
مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق تېلفۇنىڭىزغا مەھۋۇم GPS بەلگىلىيەلەيسىز. مەسلەن مەزكۇر قىستۇرمىنى قوزغاتقاندىن كىيىن GPS نى مەن بېيجىڭنىڭ مەلۇم كوچىسىغا تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە ئۇچۇر يوللىسام ئاستىدا شۇ مەن توغۇرلىغان رايۇننىڭ كوچىلىرىنى چىقىرالايمەن.
ئىشقىلىپ بۇ دىتال ئارقىلىق سىز تېلفۇننىڭ باھارلىق ئورنىنىڭ GPS ئۇچۇرىنى خالىغانچە تەڭشىيەلەيسىز. بۇ سىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
قىستۇرمىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، سىز تەڭشىگەن مەھۋۇم GPS ئۇچۇرنىڭ قايسى ئەپكە قارىتا ئىشلەيدىغاننىمۇ تەڭشەپ قويالايسىز، مەسلەن پەقەت ئۈندىدارغىلا ئىشلىسۇن، پەقەت ۋېيبوغىلا ئىشلىسۇن دىگەندەك.
6. WeChatPlu 微信视频转发
مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ ئىسمىدىن چىقىپلا تۇرۇپتۇ، يەنى ئۈندىداردا قسىقا فىلىملەرنى چەمبىرەككە يوللىيالايسىز، باشقىلار چەمبىرەككە چىقارغان قىسقا فىلىملەرنى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا بىۋاستە يوللىيالايسىز دىگەندەك.
7. 微信无限小视频
مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق ئۈندىدارچە چەكسىز قىسقا فىلىم سۈرەتكە ئالايسىز. ئۈندىدارنىڭ ئەسلى پەقەت 6 سېكونتلا قىسقا فىلىم ئېلىش چەكلىمىسى يىشىۋېتىلگەن.
8. Activator
Activator ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بارماق ھەركىتىنى تەڭشەيدىغان قىستۇرما. ئۇ بولسا ئايفوندا كۆپ نوقتىنى چېكىش، ھەر خىل سىيرىش ئارقىلىق ئۆزگىچە ئىقتىدارلارنى چىقىرىشقا بولىدۇ.
Activator 1.9.9 نەشىرى iOS9.2-9.3.3 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرغىنىغا ماسلاشتۇرۇلغان، ئايفونىڭىز (ئايپەد) تۈرمىدىن قاچقان بولسا Cydia دىن ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
9. f.lux
بۇ قىستۇرما بىر كۈندىكى ھەر قايسى ۋاقىتتا ئايفوننىڭ رەڭ تۈسىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەپ، كۆز تېلىشنىڭ ئازايتىدۇ. كېچىدە كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. توك تىجەيدۇ.
10. Springtomize3
بۇ قىستۇرما جانلاندۇرۇم، كۆپ ۋەزىپە، كونترول مەركىزى، ھۈججەت قىسقۇچى، Dock ، ئايكون، ئېكران قۇلپى، ئېكران باش بېتى، ھالەت سىتونى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
11. 应用管理 App Admin
مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق سىز ھەر قانداق ئەپنىڭ كونا نەشىرىنى AppStore دىن نەشىر تۆۋەنلىتەلەيسىز. مەسلەن، مەلۇم قىستۇرمىڭىز بىرەر ئەپنىڭ يېڭى نەشىرىگە ئىشلىمەي قالدى ۋە ياكى يېڭى نەشىردىكى ئەپنى ياقتۇرمىغان بولسىڭىز ئۇ ئەپنىڭ كونا نەشىرىنى تاپالمايسىز، بۇ ۋاقىتتا بۇ قىستۇرما سىزگە AppStore دىنلا كونا نەشىرىنى تېپىپ بىرىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى بەك ئاددى، يەنى AppStore غا كىرىپ نەشىر تۆۋەنلەتمەكچى بولغان ئەپنى ئىزدەپ يېنىدىكى «打开» نى ئۇزاقراق بېسىپ تۇرسىڭىز ئاستىدىن تىزىملىك چىقىدۇ، شۇنىڭدىن «Downgrade» نى تاللىسىڭىز شۇ ئەپنىڭ ئىلگىرى AppStore غا يوللانغان باھارلىق نەشىرلىرى چىقىدۇ، شۇنىڭدىن ئۆزىڭىگە ياققىنى تاللاپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
12. CallBar
بۇ قسىتۇرمىنى تېلفۇنغا قاچىلىغاندىن كىيىن، سىزگە تېلفۇن كەلگەندە كەلگەن تېلفۇن پۈتۈن ئېكران ھالەتتە كۆرۈنمەستىن، ئۈستىدە كىچىكلا كۆرۈنىدۇ. مەيلى سىز ئۇيۇن ئويناڭ ياكى كىنو كۆرۈڭ سىزنىڭ مەشخۇلاتىڭىزغا تەسىرى بولمايدۇ. بۇ قىستۇرما بۇلۇپمۇ، تېلفۇندا ئۇيۇننى كۆپ ئوينايدىغانلارغا بەكراق ماس كېلىدۇ.
13. OneHandWizard
plus نى دائىم بىر قۇلىڭىز بىلەن مەشخۇلات قىلغاندا، قولىڭىز ئېكراننىڭ يەنە بىر تەرەپلىرىگە يىتىشمەي قالامدۇ؟ بۇ قىستۇرما ئېكرانى پۈتۈن ئېكران كىچىكلىتىپ بىر قولدا مەشخۇلات قىلىشقا ماسلاشتۇردىغان بولۇپ، ئىشلىتىش بەكلا قولاي. قىستۇرمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن Home كۇنۇپكىسىنى يىنىك ئىككى قېتىم چەكسىڭىزلا قىستۇرما ئىشقا كىرىشىدۇ، يەنە ئىككى قاتا چەكسىڭىز قىستۇرما توختايدۇ.
14. TinyBar
مەركۇر قىستۇرما ناھايىتى قولايلىق ھالەت ئەسكەرتكۈچ بولۇپ، سىز تېلفۇن ئويناۋاتقان چاغىلىرىڭىزدا ھەرقانداق ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقسا (ئۈندىداردىن خەت كەلسە دىگەندەك) بىۋاستە ئۈستىدىكى ھالەت سىتونىدا بىر قۇر بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ھەمدە ئۇچۇر مەزمۇنى ئوڭدىن سولغا مېڭىپ كەلگەن ئۇچۇرنى تۇلۇق كۆرۈشكە بولىدۇ. ئاندىن ھالەت ستونىنى يېنىك پەسكە تەرتىپ پاراڭلىشىش قوراللىرىنى ئاچماي تۇرۇپلا تىز ئىنكاس قايتۇرۇشقا بولىدۇ. كىنو كۆرىۋاتقان، ئويۇن ئويناۋاتقان چاغلىرىڭىزغا بۇ قىستۇرما ئالاھىدە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ.