ئەگەر 4G لىق تور يولغا قويۇلسا، ناھايىتى تېزىلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن تىجارەت يۈرگۈزگۈچى ئورگان ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكىمەتلىرى 4G تورىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن 2G ۋە 3Gلىق تورنى بارا-بارا نەزەردىن ساقىت قىلدى. ھەتتە بازار تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە 2Gلىق تور پۇتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن.
پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا، تىجارەت يۈرگۈزگۈچى ئورگان 2Gلىق كۆچمە تېلگىرافىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، 4Gلىق تورنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىۋاتىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامرىكىدىكى T-mobile شىركىتى CDMA تورىنى تاقاپ بولغان، بۇ شىركەت قارمىقىدىكى MetroPCS شىركىتىمۇ ئوگان بېتىدە 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ CDMA تورىنى ئاستا-ئاستا تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە CDMA يانفۇن ئىشلەتكۈچىللىرى بۇنىڭدىن كىيىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
T-mobile شىركىتى 4Gلىق تورنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، CDMA يانفۇن ئىشلەتكۈچىللىرىگە ”كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش“ مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ پۇل بېلىتى تارقاتتى، بۇ پۇلغا LTEلىق ئەقلىيفۇن سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، كونا CDMA ئىشلەتكۈچىللىرىدىن ئىبارەت ئادەم بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ، يېڭىدىن ئېلان قىلغان 4Gلىق تور قۇرلىشىنىڭ ئاساسىنى مۇقۇم قىلماقچى بولۇپ، ئەسلىدىكى CDMA تور ئىشلەتكۈچىللىرىنىڭ 80% تى 4Gلىق تورنى ئىشلىتىپ بولغان.
ئەلۋەتتە GSM كۆچمە ئۈسكىنىلەر تورىمۇ تاقىلىش ئالدىدا بولۇپ، ئامرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە تىجارىتى يۈرگۈزگۈچى ئوگان AT&T مۇ 2016-يىلىغا بارغاندا GSM تورىنىمۇ پۈتۈنلەي تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بىراق بۇنىڭلىق بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى 2G تورى تېز سۈرئەتتە يوقاپ كەتمەيدۇ. ئەنگىلىيە پەن-تېخنىكا بازار تەتقىقات شىركىتى Ovum پەرەز قىلىشىچە، 2Gلىق تور 2020-يىلىغا بارغاندا ئاندىن پۈتۈنلەي يوقايدىكەن، چۈنكى ھازىر پۈتۈن دۇنيادا GSM ۋە CDMA تورى ئارقىلىق سۆزلىش، قىسقا ئۇچۇر قىلىش ۋە ئالەم كىزەر مۇلازىمىتىدىن بەھىرلىنىۋاتقانلارنىڭ سانى يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.