ئالما يانفونلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن يانفونغا Cydia پەيدا بولىدۇ . ئەگەردە بىز يانفوننى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ھالەتكە ئەكەلمەكچى بولساق . iTunes ئارقىلىق سىستېما يېزىشقا توغرا كېلىدۇ . لېكىن iTunes ئارقىلىق سىستېما يازغاندا ئەڭ يېڭى سىستېمىنى يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن سىزنىڭ يانفونىڭىزنىڭ سىستېمىسىنى يۇقۇرلاتقۇڭىز يوق !
خۇش ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز ؟
Cydia يوق قىلىش ئۈچۈن يانفوننى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرامدۇق ؟
ئەگەردە سىز يانفوننى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغان تۇرۇپ يەنى Cydia بار تۇرۇپ يانفونىڭىز ‹‹ 抹掉所有内容和设置 ›› بارلىق ماتېرىيالنى ۋە تەڭشەكنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرىمەن دېگەن تۈردە يانفونىڭىزنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ سالسىڭىز يانفونىنىڭ ئاق ئالما بولۇپ قىلىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ‹‹ شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرغان يانفونلارنى ‹‹ 抹掉所有内容和设置 ›› تۈرىنى تاللاپ زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرماسلىقىنى سورايمىز ››
ئۇنداق Cydia يوق قىلىش يەنى سىستېمىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يانفوننى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ھالەتكە ئەكېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟خۇش بىز يوقاتماقچى بولغان Cydia نى Cydia Eraser قىستۇرمىسى ئارقىلىق يوق قىلىمىز ھى ھى ھى
دىققەت :
1 يانفونىڭىزدا ID نومۇرى بار بولسا ئالدى بىلەن ID نومۇرىڭىزنى چىقىرىۋېتىڭ .
2 ئالدى بىلەن يانفونىمىزدىكى مۇھىم بولغان ماتېرىياللارنى ساقلىۋالىمىز. چۈنكى بۇ قىستۇرما يانفوندىكى بارلىق ماتېرىياللارنى يۇيۇپ تاشلايدۇ.
3 يانفون نورمال بولغان تورغا ئۇلانغان بولۇشى كېرەك .
4 يانفونىمىزنىڭ توكى 20% دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك .
5 بىز تىلغا ئالغان Cydia Eraser قىستۇرمىسى ئىجرا بولۇۋاتقان ۋاقىتتا يانفوندا باشقا مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ .
6 Cydia Eraser قىستۇرمىسى نورمال قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يانفوننى قايتا ئاكتىپلىسىڭىزلا بولىدۇ .خۇش ئالدى بىلەن Cydia Eraser قىستۇرمىسى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرەي
قىستۇرما نامى : Cydia Eraser
ماس كېلىدىغان سىستېمىلار : iOS 7.1 – iOS 9.3.3
قىستۇرما ئاچقۇچى : saurik
قىستۇرما مەنبەسى : apt.saurik.com << بۇ مەنبە ئادەتتە Cydia بىلەن بىرگە چىقىدۇ ، ئەگەردە سىز بۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ بولغان دەپ چىققان بولسا قايتا يەنە بىر قاچىلاڭ ! >>ئىشلىتىش :
سىز بۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۈستىدە دېيىلگەن مەزمۇنلارنى بىر كۆرۈپ چىقىڭ . ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مەشغۇلات قىلىڭ !
سىز Cydia Eraser نى چۈشۈرگەندىن كېيىن يانفونىڭىزدا Eraser دېگەن بىر ئەپنىڭ ئاۋۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز . ۋە ئۈستىدە دېيىلگەن ماتېرىياللارنى ساقلاپ قىلىپ بولغان بولسىڭىز Eraser نى قوزغىتىسىز. ۋە ئاستىدىكى erase all data , unjialbreak device دېگەن خەتنى چېكىسىز . ئەلۋەتتە نورمال بولغاندا 5 – 10 مىنۇت ئارىلىقىدا يانفوننى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ھالىتىگە ئەكېلىدۇ . ئەلۋەتتە كۆپ كەتسە 20 مىنۇت كېتىشى مۇمكىن ، ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ تور سۈرىتىڭىزگە باغلىق .
ۋە يەنە كۈتۈلمىگەندە ئانچە مۇنچە مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن . شۇڭلاشقا سىستېما يېزىشقىمۇ تەييارلىق كۆرۈپ قويغايسىز .
خۇش سىزگە ئامەت تىلەيمەن .
مەنبە:
http://www.tizyol.cn/5227.html