بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[ماتىريال] خوش خەۋەر BP تور بەت رامكىسى ئېلان قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
BP نىڭ مەنى
سى نېمە؟



BP بولسا BillPak نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ نۆۋەتتە بۇ رامكا BP دېگەن ئىسىمدا ئېلان قىلىندى.




رامكا دېگەن نېمە؟
كومپيۇتېر پىروگراممىسىدا يۇمشاق دېتال رامكىسى بولسا خاس بىر يۇمشاق دېتالغا تەۋە بولغان ئىقتىدارلارنىڭ ئابسىتراكىتلىشىشى بولۇپ، يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئۈچۈن ئالدىن بەلگىلەنگەن قايتا-قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان زاپچاسلارنى تەمىنلەيدۇ، يۇمشاق دېتال ئاچقۇچى رامكىنى ئىشلىتىپ مەسىلىلەرنى ئوڭاي ھەل قىلالايدۇ ۋە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش سۈرئىتىنى ئاشۇرالايدۇ.


BP دېگەن نېمە؟
BP بولسا front-end رامكىسى بولۇپ، خەلقئارادا كەسىپلەشكەن ئاتالغۇدا front-end نى ئالدى بۆلەك يۇمشاق دېتاللىرىنى ئاچىدىغان كىشىلەرگە قارىتىدۇ، ئالدى بۆلەك يۇمشاق دېتال ئىچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق خىزمەت دائىرىسى html,css,javascript قاتارلىقلار بولۇپ، BP رامكىسى مۇشۇ تېخنىكىلار ئارقىلىق يېزىلغان.




BP نى قانداق ئورۇندا ئىشلىتىمىز؟
BP ئالدى بۆلەك رامكىسى بولۇپ ئاساسلىق نىشانى تور بەت يۇمشاق دېتاللىرنى ئاچىدىغانلارنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، تور بەت سىستېمىسى يانفون بەت سىستېمىسى قاتارلىق، تور كۆرگۈچتە بىرتەرەپ قىلىنىدىغان ۋە javascript,html,css تىللىرى ئىجرا بولىدىغان ۋە ئىجرا قىلالايدىغان ھەرقانداق سۇپا ۋە مۇھىتتا قوللىنىشقا بولىدۇ.


BP رامكىسنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
BP رامكىسى يېزىقى ئوڭدىن - سولغا باشلىنىدىغان مىللەتلەرنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى رامكىلار ئوڭ تەرەپ لايىھەسىنى قوللىمايدۇ. BP رامكىسى يېزىقى ئوڭ تەرەپنى ئاساس قىلغان لايىھەلەرگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ ئامبارلىرىغا تايانمايدۇ، پەقەت بىردانە bpui.css  ۋە بىر دانە bpui.js ئامبىرىنى ئۇلاپلا زاپچاسلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. javascript قىسمى پۈتۈنلەي خام Document Object Model ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئېلملىنتلارنى كونترول قىلىدۇ.


BP دىكى زاپچاس ئاتالغۇسى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
BP دىكى زاپچاس ئاتالغۇسى تور بەت ياساشتا قوللىنىلىدىغان مەلۇم ۋەزىپىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەن ئېلېمېنتلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇلار كۇنۇپكا، ئۇچۇر كۆزنىكى قاتارلىق بىر ئۇچۇم ئالدىن بەلگىلەنگەن ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار زاپچاسلار دەپ ئاتىلىدۇ.




BP دىكى چوڭ ئىككى خىل زاپچاسلار
BP چوڭ تۈردىكى ئىككى خىل زاپچاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ، ئايرىم -ئايرىم ھالدا 1-css زاپچاسلىرى 2-js زاپچاسلىرى قاتارلىقلار بولۇپ، css زاپچاسلىرىنى BP رامكىسى تەمىنلىگەن css ئامبار ھۆججىتىنى ئۇلاپلا css قىسمىغا تەۋە بولغان بارلىق زاپچاسلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، js زاپچاسلىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم css ئامبار ھۆججىتى ئۇلانغان بولۇشى كېرەك.  css زاپچاسلىرى js ئامبىرىغا تايىنىپ قالماستىن مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدۇ، ئەمما js  زاپچاسلىرى css ئامبىرىغا تايىنىدۇ.


BP قانداق مەيدانغا كەلدى؟
شىنجاڭ بىلپاك ئېلېكتىرون سودا چەكلىك شىركىتى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىشى شۇنداقلا مېھنەتسىز تۆھپىكار تېخنىك خادىملارنىڭ ئىنچىكە خىزمەتلىرى ۋە قۇللىغۇچىلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا BP مەيدانغا كەلدى.





BP رامكىسىغا قانداق ئېرىشىمىز؟
BP رامكىسىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بۇلۇپ، رامكا ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئورگان بەتكە كىرىپ خىزمەتكە ئاتلانسىڭىز بولىدۇ.

ئورگان بەت ئادرېسى:
http://bp.billpak.com

شىركەت روھى:
   بىل (بىلىم) غا ئىنتىلىش؛ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىش، قالتىسلىقنى قوغلىشىش!
   پاك (پاكلىق) نى ياشاش مىزانى قىلىش، پاك يېيىش، پاك ئىچىش، پاك ياشاش!
تىجارەت ئىدىيەسى:
راستچىللىق سەمىمىيەت ئاساس، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، خېرىدارنى رازى قىلىش، خېرىدارلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش!
مۇلازىمەت ئىدىيەسى:
   كۆڭۈل قۇيۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، خېرىدارلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش!

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2017-3-22 23:51:03 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ رامكىدا بىرەسىڭلار بىكەت يېزىپ باقساڭلار بولاتتى، كۆرۈپ باقساق.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-3-23 20:14:10 | ئايرىم كۆرۈش

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2017-3-31 19:01:02 | ئايرىم كۆرۈش
يانفۇن بەت يېزىشقا ئىشلەتسە قانداقراق بولار ؟ مەنغۇ ھازىرچە يولداشلارنىڭ بىر قانچە رامكىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارلىرى رازى قىلىدۇ.

گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دېسەم ، بىز مۇشۇ رامكىلارنى بەرپا قىلغىنىڭلارنى ئەلۋەتتە ئاخىرغىچە قوللايمىز . ئەمما سىلەرمۇ بولسا توختىتىپ قويماڭلار، بەزى ئىقسادىي ياكى مۇھىت ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن توختىتىپ قويۇشۇڭلارمۇ مۇمكىن . بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق رامكا ئىجاد قىلغان شەخىس ھەم شىركەتلەر بولغان ، لېكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن داۋاملاشتۇرالمىدى. شۇڭا سىلەرگە بولغان تەۋسىيە ، بوشاشماي تىرىشىڭلار

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-3-31 19:55:45 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت بىزگە دەل مۇشۇگىپىڭلار لازىم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:04 , Processed in 0.236974 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش