ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
ھەر قانداق توربەت ياساشتا كەم بولسا بولمايدىغان تىل بولغان html ھەققىدە 0 سەۋىيەدىن باشلاپ ئۆگۈنۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئەمما ماس قەدەملىك دەرسلىك ئىزدەپ يۈرگەن تورداشلارغا دەرسلىك تەييارلىدۇق.
بىز html دىگەن نېمە دىگەن تېمىدا كۆپ توختالمايمىز. ئەمما شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، ھەرقانداق توربەت پروگراممىسى html بولماي تۇرۇپ توركۆرگۈچ يۈزىدە كۆرۈنەلمەيدۇ. مەيلى سىز php ياكى jsp ئۆگۈنۈڭ ئوخشاشلا html ئاساسىڭىز بولمىسا قىينىلىپ قالىسىز.
شۇڭا php ياكى jsp ۋە ياكى باشقا توربەت پروگراممىلىرىنى ئۆگەنمەكچى بولغان دوستلارنىڭ ئاۋۋال html نى ئۆگۈنۈپ ئۆتۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ دەرسلىكىمىز 0 سەۋىيەدىن باشلىنىدۇ، شۇڭا يېڭىدىن ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا ماس كېلىدۇ. قېنى ئۇنداق بولسا قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلماي دەرسىمىزنى باشلايلى.
* HTML دىگەن بۇ خەت ئېنگلىزچە Hyper Text Markup Language دىگەن خەتنىڭ باش ھەرىپلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسىن ئىبارەت.
* HTML ئېلېمېنتلىرى توربەتنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
* HTML ئېلېمېنتلىرى تەگ (tag) لەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
* تور كۆرگۈچ تەگلەرنى بىزگە كۆرۈندۈرمەيدۇ، ئەمما ئۇلارنى ئىشلىتىپ توربەتنى ھاسىل قىلىدۇ.
تۆۋەندىكىسى بولسا ئاددى html ھۆججىتىنڭ مەزمۇنى:
-
- Page Title
My First Heading
My first paragraph.