بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 6148|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىنگىلىس تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار، ئەسەبىيلىشەيلى!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-24 19:24  

كۈنىگە كەم دېگەندە  300 يېڭى سۆز ئۆگىنىڭ.پېشانىڭىزنى تۇتماڭ،كۈندىلىك خىزمەت مىقدارىڭىز 300-3000 ئەتراپىدا بولىدۇ.ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىڭ(مېنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتۇم 2000،ئەتىگەن سائەت 9دىن باشلاپ ئەتىسى ئەتىگەن سائەت1 گىچە.ئارىلىقتا تاماق يېگەن،خوشياقماي ياتقان خېلى كۆپ ۋاقىت بار).ئەمما،ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم 300.بەلكىم،سىز بۇرۇن كۈنىگە 30 دىن ئوشۇق سۆز ئۆگىنىپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.بۇنچە كۆپ مىقداردىكى سۆزنى ئۆگىنىش ئېنىقلا پو ئاتقانلىق دېدىڭىزما؟ئاۋال سىزدىن سوراپ باقاي،سىز ھازىرغىچە بولغان ھاياتىڭىزدا بىر قېتىم مۇشۇ ئىشنى سىناپ باقتىڭىزمۇ؟سىناپ باقماي تۇرۇپ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى نەدىن بىلىسىز؟ئۇنداق دېيىشىڭىز ئىددىيىڭىزدىكى پىسخىكىلىق توسالغۇ ۋە قورقۇنچتىن بولغان.ئەگەر سىز بىر قېتىم سىناپ بېقىپ،ئاندىن مۇمكىن ئەمەسكەن دېسىڭىز ئۇنى مەن ئاڭلاي،ئەمما،قىلىپ باقماي تۇرۇپ مۇمكىن ئەمەس دېسىڭىز مەن ئۇنىمايمەن.بۈگۈن 10 سۆز ئۆگەنسىڭىز ئەتە 7 سى ئېسىڭىزدە قالىدۇ،ئەمما،بۈگۈن 100 سۆز ئۆگەنسىڭىز ئەتە 93 نى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىش يوق.پەقەتلا 30 نى ئۇنتۇپ قالىسىز.بەلكىم،سۆزلۈك مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۈنۈم پىرسەنتى تۆۋەنلىشى مۇمكىن،لېكىن،ئايدىڭلاشتۇرىدىغان نۇقتا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى پىرسەنت،مىقدار ئەمەس.بەلكىم،10 سۆز ئۆگەنگەندىكى ئۈنۈم پىرسەنتى 70% بولغان بولسا،100 سۆز ئۆگەنگەندە ئۈنۈم پىرسەنتى 65% كە تۆۋەنلىشى مۇمكىن.ئەمما،بۇ 65 دانە سۆز دېگەن گەپ.7 بىلەن 65 نىڭ قايسىسى چوڭ؟ئەگەر سىز 1000 سۆز ئۆگەنسىڭىز،ئۈنۈم پىرسەنتىڭىز 30% قا چۈپ قالغان تەقدىردىمۇ 300 سۆز دېگەن گەپ.65 بىلەن 300 نىڭ قايسىسى چوڭ؟بۇ پىرسەنتلەرنى مەن كاسامغا شۇنداقلا شاپىلاقلاپ دېدىم.ئەگەر بۇ توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقاتلار بولغان بولسا ھەقىقىي يەكۈن بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ.ئەمما،بۇ مۇھىم ئەمەس.مەن سىزنىڭ پىسخىكىڭىزدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاۋاتىمەن.بۇنىڭدىكى 3000 يۇقىرى چەك نورمال ئادەملەرنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن ئېيتىلغان،ئەڭ تېز ئۈنۈمدە ئۆگەنگەندىمۇ 1 كۈنلۈك ۋاقىت شۇنىڭغا ئارانلا يېتىدىكەن.بەلكىم،3000 غا چىقىش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت 4:40 تا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ،5 بىلەن بىر باشلىسىڭىز ئەتە ئەتىگەن 1-2 بىلەن تۈگىشى مۇمكىن.شۇنىڭغا چىدىسىڭىز بولىدۇ.ئەمما،قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.ئەگەر بىر كۈن ۋاقىت 48 سائەت بولغان بولسا،بىز گەپ يوق 5000 سۆز ئۆگىنەلەيمىز.كۈنىگە مانچىدىن دەپ نورما بېكىتىۋالماڭ،ئەمەلىيەتتە،ھازىر ئۆگەنگىنىڭىز بىلەن ئەتە ئۆگەنگىنىڭىزنىڭ ھېچقانچە پەرقى يوق،پەقەتلا بىر ئۇخلاپ قوپىسىز شۇ.ۋاقىتلا بولسا ئىلگىرىلەپ ئۆگىنىۋېرىڭ.بىر كۈندە قانچە سۆز ئۆگىنىش توغرىسىدا مەلۇم چەك يوق.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر2 ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2011-3-10 20:05:03 | ئايرىم كۆرۈش
ئوخخۇ ماگەپنى كۆرەڭ ؟ !!! مەن ئىڭگىلىزتىلى ئۆگىنىۋاتىمەن . ياخشى ئۆنۈم ھاسىل قىلدىغانغا بۇنىڭ دىن باشقا
يۇل يۇقمۇ ؟!!!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2011-3-10 21:51:08 | ئايرىم كۆرۈش
راس  دىمىسىمۇ  ئادەمدە  بىر  خىل  قورقۇش  ھەم  ھۇرۇنلۇق   بار شۇنىڭغا  ئۇگىنەلمەيدۇ

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-10 23:13:07 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە بۇگەپنىڭمۇ ئاساسى بار......بىلىمدىگەننى ئاشۇنداق ساراڭلارچە ئۆگىنىش كېرەك...
10 سۆز ئۆگىنىپ ئۇنى %100 ئەمىنلەشتۈرگەندىن  100 سۆز ئۆگىنىپ 60 پىرسەنىت ئەمىنلەشتۈرسەك ياخشى ئەمەسمۇ.....

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2012-3-31 16:40:11 | ئايرىم كۆرۈش
ablet يوللىغان ۋاقتى  2011-3-10 23:13
مىنىڭچە بۇگەپنىڭمۇ ئاساسى بار......بىلىمدىگەننى ئاشۇندا ...

بىر سىناپ باقىدىغان ئىشمۇ نىمە ؟؟ مەنمۇ قانداق ئۆگەنسەم بۇلا دەپ بېشىم قېتىپ ئولتۇرغان.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-3-31 17:05:56 | ئايرىم كۆرۈش
ساي يوللىغان ۋاقتى  2012-3-31 16:40
بىر سىناپ باقىدىغان ئىشمۇ نىمە ؟؟ مەنمۇ قانداق ئۆگەنس ...

قورقماي ساراڭلارچە ئۆگىنىۋېرىڭ...ئەڭ ياخشى ئامال شۇ...10 سۆز ئۆگۈنۈپ ھەممىسىنى يادىلىۋالغاندىن 100 سۆز ئۆگۈنۈپ 50 60 نى يادىلىۋالغان ياخشى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2012-7-7 23:25:21 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنداق قورقۇتمىسىڭىزچۇ ئادەمنى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2013-2-21 18:37:54 | ئايرىم كۆرۈش
سىناپ  باقاي  ،ياخشى ئۇسۇلكەن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2016-12-5 22:06:05 | ئايرىم كۆرۈش
بىرەر ئېنگىلىسچە سۆز جەدىۋىلى بارمۇ ؟! بولسا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز ! بىرتەرەپتە ئېنگىلىزچە يەنەبىر تەرەپتە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولسا بولاتتى !

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:23 , Processed in 0.246124 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش