بىرىنچى ئۇسۇل: پاسىلداق قۇتا سىگنال كۈچەيتىش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلنى قوللىنپ باققان نۇرغۇن تورداشلار تور سىگنالىنىڭ راستىنلا كۈچەيگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.
ئىككىنچى ئۇسۇل: روتېرنى ھەرگىزمۇ ئۆينىڭ تام بۇلۇڭىغا قويماڭ، WIFI سىگنالى تام ئارقىلىق يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئامال بار روتېرنى ئۆينىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى كەڭرى بوشلۇققا قويۇڭ، بۇنداق بولغاندا تور سىگنالى ئۆيىڭىزنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە يېتىپ بارىدۇ.
ئۈچىنچى ئۇسۇل: روتېرنى ئېگىزرەك يەرگە ئېلىپ قويۇڭ. بۇنداق بولغاندا سىگنالنىڭ توساقلار تەرپىدىن ئاجىزلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سەۋەبى روتېر سىگنال تارقاتقان ۋاقىتتا ئۈستىدىن ئاستىغا قارىغان يۆنىلىشتە سىگنال تارقىتىدۇ.
تۆتىنچى ئۇسۇل: ئۆيدىكى ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىدىن يىراق جايغا قويۇڭ. چۈنكى كۆپىنچە توكلۇق ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسى Wi-Fi سىگىنالىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. گەرچە قوش دولقۇنلۇق روتېرنىڭ بۇنىڭغا ئامالى بار بولسىمۇ، سىز قايتىدىن پۇل بۇزۇپ سېتىۋېلىشنى خالىمىسڭىز، روتېرنى يەنىلا ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىدىن يىراق جايغا قويۇڭ.
بەشىنچى ئۇسۇل: ئانتېننانىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسىنى تىك ھالەتتە تەڭشەپ قويۇڭ. چۈنكى ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئانتېننا بىلەن روتېرنىڭ ئانتېنناسى پاراللېل ھالەتتە تۇرغاندا سىگنالنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئادەتتە كومپيۇتېرنىڭ ئانتېنناسى گورىزونتال شەكىلدە بولۇپ، تېلېفون بىلەن تاختا كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئوخشاشمايدۇ. شۇڭا روتېرنىڭ ئانتېنناسىنى ئوخشىمغان يۆنىلىشكە تەڭشەپ قويسىڭىز، سىزنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجلىرىڭىزغا ماس كېلەلەيدۇ.
ئالتىنچى ئۇسۇل: كونا روتېرنى قايتا ئىشلىتىش، ئالدىنقى شەرتى كونا روتېر WDS كۆۋرۈكلۈك ئۇلاشنى قوللىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. سىمسىز AP سىستېمىسىنى تەڭشەپ، سىمسىز تور دائىرىڭىزنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ.
سىمسىز تور ئاساسىي تەڭشىكىنى ئېچىپ رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز. قىزىل قەلەمدە يېزىلغان ئىككىنچى دېگەن رەسىمدىكىدەك، 扫描 دېگەن خەتنى بېسىپ ئەتراپتىكى سىمسىز سىگنالنى سىكاننېرلايمىز. 3 رەقىمى يېزىلغان رەسىمدىكىدەك سىگنالى ئەڭ كۈچلۈك AP نى تاللايمىز. ئەڭ ئاخىرىدا 4 رەقىمى بار رەسىمدىكىدەك تاللىۋالغان AP كە مەخپىي نۇمۇر بېكىتىپ ساقلايمىز.