بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاشنىسىنى سورۇنغا ئەكەلگەنلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


زامان-زامانلاردىن بۇيان ئاشىنا تۇتۇش ئەجداتلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ ھازىرغا كەلگەندە بولسا بۇرۇنقىلار بىرنى تۇتسا ھازىر 8-9نى تۇتىدىغان ،شەرمى-ھايا ئىتقاد ،ئىسلامنى قايرىپ قويىدىغان،تىخى ئاشنىسىنىڭ كۆپلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان ئىشلار تخى بىللە ئولتۇرۇپ ئىچىدىغان ئادەتلەر ئەۋج ئالدى،شۇنىڭبىلەن بىرگە 3-4بالىنى يىتىم قلىپ ئۆينى بۇزىدىغان،ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلىدىغان،خىزمەتتىن ھەيدىلىدىغان تىراگدىيەلەر كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بىز ئىبىرەت ئىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكىسچە تىخمۇ كۆپەيمەكتە،

مانا ئۆتكەندە بىر يەرگە تاماققا چىللىدى،باردۇق،ئەپسۇس!!بىزنى مىھمان قىلغۇچى ساھىپخان ئۆزىنىڭ تازىمۇ چىرايلىق ئاشنىسى بارلقىنى تىلفۇن قىلسلا چىقىدىغانلقىنى دەپ ماختاندى،بىزمۇ-- ھە قىنى چىقسۇن ئەمىسە--دىيشتۇق،دىگەندەك يىرىم سائەتلەردىن كىيىن بىر قىز چىقتى،دىمىسىمۇ چىرايلق ئىكەن،ئۆزىنىڭ مەلۇم دوختۇرخاننىڭ سىستىراسى ئىكەنلكىنى دەپ ئارىمىزغا سىڭدى،بىز 8ئەر كىشى ،ئۇ بىرلا قىز،(توۋا قىزلار راسلا باتۇرلىشىپ كىتىپتۇ،مەن جىنمدىمۇ 8ئايالنىڭ ئوتتۇرىدا يالغۇز دادىل ئولتۇرالمايمەن،)ھەممىنىڭ كۆزى شۇنىڭدا،بولۇپمۇ باشلقنىڭ كۆزى ئوت بولۇپ ياندى،ساھىپخانغا باشلىق بەك زورلاپ مەس قىلىپ قويدى بولغاي،ئاڭغىچە ئۇ قىزنى باشلىق تانسىغا تارتىپ قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىگە بىر نىمىلەرنى پىچىرلدى،ئارىدىن يىرىم سائەت ئۆتمەيلا باشلق غىپپىدە يوقىدى ،ئاندىن ھىلقى قىز مۇ يوقىدى،بىرەر سائەتتىن كىيىن ساھىپخانغا تىلفۇن كەلدى ،ئۇخىلى ئۇزۇن تالادا مۇڭدىشىپ كىرىپ مىنى تالاغا توۋلىدى،چىقتىم،ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ
--بورانكا،ماۋۇ باشلىق بەك خۇمسىكەن،ھىلقى قىز دوستۇمىنى ئەپقىچىپتۇ،ئۇ پاسكىنا جالاپمۇ ئارقىسدىن مىڭپتۇ،تخى ماڭا تىلفۇن قىلىپ بۇندىن كىيىن مەن بىلەن ئارلاشمايدىغانلقىنى ،باشلقنىڭ ئۇنىڭغا مىنى پو ئىتىپ يۈرگىنى بىلەن قەرزى تولا،شۇنداق مەينەت چىراي نىمە بىلەن بىللە ماڭسىڭىز باشقا دوسلىرىڭىز ئالدىدا خىجىل بولمامسىز،ئۇنىڭ ئاشۇ داس ماشىنىسىغا چىققۇچە مىنىڭ ماۋۇ راھەت ماشىنام ياخشى ئەمەسمۇ،سىزنى خالىغان يەرگە يۆتكەپ قويىمەن،يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپتۇ،ئىسىت ،،،سورۇنغا خەجلىگەن پۇلغۇ مەيلى،ئەمما ئا باشلقنىڭ قىلغىننى ئىچىمگە سىغدۇرالمىدىم،
ئۇ بىر مۇنچە سۆزلەپ يۇم-يۇم يىغلىدى،كۈلگۈم كەلدى،گۇنانى باشلىققا قويايمۇ؟قىزغا قويايمۇ؟ياكى ئاۋۇ ساھىپخانغىمۇ؟توغىرا ئەسلىدىن بىز ئەخلاق تىمىسىدىن چەتنىمەسلكىمىز كىرەك ئىدى،تخى بەزىلەرنىڭ مىنى تىللىشى ئىنىق.سىزمۇ قاراپ تۇرغانسىز ھەقىچان،ئۇنداق يەردە نىمە بار،ئۇيەي-بۇيەي ۋاھاكازالار،،،،،،،،،
*************************************
ئۆتكەندە ناھيىمىزنىڭ نامى بىر رىستۇرانغا پوسىكامدىن كەلگەن 2 ئاغىمىزنى توۋلدۇق،تاماق يەپ 3-4 مۇزىكا ئاڭلاپ چىقىپ كەتمەكچى،بىراق يىنىمىزدىكى ئايرىم خانىدىن بىر سىكىرىتار بىزنى كۆرۈپلا چاپلاشتى،
---ۋاي بورىناخۇن،بۇ ئاغىنلىرىڭىز كەلگەندە بىز كۈتمىسەك قانداق بولىدۇ،ئىناۋەتلىرىنى مانا بىز قىلىمىز،
مەن گەپ قىلاي دەپ بولغىچە مىنى ئىغىز ئاچۇرماي كۈتكۈچىنى توۋلاپ سورۇننى بىر لەشتۈرىدىغان بولدى،ھەم بىزنى ئۆزىنىڭ سورۇنىغا ئەكىردى،ئوھھۇ،ئۇ سورۇندا 3قىز ئولتۇراتتى،يەنە ئىككى 50 ياشلاردىكى ناتونۇش ئەرمۇ بار ئىدى،ئۇلار بىلەن سالامىشىپ جايلاشتۇق،قىزلارمۇ-ئەرلەرمۇ يامان ئەمەس تەڭشىلىپ قاپتۇ،سەيلەرنى قايتىدىن بۇيرۇپ كونا سەيلەرنى يۇغۇشتۇرىۋەتتى،ئاندىن سورۇندىكلەر تونۇشتۇق،قالغان ئىككىسمۇ ناھىيدە خىلى داڭقى بار سىكىرتارلار ئىكەن،ئاۋۇ قىزلار ئۇلارنىڭ ئاشنىسى بولۇپ بۈگۈن بۇلار جەم بولۇپ پەيزى قىلماقچى بولغىندا بىز بىلەن ئۇچىرىشىپتۇ،ئارىلقتا سەيلەرگىمۇ ئىغىز تەگدۇق،رۇمكىلار ئايلىنىشقا باشلىدى،قىزلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىچمەكتە،مەنمۇ ئەدەپ يۈزىسدىن قىزل تۆگىنى نۆۋىتىمدە بىر سوقۇشتۇرۇپ ئولتاردىم،پاراڭ تازا ئەۋجگە چىققاندا تۈيۈقسىز بىر پىيالە ئۇچۇپ بىرىپ يىنمدىكى قايسىبىر سىكىرتارنىڭ قاق پىشانىسىگە تەگدى،
--ھۇ ماز قىرى دەللال شوۋا دىگەن سەن،
ئاڭغىچە پىيالە تەككەن سىكىرىتارنىڭ يىنىدىكى قىز ئالدىدىكى تەخسىنى ئىلپلا پىيالىنى ئاتقان قىزنىڭ قۇلاق تۈۋىگە بىرنى سالدى،تالاغا چىقىپ كەتكەن يەنە بىر قىز كىرىپ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ نىرى-بىرىنى سۈرۈشتۈرمەيلا پىيالە ئاتقان قىزنىڭ چىچىدىن تۇتۇپ سەي جوزىسىغا ئۈستۈرۈشكە باشلىدى،سورۇن پاتىپاراق بولدى،ئاندىن قىزلارنىڭ ئاشنىسى بولغان سىكىرتارلارمۇ خوزىلارنى ئۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن سىقىشىپ يانلىرىدىن پىچاقلىرىنى چىقىرىپ بىر مەيدان قاتىىللق قىلىشقا تەمشەلدى.ئاچچىقىم شۇنداق كەلدىكى قاتتىق بىرنى ۋاقىراپ قىزلاردىن تارتىپ ئاۋۇ سىكىرتارغىچە ھەممىسىنى بىر ئىككىدىن ئۇرۇپ-تىللاپ دىگەندەك سورۇننى پەسكويىغا چۈشۈردۈم،ئۇرۇشۇشنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم،
ھىلىقى پىيالە يىگەن سىكىرتار پىيالە ئاتقان قىزغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ كىچچە بىللە يىتىشنى،ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ قالغانلقىنى،ئەگەر گىپىگە ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىدىغانلىقىنى يەنە پۇلنى جىق بىرىدىغانلقىنى ،ئۇنى يەنە جالاپ،پاسكىنا دىگەندەك گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەپتىمىش ،ئۇ قىزنىڭ ۋىجدانى تۇتۇپتۇ،ئاۋۇ قىزغا بولوشۇپ يەنە بىر قىزنى جوزىغا ئۈستۈرگىىنى دوسىتكەن،ئۇ دوستى ئا سىكىرتارنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇپ قويۇپتىكەنمىش،ھەممىسنىڭ بىر-بىرىنى يىسە دەردى يوق،ئورنۇمدىن تۇردۇم،ئاغزىمنى بۇزدۇم.
-ھۇ ناشۈكۈر پىسەندىلەر،ئۆيدىكى ھالال جۈپتۈڭ ھەقىچان قازاننى قاينىتىپ،مەشنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي،نەۋرەڭنى سىيلاپ ئۇخلىتىپ،ساڭا تەلمۈرۈپ ئولتارغاندۇ،ئىتىز بىشىدا ئىشلەۋاتقىنى،كىيمىڭنى يۇيىۋاتقىنى ،ئۆينى سۈپۈرۈپ تازىلىغىنى يەنە شۇلار،خوتۇنۇڭ ئىشلەپ تاپقاننى،دىھقاننىڭ ھەققىدىن شۇلغاننى،ئوغۇرلۇقچە ئىجارە ساتقان يەرنىڭ پۇللىرىنى مانا ماۋۇ شەرمەندە جالاپلىرىڭغا خەجلىشىسەن،سەن پەس نىمىلەرمۇ داداڭدەك ئادەملەرنىڭ كەينىدىن پۇلىنى دەپ ماڭىسەن،بۇلارنىڭ پۇلى بىلەن ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ھىساپلايدىغان لىڭتاسما مۇھەببىتڭگە خەجلەيسە،يوقىلىش،
جوزىنى ئۆرىدۈم،ھىلىقى ئاغىنىلىرىمگىمۇ قارىماي چىقىپ كەتتىم،ھازىرغىچە سىكىرتار بىلەنمۇ ئۇچىراشمىدىم،
**************************************************
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،نەچچە ئەسىر جاھاننى تىترەتكەن،ئاچچىغى كەلسە ياۋايىلىشىپ دەرەخنى يىلتزىدىن قومۇرۇپ بىراۋلارنى تاڭ قالدۇرغان،ھىندىستانلقلارنى ئىشتىنىغا سىيدۈرىۋەتكەن قاراملقتا،تەلۋىلكتە ئۇچىغا چىقىپ تونۇلۇپ مانا ئەمدىلكتە قوساق تويۇپ،كىيىم پۈتۈنلىنىپ قولىمىز 2 تەڭگە پۇل كۆرسە ئەسلىمىزنى ئۇنتۇپ ،شەھۋىتمىزنى باسالماي،نىسىۋىمىزگە قانائەت قىلماي پۇلغا ئۆز قىزلىرىمىنى بۇزىۋاتقان،پۇل ئۈچۈن نىرى-بىرىنى سۈرۈشتۈرمەي قىزلقىنى ياتاقتا يوقىتىۋاتقان،ئانا تۇرۇپ قىزى بىلەن ئەر تالىشىپ ياتلىشىۋاتقان بىز بولماي كىم،ئەي سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئەرلىرى،ئاشىنا تۇتماڭ،ئۆزىڭىزنى خارلىماڭ،پۇللىرىڭىز گەرچە ھارامدىن ياكى ھالالدىن كەلگەن بولسۇن ئۇنى بالىڭىزغا،تۇققانلىرىڭىزغا،ئەتىراپتىكى سىزنىڭ ساخاۋىتڭىزگە تەشنا كىشلەرگە ئىشلەتسىڭزى بۇ دۇنيادا ھۆرمىتڭىز ئاشسا ئۇ دۇنيادا ساۋابىنى كۆرەتتىڭىز،مىنى بەلكىم مۇشۇنداق كەلسە-كەلمەس لاۋزا تىما يازىدۇ،مۇنبەردىلا پەتىلدەپ ئەمەليەتتە قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ دەپ داۋراڭ سالىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس،ئەگەر سىزنىڭ ياكى مىنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن بىللە ئىشلەش پۇرسىتىمىز بولغان بولسا شۇچاغدا بىلىشىپ قالاتتۇق،قىرىندىشىم،ئانڭىزنىڭ،دادىڭىزنىڭ ھەققىدە ئاشىنا تۇتماڭ،ئاشىنا ئوينىماڭ،بولمىسا سىزنىڭ خوتۇن-قىزىڭىزمۇ شۇنداق قىلىپ سالىدۇ،،چۈنكى بۇ--ئۆتنە ئالەم...

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2017-3-19 11:56:35 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ تېمىڭىزغا ۋە سىزنىڭ غورۇرىڭىزغا رەھمەت . ھازىرقى دەۋرىمىزدە سىزدەك  غورۇرى بار ئادەملەر زادى قانچىلىك . مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم پەقەت ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە يوللانغان تېمىلاردا ئاندا ساندا ئۇچرىتىپ قالىمەن . ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت  تۈزەلمەس دەيدىغان گەپ بار، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئانداق ئۇيغۇر مانداق دىسە خاپا  بولاتتىم ئۆزىنى ئۆزى سۆكۈپ دەپ . لېكىن بۇ ئەمىليەت ئىكەن . بىز ئىشقىلىپ دۇنيادا بىر مىللەت .ئىكەنمىز . بىزگە ئوخشاش يەنە بىر مىللەت يوق  بولۇشى مۇمكىن . بىزنىڭ قان قېنىمىزغا ھەسەتخورلۇق، شەخسىيەتچىلىك ، باشقىلارغا ئورا كولاش سىڭىپ كېتىپتۇ ، بۇنى ئۆزگەرتمەك مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەستەك بىلىنىدۇ . لېكىن بالامنى مەكتەپتە راۋۇرۇس ئوقۇتۇپ بىر بىلىملىك ئادەم قىلىپ چىقىشنى كۈندە ئويلايمەن ، چۈنكى بىلىملىك مەدىنيەتلىك ئادەملەر يىراقنى كۆرەلەيدۇ ، ۋىجدان غورۇر بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، قانچە بىلىمسىز بولغانسىرى مۇشۇنداق مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىچى يامان باشقىلارغا ئورا كولايدىغان ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ، بولسا  سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايمەن ، مەن36 ياشقا كىردىم . يېشىمىز تەڭ قۇراملىك بولسا  دوس  بوپ قالساق ، چۈنكى بىر ۋىجدانلىق غورۇرلۇق ئادەم  گۆھەردىنمۇ قىممەتلىك . QQ 770328798 . سىزگە سىزنىڭ شۇ غورۇرىڭىزغا چىن قەلبىمدىن ھۆرمەت بىلدۈرىمەن . رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:06 , Processed in 0.241492 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش