ئالدىنقى قېتىم بىز 索爱X10i نىڭ root ھوقوقىغا ئېرىشىشنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئىدۇق. root ھوقوقىغا ئېرىشىش دەرسلىك ئادىرىسى:
/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=5487
ئەمدى بىز بۇ سائەتتە root ھوقوقىغا ئېرىشىپ بولغان 索爱X10i غا rom يېزىشنى ئۆگىنىپ ئۆتىمىز.
ئەسكەرتىش:
. ئىش باشلاشتىن بورۇن تېلفوننى 豌豆荚 دىتالى ئارقىلىق ياخشى زاپاسلىۋېلىڭ، چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://www.wandoujia.com
. rom يېزىشتا بەك ئېھتىيات قىلىڭ، بۇ سەل خەتەرلىك ئىش. ئەگەر بىرەر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا بىلىملەر تورى مەسئۇل ئەمەس.
يوقارقى دەرسلىك پەقەتلا ۋە پەقەت 索爱X10i تېلفونغىلا ماس كېلىدۇ، باشقا تېلفونغا سىناپ يۈرمەڭ. باشقا تېلفونلارنىڭ ئازىم بولسا ئىنكاس يېزىپ قالدۇرۇڭ.
كىرەكلىك دىتاللارنى چۈشۈرۈش
. Busy box:
چۈشۈرۈش
. er_3.2.4.xRecovery:
چۈشۈرۈش
. RE管理器 :
چۈشۈرۈش
تەييارلىق
. تېلفوننى چوقۇم root قىلىنىپ بولۇنغان بولىشى كىرەك.
. تېلفوندا Busy box نى قاچىلاڭ
. تېلفوندا xRecovery نى قاچىلاڭ
. تېلفونىڭىزنىڭ توكى چوقۇم %50 دىن يوقىرى بولۇشى كىرەك.
ئەمسە Rom يېزىشنى باشلاپ كەتتۇق
. تېلفوندا Busy box دىتالىنى ئېچىڭ (دىققەت: دىتالنى ئاچقاندا 授权提示 ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ، 允许 نى بېسىپ ماقۇللاڭ).
ئۇنىڭدىن كىيىن install نى بېسىڭ.
ئەمدى بىر ئاز ساقلاپ تۇرسىڭىز ئوڭۇشلۇق قاچىلانغان ئۇچۇر كۆرسىتىدۇ.
. تېلفوندا xRecovery نى قوزغۇتۇڭ (دىققەت: دىتالنى ئاچقاندا 授权提示 ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ، 允许 نى بېسىپ ماقۇللاڭ). ئاچقاندىن كىيىن Install xRecovery دىگەننى بېسىڭ.
授权请求请 ئەسكەرتمىسىگە 允许 نى تاللاڭ.
ئەگەر تېلفوندا تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.
ئەگەر تېلفوندا تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقسا مەغلۇپ بولغان بولىمىز.
. Busy Box بىلەن xRecovery نىڭ ئىشى تۈگىگەندىن كىيىن تېلفوننى قايتا قوزغۇتۇپ SonyEricsson دىگەن ئاق خەت چىققاندا توختىماستىن تېلفوننىڭ قايتىش كونۇپكىسى (返回键) نى باسسىڭىز تېلفون رەسىمدىكىدەك ھالەتتە كىرىدۇ.
. تېلفونغا Rom يېزىشتىن بۇرۇن wipe مەشخۇلاتى ئېلىپ بارىمىز. wipe بولسا تېلفوننى تازلايدىغان مەشخۇلات (زاۋۇتتىن چىققان ئەسلىگە قايتۇرۇش بىلەن ئوخشاش).
-- Factory Reset
-- Wipe Cache Partition
Advanced Options غا كىرىڭ
-- Wipe Dalvik Cache
-- Wipe Battery Stats
ئەگەر ئۇسلۇبنىلا تازلىماقچى بولسىڭىز advanced options--wipe dalvik cache مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىڭ.
. تېلفونغا Rom يېزىشتىن بورۇن ئەڭ ياخشىسى بىر زاپاسلىۋېلىڭ
backup and restore
. ئەمدى يېڭىلاشنى باشلىۋېتەيلى. سىز توردىن چۈشۈرۋالغان ئەڭ يېڭى Rom نىڭ ئىسمىنى update.zip قىلىپ تېلفون سىغىم كارتىڭىز (多媒体卡) نىڭ غول مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ يوقارقى رەسىمدىكى install custom zip---Choose custom zip from SD Card نى تاللاپ Rom يېڭىلاشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
مانا ئەمدى ئىش تامام. تېلفوننى قايتا قوزغىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ، يېڭى روم قانداقراقكەن؟
ئەگەر يوقارقى باسقۇچلاردىن قايسى باسقۇچنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز سەۋېرچانلىق بىلەن ئىنكاس يېزىپ ياردەم سوراڭ، Rom يېڭىلىغاندا ئالدىراقسانلىق قىلماڭ.
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى adminنىڭ مىكرو بلوگى