تېرە قەغەزنىڭ ئالتىنجسى
بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى بېسۋالىمەن.
دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ ، پەسيدۇ، قىش كىتىدۇ، باھار كىلىدۇ ، يازدىن كيىن كۈز كىلىدۇ ، ئاي بىردە ئورغاق شەكىلدە بىردە تۇلۇن شەكىلدە بۇلىدۇ ، ياۋا غازلار كىلىدۇ ، يەنە كىتىدۇ ، گۈللەر ئېچىلدۇ، تۇزۇيدۇ، چۆپلەر ئۆسىدۇ، مىۋىلەر پىشىدۇ ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى جىمى مەۋجۇت دەۋريلىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، مەنمۇ بۇنىڭ سرتىدا ئەمەس، كەيپىياتىم بەزىدە ياخشى ، بەزىدە ناچار بۇلۇپ تۇرىدۇ .
بۈگۈن مەن ئۈزۈمنى بېسۋالىمەن.
بۇ تەبىئەتنىڭ چاقچىقى ، ئۇنىڭ سىرىنى بىلدىغانلار كەمدىن - كەم چىقىدۇ . مەن ھەر كۈنى ئويغانغاندا ،بۇرۇنقى كەيپياتىمنى ئۇنتۇيمەن . تۈنۈگۈنكى خۇشاللىق بۈگۈن قايغۇغا ئايلىندۇ ، بۈگۈنكى قايغۇ ئەتكى خۇشاللىققا ئۇرۇن بېرىدۇ . مېنىڭ يۈرۈكۈمدە توختىماي ئايلىنىپ تۇردىغان بىر چاق بار، خۇشاللقتىن قايغۇغا ، قايغۇدىن خۇشاللىققا ، يەنە خۇشاللقتىن قايغۇغا ئايلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ گۈلنىڭ ئۆزگىرشگە ئوخشايدۇ ، بۈگۈن گۈلدەك ئېچلغان چىراي ئەتە ئۈمۈدسىزلكتىن سولشىپ قېلشى مۇمكىن.لېكىن ، بىر نەرسنى ئېسمدە چىڭ ساقلايمەن ، بۈگۈن قۇرۇپ قالغان گۈلنىڭ بەرگىگە ئەتىكى يېڭى ھاياتلىقنىڭ ئۇرۇقى يۇشۇرۇنغان بۇلىدۇ . بۈگۈنكى قايغۇ ئەتكى خۇشاللقنىڭ بىشارىتى .
بۈگۈن مەن ئۈزۈمنى بېسۋالىمەن .
قانداق قىلغاندا كەيپىياتىمنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، ھەر كۈنى ئۈنۈمىگە ئىگە بولغلى بۇلىدۇ ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن كەيپىياتىمنى نۇرمال تۇتۇشۇم كىرەك ، بولمىسا ئەتىكى كۈنۈممۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . گۈل- گىياھ ، دەل -دەرەخلەر ھاۋانىڭ ئۆزگىرشگە ئەگىشىپ ئۆسىدۇ. لېكىن ، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ھاۋا پەيدا قىلشىم كىرەك . مەن يېتشمىگەن ھاۋانىڭ ئۆزۈمنىڭ يۈرۈكۈم ئارقىلىق تۇلۇقلاشنى ئۈگۈنۋالمىسام بولمايدۇ . ئەگەر مېنىڭ خېرىدارلارغا ئاتا قىلدىغنىم قار- بۇران ، قايغۇ - ئەلەم ، زۇلمەت ۋە ئۈمۈدسىزلىك بولسا ، ئۇلارنىڭ ماڭا قايتۇردىغىنمۇ قار-بۇران، قايغۇ ئەلەم ، زۇلمەت ۋە ئۈمۈدسزلىك بۇلىدۇ ، مىنىڭ ماللىرىمنى ئالمايدۇ. ئەكىسچە، مەن خېرىدارلارغا خۇشاللىق ، يۇرۇقلۇق ۋە كۈلكە ئاتا قىلسام ، ئۇلارمۇ ماڭا خۇشاللىق ، يۇرۇقلۇق ۋە كۈلكە قايتۇردۇ، ئۇ چاغدا ماللىرىمنى ھەسسلەپ سېتىپ ، تەڭداشسىز بايلققا ئىرىشمەن.
بۈگۈن مەن ئۈزۈمنى بېسۋالىمەن .
ھەر كۈنى بەخىت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۈتۈش ئۈچۈن ، قانداق قىلغاندا كەيپياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ ؟ مەن قەدىمدىن كېلۋاتقان مۇنۇ سىرنى بىلۋېلشىم كىرەك : « ئاجىزلار ھەركىتىنى كەيپياتىغا بويسۇندۇردۇ، كۈچلۈكلەر كەيپياتنى ھەركىتگە بويسۇندۇردۇ ».
ھەر كۈنى ئورنىمدىن تۇرغاندا، قايغۇ ، بىچارىلىك ۋە مەغلۇبىيەت تۇيغۇسنىڭ ئىسكەنجىسدە قالسام ، ئۇنىڭغا مۇنداق تاقابىل تۇرىمەن :
مەيۈسلەنگەندە ، ئاۋازىمنى قۇيۋېتىپ ناخشا ئېيتىمەن.
قايغۇغا چۆمگەندە، ئۆزۈمنى قۇيۇۋېتىپ كۈلىمەن .
ئاغىرىپ قالغاندا ، ھەسسلەپ خىزمەت قىلمەن.
ۋەھىمە باسقاندا ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيمەن.
ئۈزۈمدىن ئۈمۈدسزلەنگەندە، يېڭى كىيملىرىمنى كىيىمەن.
خاتىرجەمسىزلەنگەندە، ئاۋازىمنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ سۆزلەيمەن.
نامراتلىشىپ كەتكەندە ، كەلگۈسدىكى بايلىقنى ئويلايمەن .
دەرمانىمدىن قالغاندا، ئىلگىرىكى مۇۋاپىقيەتلىرىمنى ئويلايمەن .
ئۈزۈمنى ئاجىز ھىس قىلغاندا ، كۆزلىگەن نىشانىمنى ئويلايمەن .
قىسقىسى، مەن بۈگۈن ئۈزۈمنى بېسۋالىمەن .
بۈگۈندىن باشلاپ ، مەن بىر نەرسنى چۈشەندىم . ئىقتىدارسىزلارنىڭلا قۇلىدىن ئىش كەلمەيدۇ ، مەن ئىقتىدارسىز ئەمەس، مەن مېنى ۋەيران قىلۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان كۈچلەر بىلەن توختىماي ئېلششىم كىرەك . ئۈمۈدسزلىك ۋە قايغۇ ئەلەمنى بىر قاراپلا بىلۋالغىلى بۇلىدۇ . لىكىن، دۈشمەننى ئاسان سىزىۋالغىلى بولمايدۇ. ئۇلار چىرايدا تەبەسسۇم، قوللىرنى پۇلاڭلىتىپ كىلىدۇ، مېنى خالغان ۋاقىتتا ۋەيران قېلۋېتىشى مۇمكىن. ئۇلارغا كەلگەندە، ھۇشيارلىقىمنى مەڭگۈ بۇشاشتۇرماسلىقىم كىرەك.
مەنمەنچىلكىم تۇتقاندا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان چاغلىرىمنى ئەسلەيمەن.
باياشاتلىققا ئىرىشكەندە، ئاچ قالغان كۈنلىرىمنى ئەسلەيمەن.
يۈرىكىمدە كۈرەڭلىك تۇيغۇسى باش كۈتۈرگەندە، رىقابەتچىللىرىمنى ئەسلەيمەن.
خۇشاللىققا ئىرىشكەندە، خورلۇق تارىتقان چاغلىرىمنى ئەسلەيمەن.
ئۈزۈمنى چوڭ تۇتقاندا، ئۆزۈمنىڭ ھەممىگە قادىر ياكى ئەمەسلىكىمنى ئويلايمەن.
بايلىققا ئىرىشكەندە، ئاچ يۈرگەنلەرنى ئويلايمەن.
تەكەببۇرلۇقۇم تۇتقاندا، ئۆزۈمنىڭ قورقۇنچاقلىق قىلىپ يۈرگەن چاغىلىرىمنى ئەسلەيمەن.
جاھانغا پاتماي قالغان چاغلىرىمدا، بېشىمنى كۈتۈرۈپ يۇلتۇزلارغا قارايمەن.
بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى بېسۋالىمەن.
مەن بۇ ئىقتىدارغا ئىگە بولسام ، باشقىلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى تېخىمۇ ئاسان سېشىۋالالايمەن. مەن غەزەپتىن ئەسەبىيلەشكەن ئادەملەرنى كەچۈرىمەن، چۈنكى، ئۇلار ئۆزنى بېسۋېلىشنى ئۇقمايدۇ، ئۇلارنىڭ تىللاش، ھاقارەتلەشلىرىگە چىدايىمەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەتە ئۆزگىرىپ، مۇلايم ھالىتگە قايتىدىغانلىقنى بىلىمەن.
مەن ئادەملەرنىڭ بىرلا تەرپىگە قاراپ باھا بىرىدىغان ، بىردەملىك ئۆچ-ئاداۋەتنى دەپ باشقىلارغا ئارلاشمايدىغان ئىشنى ئەمدى قىلمايمەن. بۈگۈن بىر تىيىن پۇل خەجىلەپ، كاتتا پەيتۇن سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمىغان ئادەم ، ئەتە پۈتۈن مال بىساتىنى بىر تال جىرىمغا تېگىشۋېتىشى مۇمكىن. بۇ سىرنى بىلۋالغانىكەنمەن، چۇقۇم زور بايلىققا ئىرىشمەن.
بۈگۈن مەن ئۈزۈمنى بېسۋالىمەن.
مەن ھازىر ئىنسان كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرشدىكى سىرنى بىلۋالدىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆزگىرشچان كەيپىياتىمنى ئەمدى ئۆز مەيلىمگە قۇيۇپ بەرمەيمەن. ماڭا مەلۇم، ئۆزنى بېسۋېلىشقا قادىر ئادەملا ، ئۆز تەقدىرنى قۇلىدا تۇتۇپ تۇرالايدۇ.
مەن ئۆز تەقدىرىمنى قۇلۇمدا تۇتۇپ تۇرالايمەن، مېنىڭ تەقدىرىم دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى بۇلۇش.
مەن ئۆزۈمگە خۇجايىن بۇلىمەن.
مەن مۇشۇ ئارقىلىق ئۇلۇغۋارلىققا ئىرىشىمەن.
«دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
بۇ مەزمۇننى ياقتۇرغان بولساڭلار كىتابىنىمۇ ئوقۇپ قويۇڭلار :
ئوقۇش ئادىرسى