ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن...
مەن يېقىندا مۇنبەر ئارلاۋېتىپ بىلىملەر تورى تارقاتقان بىرقىسىم بەتلەرنىڭ ، شەخسەن كىنو بەتنىڭ باشقا مۇنبەرلەر ئارسىدا ،
ئۆز نامىدا تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ، كۆرۈپلا شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، ھەتتا كىنو بەت ئاستىدىكى Powered by bilimlar نىمۇ ئۆزىنىڭ بىكەت نامىغا ئالماشتۇرۇپ ، قۇرۇلما ياكى ئىقتىدار جەھەتتە ھېچبىر ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايلا تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم..........
بۇنداق قىلمايلى دوسىتلار ، بىلىملەر ئەپەندى ۋە بىلىملەردىكى ئۇستازلار بەتنى بىر يەردىن كۆچۈرۈپ كىلىپ تارقاتمايدۇ ياكى كۆزنى يۇمۇپلا يېزۋىتىدىغان نەرسە ئەمەس بۇ ... بەلكىم ئاشۇ تارقاتقان بىكەت ئىگىسىمۇ بىلىملەردە ئۈگۈنۈپ ئاندىن بىكەت ئاچقۇدەك بولغۇيتى... بۇنداق ئىشلا بىرلا ئەمەس ، بۇنىڭدا بىلىملەردىكى ھەربىر ئەزا ۋە ئۇستازلارنىڭ مەسئۇليىتى بار دەپ قارايمەن.
ئۆزىمىزنىڭ نەرسىسىگە ئۆزىمىز ئىگە بولمىساق باشقىلار ئىگە بۇلۇپ بەرمەيدۇ...
بىلىملەردە تەلىم ئېلىۋاتقان بارلىق بىكەت باشلىقلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،
ھەمدە بىلىملەر ئەپەندىمنىڭ بىلىملەر تورىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئاستىغا كۆچۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىش توغرىسىدا ئەسكەرتىش بىرشىىگە تەكلىپ بىرىمەن، مۇشۇنداق تارقاپ يازمىلار باشقىلارنىڭ نامىغا ئۆتۈپ كىتىپ ئاخىرىدا بىلىملەر ئۆزى كۆچۈرمىچىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن يەنە....(مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ)