بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1163|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] V-ray1.5 دىن دەسلەپكى ئاساس (سۈرەتلىك دەرس)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


1- دەرس: V-ray1.5 بىلەن دەسلەپكى تونۇشۇش
1- Vray نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:
Vray Adv1.5 ــ 3DS MAX نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھاسىللاش قىستۇرمىسى بولۇپ، قايسى نەشىرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر 3DS MAX6.0 نەشىرىدىن كېيىنكى نەشىرلىرىنى قوللايدۇ.
Vrayــ 3DS MAX نى قىستۇرما بىلەن تەمىنلەيدىغان داڭلىق شىركەت Chaos group نىڭ بىر تۈرلۈك كىچىك ،ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك ھاسىللاش قىستۇرمىسى.
Chaos group نىڭ يەنە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن sim cloth (ھەقىقىي تۇيغۇدىكى رەخت ھاسىللاش قىستۇرمىىسى)، Phenix (ئوت-يالقۇنى ھاسىللاش قىستۇرمىسى) ۋە shag ful (يۇڭ-تۈك ھاسىللاش) قاتارلىق قىستۇرمىلىرى بار.
Vrayــ نۆۋەتتىكى مۇنەۋۋەر ھاسىللاش قىستۇرمىلىرىنىڭ بىرى،بولۇپمۇ ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەشتە Vray سۈرئىتى تېز، ھاسىللاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى ھاسىللاش يۇمشاق دېتالى بولالايدۇ.
Vray نىڭ ھاسىللاش ئۇسۇلى ــ * فوتون ئارقىلىق ھىسابلاش ئېلىپ بارىدۇ . بۇنىڭغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەش ئەمىلىيتىدە Vray نىڭ مۇكەممەللىكى ئىسپاتلاندى.
Vray نىڭ ئالاھىدىلىكى:
1)        چىنلىق(ھەقىقىيلىك) ــ Vray دىن پايدىلىنىپ، ئەسەر ئىشلىگەندە فوتو-سۈرەت دەرىجىسىدىكى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەتتا كىشلەرگە يالغاننى راست كۆرسىتىشتەك ئۈنۈمگە تەتكىلى بولىدۇ. كۆلەڭگىسى ئىنتايىن تەبئىي، ماتېرىياللارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىنتايىن جايىدا.
2)        ئومۇميۈزلىكى ــ  Vray دا ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ، قۇرۇلۇش مەنزىرىسى ئۈنۈم خەرىتىسى ،تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقى، سانائەت مودىلى قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي ئىشلىگىلى بولىدۇ.
3)        جانلىقلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملىكلىكى ــ ئەمىلي ئىھتىياجغا قاراپ پارامېتىرلارنى تەڭشەپ ،خالىغان ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ ، پارامېتىرلارنى تۆۋەن تەڭشەپ،تېز سۈرئەتتە ھاسىللاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ،ئەگەر ئەسەرنىڭ سۈپەت تەلىپى يۇقىرى بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا ھاسىللاش پارامېتىرلىرىنى يۇقىرى تەڭشەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى ھاسىلللاپ چىققىلى بولىدۇ.
Vray نىڭ نەشىرى :
Vray نىڭ نەشىر تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق ،ئاساسلىق 3باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، دەسلەپكى باسقۇچ: ئاساسلىقى 1.09 نەشىر باسقۇچى ، ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.47 نەشىر باسقۇچى (ئاساسلىقى 1.45 نەشىرىدىن 1.49 نەشىرىگىچە بولغان باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
ئۈچىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.5 نەشىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىر باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1.5 نەشىرىدىن كېيىن «چىراغ نۇرى بۇففىرى» ئەندىزىسى، Vray كامىراسى، Vray ئوبىيكىتلىرى، ماتېرىيال سۈپىتى تۈرلىرى، چاپلىما رەسىم تۈرلىرى، چىراغ نۇرى تۈرلىرى، ئالاھىدە ئۈنۈم تۈرلىرى قاتارلىق 7خىل ئىقتىدار يېڭىدىن قوشۇلدى)
فوتون ــ نۇرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي زەرىچە ، ئۇ بەلگىلىك ئېنىرگىيەگە ئىگە بولۇپ، يورۇقلۇق ئېنىرگىيەسىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېنىرگىيەسى نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلىقى قانچە قىسقا بولسا فوتوننىڭ ئېنىرگىيەسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

[qp]http://player.56.com/v_58216795.swf[/qp]
[qp]http://player.56.com/v_58215917.swf[/qp]
[qp]http://player.56.com/v_58216039.swf[/qp]
[qp]http://player.56.com/v_58216032.swf[/qp]
[qp]http://player.56.com/v_58243613.swf[/qp]

دەرسلىك ئەسلى 10 قىسىم ،قالغان 5 قىسىمنى مەنبەدىن كۆرۈڭ.
مەنبە: ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى   http://atashart.blogbus.com/logs/103739252.html

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2شۆھرەت +15 تىللا +18 يىغىش سەۋەبى
admin + 18 نادىر يازما
razwitqik + 15 ناھايىتى ياخشىكەن!!

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2011-2-12 20:45:14 | ئايرىم كۆرۈش
بۇرادەر ئاخىرى يوللىدىڭلا

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2011-2-12 20:57:59 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىملەرگە ناھايىتى ياخشى دەرس ئېلىپ كەپسىز،ھارماڭ!!مۇكاپات كەتتى!!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-2-17 17:47:27 | ئايرىم كۆرۈش
تورداشلارنىڭ رىغبىتىگە تەشەككۇر.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 10:32 , Processed in 0.256954 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش