بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 863|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[تور كۆرگۈچ] بەيدۇ بۇلۇت سۇپىسىدىكى مەزمۇنلارنى دىيارىمىزدا ئوڭۇشلۇق چۈشۈرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەۋەسكار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-16 05:55  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن تور تىخنىكا شىركەتلىرى دىيارىمىزغا بولغان تارقىتىش سۇپىسى قاتارلىق مۇلازىمەتتىن مەھرۇم قىلماقتا، بۇنىڭ كۆپلىرى ھەممىمىزگە مەلۇم، بىز بۈگۈن مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەيدۇ بۇلۇت سۇپىسى (百度云)دا باشقىلار بەھىرلىگەن مەزمۇننىڭ 404 خاتالىقى چىقىۋىلىپ ياخشى بولغان بىر نەرسىدىن قورۇق قالىدىغان مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ مەقسەتكە يىتىشنى سۆزلەپ ئۆتىمىز،
(دىققەت:بۇ ئۇسۇل پەقەت بېكىتىمىزنىڭ ماتېرىيالىنى نورمال چۈشۈرۈش، تېخنىكا ئۆگىنىش سۈپىتىدىلا تەمىنلەندى، ھەرقانداق ئورۇن- شەخسنىڭ يۇقىرىقى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ، تارقىتىپ كېلىپ چىققان ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل)
ئەمسە دىققىتىڭلا تۆۋەندە بولسۇن.

    بىرىنجى خىل ئۇسۇل:
  • بەيدۇ بۇلۇت چۈشۈرۈش ياردەمچى قۇرالى(百云下载辅助工具) غا تايىنىپ چۈشۈرۈش

بۇ ئۇسۇل نۆۋەتتە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ئىنتايىن قولايلىق، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاددى، سىغىمى كىچىك، قاچىلاش ھاجەتسىز، پەقەت سىز چۈشۈرمەكچى بولغان ئادىرىسنى كۆچۈرۈپ ئىلىپ ياردەمچى قۇرالغا چاپلاپ كىرگۈزۈپ بەرسىڭىزلا سىزگە بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تەمىنلەپ بىرىدۇ، بىرلا كونۇپكا بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭىزدا گەپ يوق، بىراق مەركۈز قۇرال بەيدۇ تەرىپىدىن ئوتتۇرغا چىقىرىلمىغان ئىشەنچىلىك دەرىجىسىگە مەن كاپالەتلىك قىلالمايمەن، شۇنداقلا كىلىپ چىققان ھەر قانداق ئاقىۋەتكە مەن ئىگە ئەمەس!
قۇرالنىڭ سىغىمى: 728k
قۇرالنى چۈشۈرۈش: بۇ يەرنى بىسىڭ
[list=2]
  • ئىككىنجى خىل ئۇسۇل: Chrome  تور كۆرگۈسىنىڭ User-Agent Switcher قىستۇرمىسىدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرۈش

    بۇ ئۇسۇل سەل قولايسىز، لىكىن بۇمۇ ئوخشاش ئۈنۈملۈك، ئالدىنقىسىغا قارىغاندا بەزى قولايلىق تەرەپلىرى بار، مەسلەن سىز چۈشۈرمەكچى بولغان مەزمۇننى ئۆزىڭىزنىڭ بەيدۇ بۇلۇت دىسكىسىغا بىۋاستە ساقلىۋالالايسىز، قولايسىز تەرىپى چوقۇم Chrome  توركۆرگۈسى قاچىلانغان بولىشى كىرەك،
    قىستۇرمىنى قاچىلاش جەريانىغا بەزى بىر قولايسىزلىقلارغا يولۇقۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن،
    ئەمسە بۇنىمۇ سۆزلەپ ئۆتەي ماس كىلىدىغانلا پايدىلىنىپ قالغا ئەجەپ ئەمەس
    Chrome  تور كۆرگۈسىنى قاچىلاشنى تەپسىلى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن، تەييار قاچىلاقلىق بولسا تىخى ياخشى
    ئەگەر كومپىيۇتىرىڭىز Google غا ئۇلىنىدىغان بولسا بىۋاستە ئىزدەپ قاچىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەگەر نۇرمال ئۇلانمىسا ئەڭ ئاستىدىكى ئادىرىستىن قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ تۆۋەندىكى باسقۇچ بويىنچە قاچىلايسىز، ئەمسە دىققىتىڭىز مەزمۇندا بولسۇن
    ئاۋۋال قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ مۇۋاپىق بىر ئورۇنغا يىشىڭ، يىشىلگەن ھۆججەت CRX. شەكىلىدە بولۇپ ئۇنىمۇ پىرىسلاش قۇرالى ئارقىلىق ئىچىپ ئىچىدىكى ھەممە ھۆججەتنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي مۇۋاپىق بىر ئورۇنغا يىشىڭ.
    دىققەت! CRX. ھۆججەت شەكلى ئادەتتە پىرىسلاش ھۆججىتى بىۋاستە ئىچىپ بىرەلمەيدۇ، CRX. ھۆججىتىنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپ ئىچىش شەكلى (打开方式) دىگەننى بىسىپ كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلانغان خالىغان پىرىسلاش قۇرالىدا ئىچىپ، ئىچىلغان ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ھۆججەتنى تاللاپ (Alt+a كونۇپكىسىنى بىرىكتۈرۈپ بىسىش ھەممە ھۆججەتنى تاللاشتا ئەڭ قولايلىق ئۇسۇل) خالىغان ھۆججەت قىسقۇچقا يىشىڭ.
    ئەمدى Chrome تور كۆرگۈچىنى قوزغۇتۇپ تىزىملىكتىن تىخىمۇ كۆپ قۇرال( 更多工具)  دىگەن يەرنى بىسىپ كىڭەيتىلگەن قۇرال (扩展程序)  دىگەن يەرنى بىسىپ قىستۇرما باشقۇرۇش بىتىگە كىرىسىز، بەتنىڭ ئۈستىدە ئاچقۇچىلار ھالىتى دىگەنگە بەلگە قويىسىز، باشقاندىن كىيىن شۇنىڭ ئاستىدا ئۈچ كونۇپكا پەيدا بولغانلىقىنى بايقايسىز، شۇ كونۇپكىلارنىڭ ئىچىدىكى 加载正在开发的扩展程序 دىگەم كونۇپكىنى بىسىپ بايا يىشىپ تەييار قىلىۋالۋالغان قىستۇرما ھۆججەتلىرى قويۇلغان ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىپ مۇقۇملاش كونۇپكىسىنى باسىسىز، ئەمدى قارايدىغان بولساق قىستۇرما باشقۇرۇش بىتىدە User-Agent 切换器 for Chrome دىگەن بىر قىستۇرمىنىڭ پەيدا بولغانلىقىن بايقايمىز، يەنە دىققەت قىلىدىغان بولساق توركۆرگۈنىڭ تور ئادىرىسىنى يازىدىغان ئادىرىس سىتونىنىڭ يان تەرىپىدە بىر قىستۇرمىنىڭ بارلىقىنىمۇ بايقايمىز. مانا ئەمدى ھەممە تەييارلىق پۈتۈپ نەخ گۆش يەيدىغان يىرىگە كەلدۇق،

    چۈشۈرمەكچى بولغان 百度网盘 يوللانمىسىنىڭ ئادرېسىنى كۆچۈرىمىز.
    2. يېڭى بەتتىن بىرنى قۇرۇپ ئۇنىڭ ئېچىلىش ھالىتىنى ھىلىقى قىستۇرمىدىن ios ياكى Android دىكى ئېچىلىش ھالىتىگە تەڭشەيمىز.(iphone4 تىكى ئىچىلىش ھالىتىگە تەڭشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن)
    3. ئادرېسنى چاپلاپ ئېنتنېرنى باسساق بۇ بەتنىڭ يانفوندىكى ھالىتى ئېچىلىدۇ،
    4.打开 نى باسقاندىن كېيىن، توركۆرگۈچ ماتېرىيالنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.
    5. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قىستۇرمىنىڭ ھالىتىنى iPhone دىن Defalut قا تەڭشەشنى ئۇنتۇماڭ.
    قىستۇرما ئىسمى: User-Agent Switcher
    ئاساسلىق رولى: Chrome تور كۆرگۈسىدە باشقا خىل سىستىما مۇھىتى، باشقا خىل تور كۆرگۈ مۇھىتىدا تور بەت سىناش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ
    قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش: بۇ يەرنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ

  • ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
    ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
    بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

    GMT+8, 2017-5-9 22:58 , Processed in 0.242212 second(s), 40 queries .

    Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

    © 2001-2013 Comsenz Inc.

    تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش