chrome غا ھەۋەس قىلىپ قالغاندىن بېرى مۇشۇ قىستۇرما ئېچىش ئارزۇيۇم بار ئىدى . مانا تۇنجى سىناق قىستۇرمىنى ياساپ ئۇتۇق قازىنىپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمەن
كۆرۈنىشى :
![]()
مەنمۇ يېڭى ئۆگەنگۈچى بولغاچ بۇ قىستۇرما ئاددى چىقىپ قالدى توغرا چۈشۈنەرسىلەر !
كىتەرلىك سايمانلار :
ھەرقانداق ئىش قىلىش ئۈچۈن سايمان كەتكەندىكىدەك بۇنىڭغىمۇ كىتىدۇ ئەلۋەتتە .
كود تەھرىرلەش قۇرالى (بولمىسا خاتىرە دەپتەرمۇ بولدۇ . )
Chrome تور كۆرگۈچىسى (چوقۇم بولىشى كىرەك )
ئەمسە باشلىدۇق جۇمۇ !! دىققەت !!
دەسلەپكى قىستۇرما ئېچىش
1.خالىغان يەرگە ھۆججەت قىسقۇچتىن بىرنى قۇرۇڭ .
2.شۇ يەرگە manifest.json (كىڭەيتىلگەن نامى چوقۇم Json بولۇشى كىرەك ) نامىلىق ھۆجەت قۇرۇڭ . ئەمدە تۆۋەندىكى كودنى يېزىڭ .
- {
- "name": "تۇنجى قىستۇرمام",
- "version": "1.0",
- "description": "بۇ مېنىڭ تۇنجى قىستۇرمام ، بولدىغاندەكمۇ ؟",
- "browser_action": {
- "default_icon": "icon.gif"
- }
- }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشتۆۋەندىكى ئىككى رەسىمنى شۇ مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈڭ . ئىسىمى icon.gif ۋە smile.gif بولسۇن .
![]()
قىستۇرمىنى قاچلاش
1.كۇلۇچنىڭ رەسىمى -قوراللار -قىستۇرما -كىڭەيتمە .
2.ئۈستىدىكى 《ئاچقۇچىلار ئەندىزىسى》گە بەلگە ئۇرۇڭ .
3.‹‹ئېچىۋاتقان پروگىراممىنى ئەكىرىش›› نى بېسىپ بايامقى مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ .
ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولغان بولسا ، قىستۇرمىلار قاتارىدا سىزنىڭ قىستۇرمىڭىزمۇ كۆرىنىدۇ .
قىستۇرمىغا ئىقتىدار قېتىش
بىز بۇ قىستۇرمىنى يازغان بىلەن ئۇنى چەكسىڭىز ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش يوق ، شۇڭا بۇ قەدەمدە ماس ئىقتىدار قاتىمىز .
1.manifest.json دىكى كودنى بۇ كودقا ئالماشتۇرۇڭ . بۇ كودقا بولسا بىرقۇر ئىجرا قىلىش كودى ۋە پەش قېتىلغان .
- {
- "name": "تۇنجى قىستۇرمام",
- "version": "1.0",
- "description": "بۇ مېنىڭ تۇنجى قىستۇرمام ، بولدىغاندەكمۇ ؟",
- "browser_action": {
- "default_icon": "icon.gif",
- "popup": "popup.html"
- }
- }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش2.ئەمدى popup.html ناملىق HTML ھۆجىتى قۇرۇپ تۆۋەندىكى كودنى يازىمىز .
3. ئەمدى بۇلارنى قايتىدىن ئەكىرىپ سىناپ بېقىڭ . تۇنجى قىستۇرمىڭىز مۇۋاپپىقيەتلىك بولدۇمۇ يوق .
ئاخرقى باسقۇچ打包(قانداق تەرجىمە قىلىشنى بىلەلمىدىم)باسقۇچى
بىز قىستۇرمىنى باشقىلارنىڭمۇ پايدىلىنىپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۇنى打包 قىلىشىمىز كىرەك .
كرومنىڭ قىستۇرمىلارنى باشقۇرۇش ئورنىدىن 打包 قىلىشنى بېسىپ بايامقى ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرسىتىپ قويساق بىزگە كىڭەيتىلگەن نامى crx ۋە pem بولغان ئىككى ھۆججەت چىقىرپ بىرىدۇ . crx بولسا بىز باشقلارغا ھەمبەھىرلىمەكچى بولغان قىستۇرما ھۆجىتى بولىدۇ . pem بولسا بىزنىڭ كىيىن بۇ قىستۇرمىغا يانا ئىقتىدار قاتقاندا ئىشلىتىدىغان ھۆجىتى بولدۇ .
تۇنجى دەرىس مۇشۇ يەردە تامام .
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى iqbalنىڭ مىكرو بلوگى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iqbal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-6 15:03