ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ھەر قايسى ئۈندىدار سالۇن باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئۈندىدار ۋە شۇنىڭدەك ھەر قايسى ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىشلەتكۈچى قىرىنداشلار،ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن،ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭلارنى سالامەت،ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،ئۈندىدارغا ئوخشاش ئالاقە ۋاستىلىرى ھەممىمىزنىڭ تۇرمىشىغا چۇڭقۇر سىڭىپ كىردى،شۇنىڭدەك ھەر خىل سودا -سېتىقلاردىكى ئېلان تەشۋىقات كۈچى بىز پەرەز قىلغاندىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى،ئۈندىدار سالۇنلىرى ۋە ئۈندىدار دوسىتلۇق چەمبىرىكىدە مەھسۇلات ئېلانى بىرىپ پايدا يارىتىش بىر خىل ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ئۇسۇلىغا ئايلاندى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىمىز قارمىقىدىكى رېسىقىم بىلەتچىلىكى ھەر قايسى ئالاقە ۋاستىلىرىدە پايدىنى ئۆتۈنۈپ بىرىش شەكلىدىكى تەشۋىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كۆپچىلىك بىلەن پايدىدا ئورتاقلاشماقچى.
تەشۋىقات ئۇسۇلى تولىمۇ ئاددى بولۇپ پەقەت بىر قانچە مىنۇت سەرىپ قىلسىڭىزلا كۇپايە،تەپسىلى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئۈندىدار سالۇن باشقۇرغۇچىلىرى:ئالدى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان سالۇن باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن تەشۋىقات كىلىشىمنامىسى تۈزىۋالىمىز،ئاندىن شەخسى ئۈندىدارىنى ئايرۇپىلان بىلىتى سېتىش بۆلىمىنىڭ ئۈندىدار توپىغا قوشىۋالىمىز،مەزكۇر توپتا ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئېتىبار باھالىق ئايرۇپىلان بىلىتى باھاسى ۋە ئەڭ يىڭى قاتناش مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرى يوللىنىپ تۇرىدۇ،سالۇن باشقۇرغۇچىلىرى بىلەت باھاسى ياكى بىزنىڭ تەشۋىقات ئېلانىمىزنى سالۇنىنىڭ خالىغان ئورنىغا قويۇپ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىغا ئۆزىنىڭ تېلفۇن ۋە ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ خېرىدار بىلەن شىركىتىمىز ئوتتۇرسىدا ۋاكالەتچىلىك قىلىپ بىلەت ساتسا بولىدۇ.ئەگەر مەلۇم بىرسى تەشۋىقات ئېلانىنى كۆرۈپ بىلەت سېتىۋالماقچى بولۇپ سىز بىلەن ئالاقىلاشسا سىز دەرھال ئۈندىدار توپىمىزغا خېرىدارنىڭ بىلەت تەلىپىنى يوللاپ بىلەت باھاسى ۋە تەپسىلاتىغا ئىرىشەلەيسىز،شىركىتىمىز ئەزالىرى ئەڭ تىز سۈرئەتتە سىزنى بىلەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ،خېرىدار سېتىۋىلىشنى مۇقىملاشتۇرسا ئۇنىڭ كىملىك نۇمۇرى ۋە ئىسمىنى (ياكى كىملىكىنىڭ رەسىمىنى)توپقا يوللاپ بەرسىڭىزلا بىز سىزگە ۋاكالىتەن بىلەتنى زاكاز قىلىپ بىرىمىز،خېرىدار ئۆزىگە ئەڭ قولايلىق بولغان بانكىدىن ھېساباتىمىزغا بىلەتنىڭ پۇلىنى سەپ بەرسىلا تامام،ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئايدۇرۇمغا چىقىپ بىلىتىنى چىقىرۋالسا ۋە ئايرۇپىلانغا چىقسا بولىدۇ.سىز بولسىڭىز دۆلەت ئىچىدىكى ھەر بىر بىلەت ئۈچۈن 20يۈەن خەلىقئارالىق بىلەت ئۈچۈن 50يۈەن تاپاۋەتكە ئىرىشەلەيسىز،ئۇنىڭدىن باشقا ئايدا بىر قېتىم ئىستاستىكا ئىلىپ بىرىلىپ ساتقان بىلىتى كۆپ بولغان ۋاكالەتچىلەرگە ئايرىم مۇكاپات بىرىلىدۇ(ئادەتتە ھەر بەش بىلەت سېتىلغاندا تاپاۋىتىڭىز بانكا ھېساباتىڭىزغا يوللاپ بىرىلىدۇ،ئەگەر زۆرۈرىيەت بوپ قالسا پارچە ھالەتتە يۆتكەپ بەرسەكمۇ ياكى تېلفۇنغا قىممەت قاچىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەرسەكمۇ تامامەن بولىدۇ) .
بۇنىڭدا سىز ھېچقانداق مەبلەغ ۋە كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلمايسىز،پەقەت ئۆز سالۇنىڭىز ۋە ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىڭىزدە تەشۋىق قىپ قويسىڭىزلا كۇپايە،بىخەتەر ھەم ئىشەنچىلىك،ئالاقە دائىرىڭىز قانچە كەڭرى بولسا پۇرسەت شۇنچە كۆپ.
شەخسى ئۈندىدار ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىلىرىدە تەشۋىق قىلىشنى خالايدىغانلار قېرىنداشلارمۇ دەل يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە بىز بىلەن ھەمكارلاشسا بولىدۇ،پەقەت ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىڭىزدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئايرۇپىلان بىلىتى سېتىپ چىقىرالايسىز ۋە كىرىمگە ئىرىشەلەيسىز،سىزدىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلمايمىز،پەقەت قوللاش بىلەن بىر قانچە مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىزلا كۇپايە.
ئۈندىدار باش سۈرئىتىنى ۋە ئىسمىنى شىركىتىمىز خىزمەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەڭشەشنى خالايدىغانلارغا ھەر بىر بىلەت ئۈچۈن 5يۈەن قوشۇپ بىرىلىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ۋاكالەتچىلىرىمىز بىز بىلەن ھەمكارلىشقان ۋاقىت ئىچىدە ھەر قانداق بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ ئايرۇپىلان بىلىتى سېتىۋالسا باھادا ئالاھېدە ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:ھەر خىل سەۋەپلىك بىلەت قايتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىگە شىركىتىمىز بىۋاستە مەسئۇل بولىدۇ،ۋاكالەتچىلەر ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ،پەقەت خېرىدارلارنىڭ تەلىۋىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەرسىلا كۇپايە،(ئايرۇپىلان ھاۋا رايى ياكى باشقا سەۋەپتىن ئۇچالمىغان بولسا بىلەت ھەقسىز بىر قىتىم ئالماشتۇرۇپ بىرىلىدۇ،قايتۇرماقچى بولسا پۈتۈن سوممىسى بويىچە قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ،ئەگەر ئايرۇپىلان نۇرمال ئۇچقان،يولوچى ئۆزى بىلەتنى قايتۇرۋەتمەكچى ياكى ئالماشتۇرماقچى بولسا ھەق ئاۋاتسىيە شىركىتى بىكىتىپ بەرگەن تۈزۈم بويىچە قايتۇرلىدۇ ياكى ئالماشتۇرلىدۇ)
شىركىتىمىز سىز بىلەن تەڭ تەرەققى قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ،مەزكۇر كىلىشىم ئۇزۇن مۇددەت كۈچكە ئىگە بولۇپ،پەقەت سىزلا ۋاز كەچمىسىڭىز شىركىتىمىز سىز بىلەن ھەر ۋاقىت ھەمكارلىشىشقا تەييار.
ئالاقىلىشىش تېلفۇنى:18129480055،18129480101
ئۈندىدار:18129480055،18129480101
تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز بىۋاستە تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ:0991-2338863