بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1169|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئالەم بوشلۇقىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقىنى بۇ سۈرەتلەردىن بىلىۋال...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئالەم بوشلۇقىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقىنى بۇ سۈرەتلەردىن بىلىۋالىسىز


يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئالەم بوشلۇقى زادى قانچىلىك چوڭ، تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرسىڭىز بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىۋالالايسىز!ئالدى بىلەن بىزنىڭ يەر شارىنى كۆرۈپ باقايلى، يەر شارىمۇ ناھايىتى چوڭ.

قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە، چوڭلۇقى يەر شارى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بىر قانچە پىلانىتا بار.

ئەمما يەر شارىنى قۇياش سىستېمىسىدىكى ئۇران ۋە نېپتونغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كىچىك كۆرۈنىدۇ.

ئالدىرىماڭلار، ئۇران ۋە نېپتون قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ پىلانېتا ئەمەس.

قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ يۇلتۇز قۇياش ئەلۋەتتە، ئۇنداقتا يەر شارىچۇ؟ يەر شارى بىر دانە قۇم خالاس.

ئەمدى قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ، تاشقى ئالەمنى كۆرۈپ باقايلى. چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئالفا يۇلتۇز (يەنى بۆرە يۇلتۇزى، يۇلتۇز ئاسمىنىدىكى ئەڭ يۇرۇق يۇلتۇز، بىزدىن 8.6 يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى يېقىن ھېسابلىنىدۇ).

بۆرە يۇلتۇزىدىن چوڭراق بولغىنى پوللۇكس، يەنى جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بېتا يۇلتۇز، بۇنىڭ مەنىسى «چامباش ئۇستازى» دېگەنلىكتۇر. پۈتۈن كۈن ئىچىدىكى 17- يۇرۇق يۇلتۇز (كېچىدە ئەڭ يۇرۇق بولغىنى چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بۆرە يۇلتۇزىدۇر) نىڭ كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقى 1.14، مۇتلەق يۇلتۇز چوڭلۇقى 1.09 بولۇپ، بىزدىن 33.7 يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا (بۇ ئارىلىقمۇ خېلى يېقىن ھېسابلىنىدۇ).

ئاركتۇر يۇلتۇزى، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئالفا يۇلتۇز، پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئەڭ يۇرۇق يۇلتۇز، شۇنداقلا شىمالىي يېرىم شار ئاسمىنىدىكى ئەڭ يۇرۇق تۇرغۇن يۇلتۇز (بۆرە يۇلتۇزى ۋە كانوپۇس يۇلتۇزى جەنۇبىي يېرىم شاردىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلاردۇر) بولۇپ، يۇرۇقلۇق دەرىجىسى پۈتۈن كۈن ئىچىدە 4- ئورۇندا تۇرىدۇ، 0 دەرىجىلىك يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. 2-، 3- يۇرۇق يۇلتۇز يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ تەرىپىگە يېقىن بولغاچقا، جۇڭگونىڭ كۆپ قىسمىدىكى كۆزەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن، ئەڭ يۇرۇق يۇلتۇز ـــ بۆرە يۇلتۇزى ئۆچكەندىن كېيىن، ئاركتۇر يۇلتۇزى ئاسماندىكى ئەڭ يۇرۇق يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. كۆرۈنمە يۇلتۇز چوڭلۇقى 0.04-، مۇتلەق يۇلتۇز چوڭلۇقى 0.24-، يەر شارىدىن 36 يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا، دىئامېتىرى قۇياشنىڭ 21 ھەسسىسىگە تەڭ، ماسسىسى قۇياشنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ.

تۆۋەندىكىسى رىگېل يۇلتۇزى، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى بېتا يۇلتۇز. پۈتۈن كۈندىكى يۇرۇقلۇق دەرىجىسى 20 تۇرغۇن يۇلتۇز ئىچىدە 7-ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئەڭ يورۇق كۆك رەڭلىك گىگانت يۇلتۇزدۇر، گەرچە بېتا يۇلتۇز بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئالفا يۇلتۇز بېتېلگېيز يۇلتۇزىدىنمۇ يۇرۇقراق (بېتېلگېيز يۇلتۇزى قانۇنىيەتسىز ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز بولغاچقا، رىگېل يۇلتۇزىنىڭ يۇرۇقلۇق دەرىجىسىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ). يەر شارىدىن 863 يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا (راستىنى ئېيتقاندا بىر ئاز يىراق). تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسلانغاندا، رىگېل يۇلتۇزى كۆك رەڭلىك گىگانت يۇلتۇزغا تەۋە، نۇر دەرىجىسى قۇياشنىڭ 55 مىڭ ھەسسىسىگە تەڭ، رىگېل يۇلتۇزى ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئەڭ تۇرۇق يۇلتۇزدۇر، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئاركتۇر يۇلتۇزى ئۇكا يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ (سەپسېلىپ قاراڭ، قۇياشنى كۆردىڭىزمۇ؟).

ئەمدى تېخىمۇ چوڭ ئىككىسىنى كۆرۈپ باقايلى. ئانتارېس يۇلتۇزى، ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئالفا يۇلتۇز (ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئاساسلىق يۇلتۇز)، قەدىمكى جۇڭگودا «ئۇلۇغ ئوت» دەپمۇ ئاتالغان، نۇر دەرىجىسى قۇياشنىڭ 37 مىڭ ھەسسىسىگە تەڭ، يەر شارىدىن 470 يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا. ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى 1-دەرىجىلىك يۇلتۇز، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئالفا يۇلتۇز دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىگە جايلاشقان قىزىل رەڭلىك گىگانت يۇلتۇزىدۇر، بۇ يۇلتۇز كېچە ئاسمىنىدا قۇياشتىن قالسا 10-ئورۇندا تۇرىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ يۇلتۇز بار، بوبرا كىيىك يۇلتۇز تۈركۈمى V838، بۇ يۇلتۇز بوبرا كىيىك يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى قىزىل رەڭلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇز بولۇپ، قۇياشتىن 20 مىڭ يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا (ئەمەلىيەتتە بىز كۆزىمىز بىلەن بۇ يۇلتۇزنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيمىز، تولىمۇ يىراقتا).

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى پەقەت يۇلتۇزلاردۇر، ئەمەلىيەتتە سامانيولى سىستېمىسىدا بۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى ئاسمان جىسىملىرى كۈر مىڭ، ئەمما بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىز پەقەت مۇشۇنچىلىكلا:

يۇقىرىقى سامانيولى سىستېمىسى پەقەت ئالەمدىكى بىر كىچىك ئارال خالاس، ئەمدى بىز ئالەم بوشلۇقىنى كۆرۈپ باقايلى: تولۇن ئاينىڭ 10دىن بىر قىسمىچىلىك بۇ جايغا كۆز بىلەن قارىساق قاپقاراڭغۇ، ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

خاببىل ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى فوكس نۇقتىسىنى كېچە ئاسمىنىدىكى بىر بۇرجەككە توغرىلىدى.

خاببىل ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى بۇ كۆرۈش بۇلۇڭىنى تۆت ئاي ساقلاپ، بۇ جايدىكى بارلىق يۇرۇق نۇقتىلارنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە كۆزەتتى.

تۆۋەندىكىسى خاببىل ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپىدىن تارتىۋېلىنغان سۈرەت.

بۇ رەسىمدىكى ھەر بىر يۇرۇق نۇقتا بىر يۇلتۇز سىستېمىسىدۇر. بۇ رەسىمدە تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق يۇلتۇز سىستېمىسى بار، ھەر بىر يۇلتۇز سىستېمىسىدا تەخمىنەن بىر تىرىليون تۇرغۇن يۇلتۇز بار، ھەر بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يەنە بىردىن يۇلتۇز سىستېمىسى بولۇشى مۇمكىن.

بۇلار ئەڭ يىراقتىن تارتىۋېلىنغان سۈرەت، بۇلار يەر شارىدىن تەخمىنەن 13 مىليارد يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا.

بۇ سۈرەتتىكى بۇ ئەڭ چوڭ يۇلتۇز سىستېمىسى بىز تۇرۇشلۇق سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە تەڭ. بىزنىڭ نەزەرىيە سىستېمىمىزدا بۇنچە غايەت زور كۆلەم ئەسلا مەۋجۇت بولمايدۇ.

بىز يەر شارىدا تۇرۇپ كۆزەتكەن بۇ يۇلتۇز سىستېمىلىرى چىقارغان نۇر 13 مىليارد يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى جايدىن كەلگەن بولغاچقا، چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىز كۆرگەن كۆرۈنۈش ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن يىراق ئۆتمۈشتۇر، يەنى ئالەم پەيدا بولۇپ 800 مىليون يىل كېيىنكى كۆرۈنۈش ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرەلمەيمىز...

ئاخىرىدا كۆزىمىزنى بىردەم يۇمۇپ، تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى:
1. تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
2. سىزنىڭچە بىز ئۆگەنگەن زامانىۋى پەن-تېخنىكا راستىنلا ئىشەنچلىكمىدۇ؟
3. ھازىر سىز تۇرمۇش بىلەن ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا قانداق قاراشقا كەلدىڭىز؟
4. ماددىنىڭ توپلىنىشى ۋە تارقىلىشى توغرىسىدا يەنە ئارتۇقچە ئاھ ئۇرۇپ ۋە ھاياجانلىنىپ يۈرەمسىز؟
5. سىزنىڭچە ئۆزىڭىزنى ئالەمگە سېلىشتۇرغاندا نېمىگە ھېساب؟

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-11-26 13:45:43 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. پەندىن خەۋىرى يوقلار بۇنداق مەزمۇنلارنى چۈشەنمەيدىكەن. بەلكىم شۇنداقلار بۇنىڭدىن بىلىپ قالار.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-12-1 20:20:45 | ئايرىم كۆرۈش
ۋۇي ئالەم راستىنلا ناھايىتى چوڭ ئىكەن . ياخشى تېما ئىكەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2016-12-10 23:25:51 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurluk214 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-10 23:28  

مىنىڭچە تاشقى پىلانت ئادەملىرى راستىنلا بار،شۇنچە چوڭ ئالەمدە ئىنسانلاردىن باشقا جانلىق يوق دىسە كىممۇ ئىشىنە،بىز ئۈچۈن شۇنچە چوڭ سامان يولى سىستىمىسىمۇ بۇ چوڭ ئالەمدە نەچچە تىرلىيونلىغان يۇلتۇزلار ئارىسىدا كىچىككەنە بىرسى تۇرسا ،قالغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىدە،نىمە بارلىقىنى بىز ئويلاپمۇ يىتەلمىگىدەكمىز،ئاددىسى ئىنسانلار سامانيولى سىستىمىسىنى  تولۇق تەكشۈرۈپ بولالمىدى بەلكىم سامان يولى سىستىمىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان جانلىقلار ياشاۋاتقان بولىشى مۇمكىن .....

باھا سۆز

مەنمۇ شۇ قاراشتا.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-12-11 00:43
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-11 00:43:26 | ئايرىم كۆرۈش
nurluk214 يوللىغان ۋاقتى  2016-12-10 23:25
مىنىڭچە تاشقى پىلانت ئادەملىرى راستىنلا بار،شۇنچە چوڭ ...

مەنمۇ شۇ قاراشتا.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:22 , Processed in 0.257011 second(s), 45 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش