بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1440|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] PHP ئۆزگەرگۈچى مىقدار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئۇچۇرنى ساقلايدىغان قاچا:
ئۈلگە مىسال
  1. $x=5;
  2. $y=6;
  3. $z=$x+$y;
  4. echo $z;
  5. ?>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش



نامەلۇم سانغا ئوخشىشىدۇ
  1. x=5
  2. y=6
  3. z=x+y
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئالگېبرادا مەلۇم ھەرپ (مەسىلەن x) ئارقىلىق قىممەتنى ساقلايمىز (مەسىلەن 5).
يۇقارقى ئىپادىلەش ئۇسۇلى z=x+y غا ئاساسەن z نىڭ قىممىتى 11 بولىدۇ.
PHP دا بۇ ئۈچ ھەرپ ئۆزگەرگۈچى مىقدار دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىزاھات: ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى سانلىق ئۇچۇرنى ساقلايدىغان قاچا دەپ قاراڭ.


PHP ئۆزگەرگۈچى مىقدار
نامەلۇم سانغا ئوخشاش PHP ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى قىممەت (x=5) نى ساقلاش ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى (z=x+y) غا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ ئىسمى ناھايىتى قىسقا (مەسىلەن x ۋە y) بولسىمۇ، ياكى كونكىرىت تەسۋىردىكى ئىسىملار (مەسىلەن carname، total_volume)نى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
PHP ئۆزگەرگۈچى مىقدار قائىدىسى:
  • ئۆزگەرگۈچى مىقدار $ بەلگىسى ئارقىلىق باشلىنىپ، كەينىگە ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئىسمى كېلىدۇ
  • ئۆزگەرگۈچى مىقدار نامى چوقۇم ئېنگىلىزچە ھەرپ ياكى ئاستى سىزىقتىن باشلىنىشى كېرەك
  • ئۆزگەرگۈچى مىقدار نامى رەقەمدىن باشلانسا بولمايدۇ
  • ئۆزگەرگۈچى مىقدار نامى پەقەت ھەرپ، رەقەم ياكى ئاستى سىزىق (A-z، 0-9 شۇنداقلا _) تىنلا تەركىب تېپىشى كېرەك
  • ئۆزگەرگۈچى مىقدار نامى چوڭ - كىچىك يېزىلىشقا سەزگۈر ($y بىلەن $Y ئىككىسى ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان ئۆزگەرگۈچى مىقدار)

ئىزاھات: PHP ئۆزگەرگۈچى مىقدار نامى چوڭ - كىچىك يېزىلىشقا سەزگۈر!


PHP ئۆزگەرگۈچى مىقدار قۇرۇش
PHP نىڭ ئۆزگەرگۈچى مىقدار قۇرىدىغان بۇيرۇقى يوق.
ئۆزگەرگۈچى مىقدار تۇنجى قېتىملىق قىممەت يۈكلەنگەندە قۇرۇلىدۇ:
ئۈلگە مىسال
  1. $txt="Hello world!";
  2. $x=5;
  3. $y=10.5;
  4. ?>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

يۇقارقى جۈملە ئىجرا بولغاندىن كېيىن، ئۆزگەرگۈچى مىقدار txt ساقلايدىغان قىممەت Hello world!، ئۆزگەرگۈچى مىقدار x ساقلايدىغان قىممەت 5، ئۆزگەرگۈچى مىقدار y ساقلايدىغان قىممەت. 10.5
ئىزاھات: ئەگەر ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا بېرىلگەن قىممەت تېكىست بولسا قوش چىكىت ئىچىگە ئېلىپ يېزىڭ.


PHP بىر خىل تىپى تارقاق تىل
يۇقارقى مىسالغا دىققەت قىلساق PHP ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ سانلىق ئۇچۇر تىپىغا ئالدىن ئېنىقلىما بېرىلمىگەن.
PHP ئۇنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن، ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئاپتوماتىك ھالدا توغرا بولغان سانلىق ئۇچۇر تىپىغا ئايلاندۇرىدۇ.
كۆپلىگەن C ۋە C++ شۇنداقلا Java قاتارلىق تىللاردا، پروگراممىر ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۇلارنىڭ نامى ۋە تىپىغا بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك.


PHP ئۆزگەرگۈچى مىقدار تەسىر دائىرىسى
PHP دا تەگكودنىڭ ھەرقانداق ئورنىدا ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلىشقا بولىدۇ.
ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ تەسىر دائىرىسى دېگىنىمىز ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ نەقىل ئېلىندىغان ياكى ئىشلىتىلىدىغان بۆلىكىدىكى تەگككودىنى كۆرسىتىدۇ.
PHP نىڭ ئۈچ خىل ئوخشىمىغان ئۆزگەرگۈچى مىقدار تەسىر دائىرىسى بار:
  • local (قىسمىي)
  • global (پۈتكۈل)
  • static (تىنچ)



Local ۋە Global تەسىر دائىرىسى
فۇنكىسىيە سىرتىدا بايانات ئېلان قىلىنغان ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ Global تەسىر دائىرىسى بولىدۇ، پەقەت فۇنكىسىيە سىرتىدا زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.
فۇنكىسىيە ئىچىدە بايانات بېرىلگەن ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ LOCAL تەسىر دائىرىسى بولۇپ، پەقەت فۇنكىسىيە ئىچكى قىسمىدىلا زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مىسالدا قىسمىي ۋە پۈتكۈل تەسىر دائىرلىك ئۆزگەرگۈچى مىقدار سىناق قىلىندى:
ئۈلگە مىسال
  1. $x=5; // پۈتكۈل تەسىر دائىرىسى

  2. function myTest() {
  3.   $y=10; // قىسمىي تەسىر دائىرىسى
  4.   echo "

    Funkisiye ichidiki ozgerguchi miqdarni sinash:

    ";
  5.   echo " ozgerguchi miqdar x : $x";
  6.   echo "
    ";
  7.   echo " ozgerguchi miqdar y : $x";
  8. }

  9. myTest();

  10. echo "

    Funkisiye sirtidiki ozgerguchi miqdarni sinash:

    ";
  11. echo " ozgerguchi miqdar x : $x";
  12. echo "
    ";
  13. echo " ozgerguchi miqdar y : $x";
  14. ?>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

يۇقارقى مىسالدا x$ ۋە y$ دىن ئىبارەت ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدار، شۇنداقلا ()myTest بىر فۇنكىسىيە بار. x$ پۈتكۈل ئۆزگەرگۈچى مىقدار، چۈنكى ئۇنىڭغا فۇنكىسىيە سىرتىدا بايانات ئېلان قىلغان، $y قىسمىي ئۆزگەرگۈچى مىقدار بولۇپ، چۈنكى ئۇنىڭغا فۇنكىسىيە ئىچىدە ئېنىقلىما بېرىلگەن.
ئەگەر ()myTest فۇنكىسىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدار قىممىتىنى چىقارماقچى بولساق، y$ نىڭ قىممىتى كۆرۈنىدۇ، بىراق x$ قىممىتى ئىشلەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ فۇنكىسىيە سىرتىدا قۇرۇلغان.
ئەگەر ()myTest فۇنكىسىيە سىرتىدا ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى چىقارماقچى بولساق، x$ نىڭ قىممىتى كۆرۈنۈپ، y$ نىڭ قىممىتى كۆرۈنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ قىسمىي ئۆزگەرگۈچى مىقدار بولۇپ، ()myTest ئىچكى قىسمىدا قۇرۇلغان.
ئىزاھات: ئوخشىمىغان فۇنكىسىيەدە ئوخشاش ئىسىملىك قىسمىي ئۆزگەرگۈچى مىقدار بەلگىلەشكە بولىدۇ، چۈنكى قىسمىي ئۆزگەرگۈچى مىقدار پەقەر ئۇ قۇرۇلغان فۇنكىسىيە دائىرىسىدە كۈچكە ئىگە.


PHP global ھالقىلىق سۆز
global ھالقىلىق سۆز فۇنكىسىيەنىڭ پۈتكۈل ئۆزگەرگۈچى مىقدارىنى زىيارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (فۇنكىسىيە ئىچكى قىسمى) دىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئالدىدا global ھالقىلىق سۆزنى ئىشلىتىمىز:
ئۈلگە مىسال
  1. $x=5;
  2. $y=10;

  3. function myTest() {
  4.   global $x,$y;
  5.   $y=$x+$y;
  6. }

  7. myTest();
  8. echo $y; // كۆرسىتىدىغىنى 15
  9. ?>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

PHP بىرلا ۋاقىتتا
  1. $GLOBALS[index]
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ىسىملىك سانلار گۇرۇپپىسىدا بارلىق پۈتكۈل ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى ساقلايدۇ. ئېندىكىستا ئۆزگەرگۈچى مىقدار نامى ساقلىنىدۇ. بۇ سانلار گۇرۇپپىسىنى فۇنكىسىيە ئىچىدىمۇ زىيارەت قىلغىلى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى يېڭىلاشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
يۇقارقى مىسالنى يەنە تۆۋەندىكىدەك قايتىلاپ يېزىشقا بولىدۇ:
ئۈلگە مىسال
  1. $x=5;
  2. $y=10;

  3. function myTest() {
  4.   $GLOBALS['y']=$GLOBALS['x']+$GLOBALS['y'];
  5. }

  6. myTest();
  7. echo $y; // كۆرسىتىدىغىنى 15
  8. ?>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش



PHP static ھالقىلىق سۆز
ئادەتتە، فۇنسكىيە تاماملانغان ياكى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن بارلىق فۇنكىسىيەنى ئۆچۈرۋېتىدۇ. ئەمما، بەزى ۋاقىتلاردابەزى قىسمىي ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئۆچۈرۋەتمەسلىككە ئېھتىياجىمىز چۈشىدۇ. بۇ ئېھتىياجنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئۆزگەرگۈچى مىقدار باياناتى ئېلان قىلغاندا static ھالقىلىق سۆزنى ئىشلىتىڭ:
ئۈلگە مىسال

  1. function myTest() {
  2.   static $x=0;
  3.   echo $x;
  4.   $x++;
  5. }

  6. myTest();
  7. myTest();
  8. myTest();

  9. ?>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

ئۇندىن كېيىن فۇنكىسىيە ھەربىر قېتىم يۆتكەپ ئىشلىتىلگەندە، بۇ ئۆزگەرگۈچى مىقدار ساقلىغان ئۇچۇر فۇنكىسيە ئاخىرقى قېتىم يۆتكەپ ئىشلىتىلگەندە ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىزاھات: بۇ ئۆزگەرگۈچى مىقدار يەنىلا فۇنكىسىيەنىڭ قىسمىي ئۆزگەرگۈچى مىقدارى.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 11:34 , Processed in 0.345665 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش