ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.
HDCMS دېسەم ھەقىچان سىلەرگە بەك ناتونۇشمۇ ئەمەس. دەل后盾网 دىكىلەر ئىشلىگەن CMS سىستېما. يېڭىدىن 框架 ئۆگىنىۋاتقانلارغا ياخشى بىر ئۈلگە بولالايدىغان سىستېما.
بۇنى نېمىشقا تەرجىمە قىلىپ قالدىم؟ (1)CMS تۈر ئىچىشنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىش تەرتىپنى تەتقىق قىلاي دەپ. (2)ئۆزۈمنىڭ UI ھۈجەيرىلىرىمنى بىر چىنىقتۇراي دەپ. ھەم شۇنداقلا ئۆزۈم ئىشلىتىمەن دەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمىنىڭ سۈپىتىگە ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا تەرجىمە قىلدىم.
بۇ سىستېمىنى نېمىشقا تارقىتىشنى ئويلاپ قالدىم؟
(1)ئۆتكەندە ئەرقالدا سۆزلەنگەن بىر ئېغىز گەپنىڭ تۈرتكىسىدە. يەنى سەن قىلالمىساڭ قىلالايدىغانلارغا قىلغېلى قوي. دېمەكچىمەنكى ئەسلى بۇ سىستېمنى ئۆزۈم كىچىك بىر بىلوگ قىلىپ قويارمەن دەپ خېلى ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن. لېكىن شىركەتتىكى ئىشلارمۇ خېلى ئالدىراش بولۇپ قېلىش سەۋەبلىك بۇ ئىشلىرىمنىمۇ بىر ياقىلىق قىلىپ بولالمىدىم، ھەم يەنە كېلىپ ئۆزۈم مۇستەقىل بىلوگ سىستېمىسى يېزىۋاتقان بولۇپ، HDCMS نىڭ ئىشلىرى بۇرۇنقى يەردىلا قالغان. ئامباردا بىكار تۇرغىچە دەپ ئاخشامنىياقى بىر قۇر رەتلەپ بۈگۈن تارقىتىشنى مەقسەت قىلىپ مانا ھازىر مۇشۇنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمەن.
سىستېمىنىڭ تەرجىمە ئەھۋالىدىن قىسقىچە دوكلات:
(1)ئارقا بەت 99% تەرجىمە قىلىندى. چۈنكى ئارقا بەتنىڭ تىل بولىقى يوق بولۇش سەۋەبلىك ھەر بىر ھۆججەتنىڭ ئىچىنى بىر قېتىمدىن ماتىلىلاپ تەرجىمە قىلىدىغان ئىشكەن. شۇڭا بەلكىم چالا قالغان جايلار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن دائىم ئىشلىتىلىدىغان كۆزگە دائىم چېلىقىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل تەرجىمە قىلىندى.
ئارقا بەتنىڭ ئۇسلۇبى ئۈزۈمنىڭ خاھىشى بويىچە قايتىدىن تەڭشەلدى.
(2)ئەزالار مەركىزى 100% تەرجىمە قىلىندى. بەلكىم ئانچە-مۇنچە خەنزۇچە رەسىملەر بولۇشى مۇمكىن. بۇنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى بىر تەرەپ قىلىۋالسا بولىدۇ دەپ قارىدىم ئۆزۈمچە. ئەزالار مەركىزىنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزۈمنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە قايتىدىن تەڭشەلدى. ئازادە قىلىندى.
(3)ئالدى بەت. چۈنكى ئالدى بەتكە ئۆزۈم قايتا ئۇسلۇب يازىمەن دەپ سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ ئۇسلۇبىنى ئورناتقان، لېكىن بۇ ئۇسلۇبنىڭ قۇرۇلمىسى پۈتكەن، مەزمۇن تارتىدىغان جايلىرىلا قالغان. شۇڭا ئالدى بەتكە كەلگەندە ئىشلەتكۈچىلەر يەنىلا ئۆزى رەتلەشكە توغرا كېلىدۇ.
ئالدى بەت ئۇسلۇبى توغرىسىدا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە قىسقىغىنا ئىلھام بېرەي. سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇبىنى تەييارلىۋىلىپ، مەن يازغان ئۇسلۇب ئىچىدىكى قۇرۇلمىنى بىر قاتار كۆزىتىپ ئاندىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق مەزمۇنلارنىڭ ئوقۇش مىقدارلىرىنى ماس ئورۇنغا قويسىڭىز بولىدۇ. مەن سەل مۇرەككەپ سۆزلىگەن بىلەن بەك ئاددىي ئىشلار بۇ. ئورگان تورىنىڭ ئۇسلۇب قوللانمىسىنى كۆرۈپ چىقسىڭىزمۇ سىزگە كۆپ ياردىمى بولىدۇ.
ئەمسە جىق گەپنى ئاز قىلاي. سىستېمنىڭ تەرجىمە قىلىنىش رەسىملىرىدىن بىر-ئىككىنى كۆرەيلى.
ئارقا بەت
ئەزالار مەركىزى
بۇ سىستېمىنىڭ ئورگان تور بېكىتى
http://www.hdphp.com/
ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز،
ئىنكاس يېزىڭ
ساندان ھۆججىتى:
hdcmssql.zip
(16.38 KB, چۈشۈرۈش سانى: 147)
ئورنىتىش توغرىلىق ئىزاھات:
ئاۋۋال قوشۇمچىنى چۈشۈرۈپ مۇلازىمىتېرىڭىزنىڭ بۇ مۇندەرىجىسىگە قويۇڭ. ئاندىن قوشۇمچە ئىچىدىكىhdcms.sql ناملىق ھۆججەتنى ساندانغا بىر قېتىم يازدۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ سىستېما پەقەت ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە قىلىش مەقسىتىدىلا تەرجىمە قىلىندى. سىستېمىنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئاچقۇچى تەرەپكە تەۋە. ھەم ئۆگىنىش مەقسىتىدىلا تارقىتىلدى. ھەرقانداق شەخس ياكى ئورۇننىڭ باشقىلىلارغا ھەقلىق تەمىنلىشىگە بولمايدۇ. (بۇنى ئادەمنىڭ ئىنسابىغا قارايمىز ئەمدى. قالغان گەپ يەنىلا سىلەرنىڭ ئىختىيارىڭلاردا. )
تەرجىمە توغرىلىق مەسىلىلەر بولسا مۇشۇ يەردە تورداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ سەل قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن ھېچقانداق تېخنىكىلىق ۋە باشقا جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قاتناشمايمەن. گەر خالىسىڭىز ئۆزىڭىز تەتقىق قىلىپ تەجرىبە قىلىپ بېقىڭ.
قالايمىقان ئەخلەت ئىنكاسلارنى يېزىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. (بىرلا ئېغىز گەپ، خالىسىڭىز بولمىغان يەرلىرىنى تۈزەپ ئىشلىتىڭ، بولمىسا ئارتۇق گەپ ... كە يۈك. )
ئاخىردا تورداشلارنىڭ مەن بىر سويمىنىڭ توغرا بولمىغان گەپلىرىمىنى كۆڭلۈڭلارغا ئالماسلىقىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
--------------
تەرجىمە قىلغۇچى ۋە تارقاتقۇچى: كارخانىچىلار تورى (ئويغان) | ئادىرىسى:
http://www.karhaniqi.com