بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 5615|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[شىنجاڭ داڭلىق كىشلەر] يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


※ ئىنسان بالىسىنىڭ قەدىر – قىممىتى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن بولىدۇ.
※ بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر، بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز يارماقتۇر.


※ ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
※ بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ نامى تىرىك بولىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ.
※ ئاتا – ئاناڭ سەندىن رازى بولسا، تەڭرىمۇ سەندىن رازى بولىدۇ.

— يۈسۈپ خاس ھاجىپ

بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئالىم ۋە شائىر، دۆلەت ئەربابى ، چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان — ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قاراخانىيلار پايتەختلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە قەشقەردە ياشاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلۇپ، قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ھازىرغىچە ئېنىق تارىخىي مەلۇمات يوق. لېكىن ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تىكى بەزى بېيىتلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتىغا ئائىت بەزى يىپ ئۇچىغا ئىگە بولىمىز.

يىل ئاتمىش ئىكى ئەردى تۇرت يۈز بىلە،

بىتيۇ تەكەتتىم بۇ سۆز ئۈلگۈلە.

(مەزمۇنى: تۆت يۈز ئاتمىش ئىككىنچى يىل ئىدى،

بۇ سۆزلەرنى تاللاپ، يېزىپ تاماملىدىم.)


تۇكەل ئون سەككىز ئايدا ئايدىم بۇ سۆز،
ئۆدۈردۈم مەن ئەتنوتە كەتتىم تۇرا.

(مەزمۇنى: بۇ سۆزلەرنى ئون سەككىز ئايدا سۆزلەپ تۈگەتتىم،
سۆزلەرنى تاللاپ، ئايرىپ، تېرىپ رەتلىدىم.)
بۇ بېيىتلاردىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھىجىرىيەنىڭ 462 – يىلى (مىلادىيە 1069 — 1070 – يىللىرى) غا توغرا كېلىدۇ.

تەگوردى ماڭا ئەلگىن ئەلىگ ياشىم،

قوغۇ قىلدى قۇزغۇن تۇسى تەگ باشىم.

(مەزمۇنى: تەگكۈزدى ماڭا قولىن ئەللىك يېشىم،

قوغۇ(ئاق قۇ) قىلدى قۇزغۇن تۈسىدەك بېشىم.)


بۇ مىسرالاردىن مۇئەللىپنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنى يېزىۋاتقان چاغلىرىدا 50 ياشلاردىن ئاشقانلىقى، داستاننى يېزىپ بولغان ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، تەخمىنەن مىلادىيە 1018 – ياكى 1018 – يىلى تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. داستاننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، مۇئەللىپ ئۇنى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ھەسەن بۇغراخان مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق (ئارىچى، ۋەكالەتچى، خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى دېگەن مەنىلەردىكى ئەرەبچە سۆز) ئۇنۋانىنى بەرگەن.
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىنىڭ ئەسلى قوليازمىسى تېخى تېپىلغىنى يوق. ھازىر ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن ئۈچ قوليازمىسى يېتىپ كەلگەن. بۇلاردىن بىرى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن ۋىنا نۇسخىسى (1939 – يىلى ھىراتتا كۆچۈرۈلگەن ھىرات ياكى ۋىنا نۇسخىسى)، ئىككىنچىسى ئەرەب يېزىقى بىلەن (14 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا) كۆچۈرۈلگەن قاھىرە ياكى مىسىر نۇسخىسى، ئۈچىنچىسى 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆچۈرۈلگەن ئەڭ قەدىمىي ۋە تولۇق نۇسخا بولغان ئەرەب يېزىقىدىكى نەمەنگەن ياكى فەرغانە نۇسخىسىدۇر.
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› — بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

‹‹قۇتادغۇبىلىك›› 82 باب، 6644 بېيىت (13288 مىسرا) تىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ئارۇز ۋەزنىنىڭ مەسنىۋى شەكلى بىلەن يېزىلغان. ئەسەردە ئاپتور ئاساسەن دۆلەتنى باشقۇرۇش يوللىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى، ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي ئۇسۇلدا، يەنى ئادالەت ۋە قانۇنغا سىمۋول قىلىنغان پادىشاھ كۈنتۇغدى، بەخت – سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان ۋەزىر ئايتولدى، ئەقىل – ئىدراكقا سىمۋول قىلىنغان ئۆگدۈلمىش، قانائەتكە سىمۋول قىلىنغان ئودغۇرمىشتىن ئىبارەت سىمۋوللۇق ئوبرازلار ۋاستىسىدە كۆركەم ئەدەبىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ.

( مەزكۇر تەرجىمىھال ئازاد مىرقاسىم تۈزگەن ‹‹تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى›› دىن قىسقارتىپ ئېلىندى)


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
تەۋسىيىلەش
ۋاقتى: 2012-3-8 16:19:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسىلدەك تۇرىدۇ، كۆرۈپ باقاي قېنى ...
بىلىملەر تورىغا ئەزا بولۇپ ياخشى قىلىپتىمەن !

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2012-3-8 16:20:05 | ئايرىم كۆرۈش

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2015-4-3 18:35:43 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىملەر تورىغا ئەزا بولۇپ ياخشى قىلىپتىمەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2015-4-3 21:39:15 | ئايرىم كۆرۈش
ئىشقىلىپ بەك  ئەقىللىق ئادەمكەن ھەيران مەن     

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2015-4-3 21:42:23 | ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت سېزگە بەك ئاۋارە كىلىپ تىمىز سىز نى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2015-8-3 12:53:58 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2015-8-3 12:54:04 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
10#
ۋاقتى: 2016-6-30 16:23:24 | ئايرىم كۆرۈش
ماتىريال چۈشۈرمەكچى بولساق قانداق چۈشۈرىمىز؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
11#
ۋاقتى: 2016-6-30 16:28:45 | ئايرىم كۆرۈش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
12#
ۋاقتى: 2016-7-10 19:56:51 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
14#
ۋاقتى: 2017-1-4 22:46:27 | ئايرىم كۆرۈش
لۇتفى بىلەن مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تەرجىمالى بولسا يولاپ بەرگەن بولساڭلار

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:19 , Processed in 0.384987 second(s), 40 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش