بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 912|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[ماتىريال] كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كۆپچىلىك كومپيۇتېرنى قوزغىتىش بىلەنلا Windowsنىڭ مەشغۇلات ھالىتىگە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشى كۈتكىنىمىزدەك تېز بولمايدۇ، ھەتتا بەزىدە قوزغىلىش بىلەنلا قېتىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەزى ۋاقىتلاردا Windowsنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى ئۇنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە بولماستىن بەلكى بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەر ۋە ياكى يۇمشاق دېتالدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن بولىدۇ. كومپيۇتېر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ناھايىتى نۇرغۇن. تۆۋەندە كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشىنى ئاستىلىۋېتىدىغان بىر قانچە سەۋەبنى تونۇشتۇرىمىز:


1.تور كارتىسى
تور كارتىسى (网卡) نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولمىسا سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېرىڭىزدا تورغا چىقمىسىڭىز تور كارتىسىنى ئېلىۋېتىڭ. كومپيۇتېرىڭىز دائىرىلىك تور (局域网)غا ئۇلانغاندىن بولسا، تور كارتىسى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭۈلدىكى ھالەتتە سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا DHCP مۇلازىمېتىرى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ناۋادا ئابۇنت لاھىيەسىنى «IP ئادرېسىغا ئاپتومات ئېرىشىش» (自动获取IP 地址) ھالىتىگە تەڭشەپ قويساق، سىستېما قوزغالغاندىلا توردىن DHCP مۇلازىمېتىرنى توختىماي ئىزدەيدۇ. سېستىما IP ئادرېسىغا ئېرىشكەن ياكى «ۋاقىت ئېشىپ كەتكەن» (超时) گىچە بولغان ئارىلىقتا، سىستېمىنىڭ قوزغىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، دائىرىلىك تور ئابۇنتلىرى كومپيۇتېرىغا IP ئادرېسى بەلگىلەپ قويغىنى ياخشى.



2. ھۆججەت ۋە پرىنتېردىن ئورتاق بەھرلىنىشWindows XPنىڭ كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغان بەزى كومپيۇتېرلارنىڭ قوزغىلىشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، بەزىدە بىر مىنۇت 40 سېكۇنتتا ئاران قوزغىلىپ بولىدۇ. سىستېما تىزىملاتقاندىن كېيىن ئۈستەل يۈزىمۇ شۇئان كۆرۈنمەي، خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب Bootvis.exe پىروگراممىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى Mrxsmb.dll ھۆججىتى كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشىغا يەنە 67 سېكۇنت قوشقانلىقتىن بولغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچچۈن ئورتاق بەھىرلىنىدىغان ھۆججەت ۋە پرىنتېرنى توختىتىۋېتىمىز: باشلاش (开始) ←بەلگىلەش (设置) ← تور ۋە نومۇر ئۇلاش (网络和拨号连接) نى ئېچىپ، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ «يەرلىك ئۇلاش»  (本地连接)نىڭ «خاسلىق» (属性)ىنى تاللايمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بۇ ئۇلىنىشتىن تۆۋەندىكى تاللانغان دېتاللارنى ئىشلىتىش» (此连接使用下列选定的组件) نىڭ ئاستىدىكى «Microsoft توردىكى ھۆججەت ۋە پرىنتېردىن ئورتاق بەھرلىنىش» (Microsoft 网络的文件和打印机) دېگەن تاللاش رامكىسى ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق بولىدۇ.



3. USB لىق قاتتىق دېسكا ۋە سىكانېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرناۋادا كومپيۇتېر قوزغىلىشتىن بۇرۇنلا USBلىق قاتتىق دېسكا، سىكانېر دېگەندەك ئۈسكىنىلەر ئۇلانغان بولسا ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈۋېتىپ كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىدە ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. ئادەتتە USBلىق ئۈسكىنىلەر كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئۈسكۈنىلەرنى ئامال بار كومپيۇتېر قوزغىلىپ بولغاندا ئاندىن ئۇلاش لازىم. ناۋادا USBلىق ئۈسكىنە بولمىسا، BIOS بەلگىلەشتە USB ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىڭ. ئەسكەرتمە: Windows قوزغىلىۋاتقاندا قوزغاتقۇچلارنى (ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچمۇ بار) تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. ناۋادا ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئىچىدە ئوپتىك دېسكا قاچىلاقلىق بولسا، كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشى ئاستىلاپ كېتىدۇ.



4. تور قوزغاتقۇچWindowsنىڭ قايتىدىن قۇرىدىغان تور ئۇلىنىش سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىشلەتمەيدىغان تور قوزغاتقۇچنى (网络驱动器) ئۈزۈۋېتىش كېرەك. ئۇسۇلى: «كومپيۇتېرىم» (我的电脑) غا كىرىپ مائۇسنى تور قوزغاتقۇچقا توغرىلاپ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ «ئۈزۈش» (断开) دېگەننى تاللىساقلا بولىدۇ.



5. قاتتىق دېسكىنى بەك كۆپ رايونغا ئايرىشقاتتىق دېسكا بەك كۆپ رايونلارغا ئايرىلغاندا Windows قوزغالغۇچە ھەر بىر رايوننى قاچىلايدۇ، رايون قانچە كۆپ بولغانسېرى مەشغۇلاتنىڭ تاماملىنىش ۋاقتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.



6. ئۈستەل تۈزىدىكى سىنبەلگىلەر كۆپ بولۇشئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر (桌面图标) بەك كۆپ بولسىمۇ سىستېمىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. Windows ھەر قېتىم قوزغىلىپ، ئۈستەل يۈزىنى كۆرسىتىدىغان چاغدا سىنبەلگىلەرنىڭ تېزلەتمە شەكلىنى (快键方式) بىرمۇ بىر ئىزدەپ قاچىلايدۇ. سىنبەلگىلەر قانچە كۆپ بولسا، سەرپ بولىدىغان ۋاقىتمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا دائىم ئىشلەتمەيدىغان سىنبەلگىلەرنى مەخسۇس ھۆججەت قىسقۇچقا سېلىش ياكى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.



7. خەت نۇسخىسى كۆپ بولۇشWindows سېستىمىسىغا 1000-1500 خىلغىچە خەت نۇسخىسى قاچىلاشقا بولىدۇ دېيىلگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە، خەت نۇسخىسى 500 دىن ئېشىپ كەتسىلە، مەسىلە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن : خەت نۇسخىلىرى قوللىنىشچان پىروگراممىنىڭ خەت نۇسخىسى تىزىملىكىدىن يوقاپ كېتىشى ياكى سىستېمىنىڭ قوزغىلىش سۈرىتى ئاستىلاپ كېتىش دېگەندەك، شۇڭا، ئىشلەتمەيدىغان ياكى دائىم ئىشلەتمەيدىغان خەت نۇسخىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش لازىم. نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆچۈرۈشتىن ئىلگىرى باشقا دىسكىغا زاپاس ساقلىۋېلىش كېرەك.



8. مىكروسوفتنىڭ يامىقىWindows XPنىڭ مەلۇم ياماقلىرى سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنى ئاستىلىۋېتىدۇ. مەسلەن: ۋاكالەت نومۇرى Q328310 بولغان ياماق Windows200 / XP نىڭ قوزغىلىش سۈرىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا تىزىملاش جەدىۋىلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. دېمەك سىستېما قوزغىلىشىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىنى مىكروسوفتنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 09:51 , Processed in 0.326448 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش