بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 329|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈندىدارنىڭ سىز بىلمەيدىغان 13 يوشۇرۇن ئىقتىدارى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
       
بىز كۈندە ئۈندىدار ئىشلىتىمىز، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈندىدارنىڭ كۆپلىگەن يوشۇرۇن ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلمەيدۇ! بۈگۈن مەن سىزگە ئۈندىدارنىڭ قالتىس ھەم كارغا كېلىدىغان 13 ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، تېزدىن ئۆگىنىۋېلىڭ!
1. خاتىرە ساقلىيالايسىز
ئۈندىدارنىڭ ساقلاش ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك بولۇپ، سىز ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىڭىزنىڭ سۆزلىرى، سىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولغان ئاۋازلىق پاراڭ، سىز ياقتۇرىدىغان ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: «ساقلاش» نىڭ ئىچىدە ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجەكتىكى « » نى بېسىپ ئۆزىڭىزنىڭ خاتىرىڭىزنى قۇرۇپ، رەسىم، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، ئاۋاز، يېزىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە قويسىڭىز بولىدۇ، بۇ سىزنىڭ گۈزەل ۋاقتىڭىزنى خاتىرىلىشىڭىزگە ياردەم قىلىپلا قالماستىن يەنە ئۈنۈمىڭىزنى كۆتۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.
ئەڭ ئاخىرىدا خاتىرىڭىزنى خالىغان دوستلىرىڭىزغا بىۋاسىتە يوللىيالايسىز، بۇ ئۇسۇل قالتىس قولاي.

2. توپ ئىچىدە تېز سۈرئەتتە باشقىلارنى @ قىلالايسىز
توپتا پاراڭلاشقاندا سىز مەلۇم بىر كىشىنى @ قىلماقچى بولسىڭىز، ئاتايىتەن توپ ئەزالىرى تىزىملىكىگە كىرىپ ئۇنى ئىزدىشىڭىز ھاجەتسىز، ھەم خەت كىرگۈزگۈچنى ئالماشتۇرۇپ @ بەلگىسىنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
پاراڭلىشىش كۆرۈنمە يۈزىدە شۇ كىشىنىڭ باش سۈرەت رەسىمىنى ئۇزۇن ۋاقىت بېسىپ تۇرسىڭىزلا ئۇنى @ قىلالايسىز.
3. روبىرو توپ قۇرالايسىز
ئۈندىدارنىڭ توپ قۇرۇش ئىقتىدارى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، بۇ روبىرو توپ قۇرۇش ئۇسۇلى ھازىر تونۇشقان يېڭى دوستلارغا بەك ماس كېلىدۇ، كۆپچىلىك پەقەت ئوخشاش بىر مەخپىي نومۇر كىرگۈزسىلا بولىدۇ.
روبىرو توپ قۇرۇش ئۇسۇلى: پاراڭلىشىش باش بېتى ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجەكتىكى «توپ قۇرۇپ پاراڭلىشىش» نى تاللاپ، ئاندىن «روبىرو توپ قۇرۇش» نى بېسىپ، خالىغان تۆت خانىلىق ساننى بېكىتىپ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ئېيتىپ بېرىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ ساننى كىرگۈزسىلا بىر توپقا كىرەلەيدۇ، بۇمۇ بەكلا ئاسان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر يوشۇرۇن ئىشلىتىش ئۇسۇلى بار، سىز ئۆزىڭىزگە بىر توپ قۇرۇپ، خالىغان تۆت خانىلىق ساننى كىرگۈزسىڭىز بۇ توپتا پەقەت سىزلا بار بولىسىز.

4. تېز سۈرئەتتە دوستلار چەمبىرىكى ھوقۇق دائىرىسىنى بەلگىلىيەلەيسىز
دوستلار چەمبىرىكىنى ئېچىپ، مەلۇم كىشىنىڭ باش سۈرىتىنى ئۇزۇن بېسىپ تۇرغاندا ناھايىتى قولاي ھالدا بۇ ئادەمگە قارىتا دوستلار چەمبىرىكى ھوقۇق دائىرىسىنى بەلگىلىيەلەيسىز، بۇ ئۇسۇل مەلۇم بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا چەمبىرەككە زىيادە كۆپ نەرسە چىقىرىپ كۆزلىرىڭىزنى ئالا-چەكمەن قىلىۋېتىپ، سىز ئۇنىڭ چەمبىرىكىنى كۆرمەسلىكنى ياكى ئۇنىڭغا چەمبىرىكىڭىزنى كۆرسەتمەسلىكنى ئويلىغاندا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
5. ئوغرىلىقچە دوستلىرىڭىزنىڭ قانداق ماقالىلەرنى ئوقۇغانلىقىنى بىلەلەيسىز
بۇ ئىقتىدارنى دەسلەپتە بايقىغاندا چوقۇم ھەيران قالىسىز! بۇ ئىقتىدار بەك قالتىس.
دوستلار چەمبىرىكىڭىزدىكى كىشىلەر زادى قانداق ماقالىلەرنى كۆرىدۇ، بەلكىم بۇ سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىز بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.
دوستلىرىڭىز ئوقۇغان ماقالىلەرنى كۆرۈش ئۇسۇلى: ئۈندىدار پاراڭلىشىش بېتىدە مۇشتەرى بولغان ئۈندىدار سالونلىرىنى باسىمىز، ئاندىن ئەڭ ئۈستىدىكى ماقالە ئىزدەيدىغان «لوپا ئەينەك» بەلگىسىنى باسساق، «دوستلىرىڭىز ئوقۇغان ئىجادىي ئەسەرلەر» دېگەن خەت كۆرۈنىدۇ، بۇنى باسسىڭىز سىز تېخىمۇ كەڭرى دۇنيانى بايقايسىز.
6. باشقىلارنى سىزنىڭ ئىلگىرىكى دوستلار چەمبىرىكىڭىزنى كۆرەلمەس قىلالايسىز
نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلاردا كۆپىنچىمىز يىلدا بىر خىل قىياپەت بىلەن نامايان بولىمىز، بەلكىم دوستلار چەمبىرىكىمىزدە ئىلگىرىكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ياكى كۆڭلىمىز يېرىم بولغان چاغلاردىكى مەزمۇنلار بار بولۇشى مۇمكىن. يېڭى دوست قوشقاندىن كېيىن ئۇلارنى چەمبىرىكىمىزنى كۆرەلمەس قىلىپ قويۇشىڭىز ئەپسىز بولسا، ئەمما ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى مەزمۇنلىرىڭىزنى كۆرسەتمەسلىكنى ئويلىسىڭىز، دوستىڭىزنى پەقەت يېقىنقى يېرىم يىللىق دوستلار چەمبىرىكى كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ.
باشقىلارغا ئىلگىرىكى دوستلار چەمبىرىكىڭىزنى كۆرسەتمەسلىك ئۇسۇلى: «تەڭشەك» نىڭ ئىچىدىن «شەخسىي ئۇچۇر» نى بېسىپ، ئاندىن ئەڭ ئاستىدىكى «دوستلىرىمغا ئەڭ يېقىنقى يېرىم يىللىق دوستلار چەمبىرىكىمنى كۆرسىتىمەن» نى تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا دوستلار چەمبىرىكىدىكى يەككە رەسىملەرنى پەقەت ئۆزىڭىزلا كۆرەلەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويالايسىز. پەقەت دوستلار چەمبىرىكىدە شۇ رەسىمنى تېپىپ «خۇسۇسىي رەسىم» دەپ تەڭشەپ قويسىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزلا كۆرەلەيسىز. كەيپىياتىڭىز ياخشى چاغدا «ئاشكارا رەسىم» قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
7. ئۈندىدارنىڭ قالتىس ئىزدەش ئىقتىدارى بار
كۆپلىگەن كىشىلەر ئادەتتە ئالاقىلاشقۇچىلەرنىلا ئىزدەيدۇ، ئەمما ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى بارغانسېرى قالتىس بولۇپ كەتتى، بىۋاسىتە ئۈندىدار پاراڭلىشىش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىزدەش رامكىسىنى باسقاندا، ئاپتوماتىك ھالدا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار چىقىدۇ. سىز بۇ ئارقىلىق دوستلار چەمبىرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىزدىيەلەيسىز، مەسىلەن سىز كۆپچىلىكنىڭ مەلۇم كىنوغا بولغان باھاسىنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، كىنو ئىسمىنى ئىزدىسىڭىز كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ كىنوغا قارىتا يوللىغان دوستلار چەمبىرىكىنىڭ ھەممىسى كۆرۈنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھالقىلىق سۆز بار ماقالە، ھېكايە قاتارلىقلارنى ئىزدىگىلى بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدىكى چىراي ئىپادىسى تاللىشىمۇ بەك قالتىس، خالىغان چىراي ئىپادىسى سۈپەت سۆزىنى كىرگۈزسىڭىزلا، نۇرغۇنلىغان چىراي ئىپادىلىرى چىقىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا يەنە دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئاۋات ماقالىلەر تاللىشى بار، بۇ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «دوستلىرىڭىز ئوقۇغان ئىجادىي ئەسەرلەر» دېگەن ئىقتىدار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۈنۈمى بار.
8. يەككە تەرەپ ئۆچۈرۈۋەتكەن دوستنى بىلدۈرمەي يەنە قوشالايسىز
ئەگەر ئۆچۈرۈۋەتكەن دوستىڭىز بار بولۇپ، كېيىن پۇشايمان قىلغان بولسىڭىز يەنە قوشۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
پەقەت قارشى تەرەپ سىزنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەن بولسىلا سىز قايتا ياخشى دوستقا ئىلتىماس قىلسىڭىز، قارشى تەرەپ دوست قوشۇش ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالمايدۇ، بۇنى ھېچكىم تۇيمايدىغان، كۆپچىلىكمۇ بىلەلمەيدىغان بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئىقتىدار.
ئەمدى سىزنى كىملەرنىڭ ئۆچۈرۈۋەتكىنىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بىر توپ قۇرۇپ بارلىق ئادەمنى ئەكىرىسىز، پەقەت سىز گەپ قىلمىسىڭىزلا سىزنىڭ توپ قۇرغانلىقىڭىزنى باشقىلار بىلمەيدۇ. ئەگەر باشقىلار سىزنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسا، سىستېما ئۇنىڭ سىزنىڭ دوستىڭىز ئەمەسلىكىنى، دەلىللەشتىن ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. سىناپ بولغاندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسىڭىز توپمۇ تەبىئىيلا يوق بولۇپ كېتىدۇ.
9. دوستلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ۋە ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ پەرقىنى بىلىۋېلىڭ
ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى ئۆچۈرۈۋەتكەن ياكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا سىزگە نېمە كۆرۈنىدۇ؟
بۇ نۇقتا دائىم ئۇرۇشىدىغان كىچىك دوستلارغا بەك ماس كېلىدۇ، بولۇپمۇ ھە دېسىلا قارشى تەرەپنى ئۆچۈرۈۋېتىپ قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىغا قارايدىغانلارغا.
ئۈندىدار ئورگان تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر قارشى تەرەپ دوستىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسا، سىز ئۇچۇر يوللىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ:

ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويغان بولسا، سىز ئۇچۇر يوللىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ:

بۇنىڭ يەنىلا پەرقى بار...
10. كۆپ ئادەم ۋىدىيولۇق پاراڭلىشىش
ئۈندىدارمۇ كۆپ ئادەم ۋىدىيولۇق پاراڭلىشىشنى قوللايدۇ. بۇ يىراق مۇساپىلىك ئۆگىنىش، يىراق مۇساپىلىك يىغىن قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق دوستلارغا بەك ماس كېلىدۇ. پەقەت تور سۈرئىتىدە مەسىلە بولمىسىلا، ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا توققۇز ئادەم بىرلا ۋاقىتتا پاراڭلىشىشنى قوللايدۇ.
كۆپ ئادەم ۋىدىيولۇق پاراڭلىشىش ئۇسۇلى: پاراڭلاشماقچى بولغانلار بار ئۈندىدار توپىنىڭ ئاستىدىكى « » نى بېسىپ، «ۋىدىيولۇق پاراڭلىشىش» نى تاللاپ، ئاندىن پاراڭلىشىدىغان ئەزالارنى تاللىساقلا بولىدۇ.


11. تېلېفوننى سىلكىپ ناخشا ئاڭلىغىلى، سىكاننېرلاپ سۆز ئىزدىگىلى بولىدۇ
ئۈندىدارنىڭ «سىلكىپ بېقىڭ» ئىقتىدارىنى بوش چاغلىماڭ، بەلكىم سىز بۇنىڭغا سەل قارىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ھازىر «سىلكىپ بېقىڭ» ئىقتىدارى ئارقىلىق ناخشا ئىزدىگىلى، تېلېۋىزىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقىلى بولىدۇ.
«سىلكىپ بېقىڭ» ئىقتىدارى پەقەت QQ مۇزىكا ئامبىرىدىكى ناخشىلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئەگەر مۇزىكا ئامبىرىدا بولمىسا پەرقلەندۈرۈشكە ئامال يوق.
«سىكاننېرلاپ بېقىڭ» ئىقتىدارىدا بۇرۇنقىدەك ئىككىلىك كودنىلا سىكاننېرلايدىغان ئىش يوق، ھازىر ئېلان تاختىسى، ئىنگلىزچە خەت، كوچا مەنزىرىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سىكاننېرلىغىلى بولىدۇ.

12. ئاۋازلىق قۇلۇپتا ئۈندىدارغا چىققىلى بولىدۇ
ئۈندىدارنىڭ ئاۋازلىق قۇلۇپ بىلەن چىقىش ئىقتىدارى بار، سىز يېڭى تېلېفوندا ئۈندىدارغا چىققان ياكى چېكىنگەندىن كېيىن قايتا چىققان ۋاقتىڭىزدا قايتا مەخپىي شىفىر كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بىر نەچچە ساننى دېسىڭىزلا بولىدۇ.
ئاۋازلىق قۇلۇپنى تەڭشەش ئۇسۇلى: «تەڭشەك» تىن «ھېسابات نومۇرى ۋە بىخەتەرلىك» نى تاللاپ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن «ئاۋازلىق قۇلۇپ» تاللىشىنى بېسىپ تەڭشىسەك بولىدۇ. ئاندىن سىز ئاۋازىڭىز بىلەنلا ئۈندىدارغا چىقالايسىز، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك.

13. ئۈندىداردا رەسىمگە چىراي ئىپادىسى، خەت قوشقىلى بولىدۇ
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دوستلار چەمبىرىكىگە رەسىم يوللاشتىن بۇرۇن باشقا رەسىم تۈزەش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ رەسىمنى تۈزەشكە ئادەتلەنگەن، ئەمەلىيەتتە بۇنچە ئاۋارە بولۇش ھاجەتسىز، ئەڭ يېڭى نەشردىكى ئۈندىدار (6.5.4 نەشرى) دا بۇ ئىشلارنى بىر قەدەمدىلا قىلغىلى بولىدۇ.
ئۈندىدارنىڭ يېڭىدىن قوشۇلغان رەسىم تەھرىرلەش ئىقتىدارىدا رەسىم قەلىمى، خەت قوشۇش، غۇۋالاشتۇرۇش، كېسىش قاتارلىق ئاساسلىق قوراللار بار، ئەڭ قالتىس بولغىنى چىراي ئىپادىسىنى رەسىم ئۈستىگە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
رەسىم تەھرىرلەش ئۇسۇلى: دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاشتىن بۇرۇن رەسىمنى تاللاپ، سول تەرەپ ئاستى بۇرجەكتىكى تەھرىرلەشنى بېسىپ، ئەڭ ئاستىدىكى تاللاشنى باسساقلا، خەت، چىراي ئىپادىسى قوشقىلى، رەسىمنى قىسمەن غۇۋالاشتۇرغىلى، رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا رەسىمنى تەھرىرلىگىلى بولىدۇ، تاماملاشنى باسقاندىن كېيىن دوستلار چەمبىرىكىدىكى يوللاش بېتىگە كىرىدۇ، بۇ چاغدا ئىككىنچى رەسىمنى قوشساق بولىدۇ.
توپتا يازغان: psبىلىملىرى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:06 , Processed in 0.230484 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش