emlog بولسا php تىلىدا تۈزۈلگەن ئىقتىدارلىق بلوگ ھەم CMS سېستىمىسىدۇر. emlog سىزگە تور سۈرەتنىڭ نىمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرالايدىغان ئالاھىدە يىنىك بلوگلارنىڭ بىرى. emlog نىڭ ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك ۋە يىنىك بولۇشى دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
emlog نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىكلىرى |
- يازغان ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە url بەلگىلەپ، بلوگ ئوقۇرمەنلىرىگە تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتالايسىز.
- ئۇسلۇبلىرى سەرخىل، بىكەت باشقۇرۇش بىتىدىن بىۋاستە ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز.
- نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلارنى قوللايدۇ، قىستۇرما ئارقىلىق سىز بلوگىڭىزنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق قىلىپ چىقالايسىز.
- ئەسەر يوللىغاندا ئەسىرىڭىزنىڭ ئۆچۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، emlog سىزگە ھەر ۋاقىت ئاپتۇماتىك يېزىۋاتقان ئەسىرىڭىزنى ساقلاپ بىرىدۇ.
- ئورگىنال ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر بىر ئەسەرنى يېزىپ، ئاخىرىنى كىيىنچە يازماقچى بولسىڭىز ئەسەرنى ئېلان قىلماي تۇرۇپ ئورگىنالغا ساقلىۋېلىپ كىيىنچە ۋاقىتىڭىز چىققاندا داۋاملىق يېزىپ يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
- يانفون بېتى بەك چىرايلىق، ھەر ۋاقىت تۇرمىشىڭىزنى خاتىرلىيەلەيسىز.
- سىمسىز ئەسەر يوللىيالايسىز. سىز Windows Live Write قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ بىۋاستە بلوگ يازالايسىز.
- يان تىزىملىكلەرنى خالىغانچە قوشقىلى، ئېلىۋەتكىلى ۋە خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ. يەنە تېخى ئىختىيارى يان تىزىملىك قوشالايسىز.
- ئىختىيارى بەت قورۇپ چىقالايسىز. بۇ ئارقىلىق سىز سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ خاس بىتىنى لايىھەلەپ چىقالايسىز. ھەمدە بۇ بەتلەرنى ئۈستى يول باشلاش قىسمىغا ئورنىتالايسىز.
- كۆپ يازغۇچى بىرلىشىپ بلوگ يازالايسىز. ئارقا باشقۇرۇشتىن بىۋاستە ئاپتۇر قوشۇپ بىرلىشىپ بىرلىشىپ بلوگ يازسىڭىز بولىدۇ.
- ئەسەرلارگە خەتكۈچ قۇشۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، خەتكۈچ (tag) ئارقىلىق ئەسەرلەرنى تۈرگە ئايرىپ كۆرەلەيسىز.
- ئەسەرلەرگە بىۋاستە قۇشۇمچە(رەسىم، ھۆججەت) قاتارلىقلارنى قوشالايسىز. . بلوگ باش بىتىدىكى كالىندار ئارقىلىق ئەسەر يېزىلغان كۈننى چىكىپ شۇ كۈنلۈك ئەسەرلەرنى كۆرەلەيسىز.
- ئارقا باشقۇرۇشقا ساندان قالدۇق تازلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بلوگ سۈرىتىنى كۆرۈنەرلىك تىزلىتەلەيسىز.
- RSS ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، بۇ ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر سىزنىڭ بلوگىڭىزغا مۇشتەرى بولالايدۇ.
- ئارقا باشقۇرۇشتا ساندان زاپاسلاش، ئاپتۇماتىك ساندان زاپاسلاش ۋە ساندان قايتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.
- بلوگنىڭ يەنە خاتىرە يوللاش ئىقتىدارى بولۇپ، رەسىم ۋە چىراي ئىپادىلىرىنى قىستۇرالايسىز. ھەر ۋاقىت تۇرمىشىڭىزنى خاتىرلەپ ماڭالايسىز.
- src نىڭ ئىچىدىكى باھارلىق ھۆججەتلەرنى بلوگ قاچىلىماقچى بولغان ئورۇنغا چىقىرسىز.
- تور كۆرگۈچكە بلوگ قاچىلىماقچى بولغان ئورۇننىڭ كەينىگە install.php نى قۇشۇپ ئاچىسىز ۋە قاچىلايسىز.
- قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولدى، قاچىلاش ھۆججىتى install.php نى بوشلۇقتىن ئۈچۈرۋېتىڭ.
بىلىملەر مۇنبىرىگە emlog مەخسۇس رايۇنى قۇرۇلدى.
emlog مەخسۇس رايۇنى ئادىرىسى: بىلىملەر مۇنبىرى » كومپىيۇتېر » تور بىكەت ياساش بىلىملىرى » emlog مەخسۇس رايۇنى.
emlog مەخسۇس رايۇنىغا يەنە چۈشۈرۈش، ئۇسلۇب، قىستۇرما، تېخنىكا ۋە ياردەمدىن ئىبارەت كىچىك تۈرلەر قۇشۇلغان بولۇپ، تېما يوللىغاندا ماس تۈرگە يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
چۈشۈرۈش مەنزىلىنى بىۋاستە بلوگغا قۇشۇمچە سۈپىتىدە يوللىدۇم، تورداشلار تېما قۇشۇمچىسىدىن چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ. چۈشۈرگەندە بىلىملەرگە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
Emlog 5.2.1 For uyghur By_Bilimlar Team.zip
(651.47 KB, چۈشۈرۈش سانى: 211)
پىرىستىن يېشىش پارولى:
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز،
ئىنكاس يېزىڭ
بىلىملەر تورى ئىزچىل تورداشلار ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. بىكەت سېستىمىسى ئاستى ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋەتمەڭ. بىزنى قوللىسىڭىز بىلىملەر تورىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشىۋېلىڭ. رەھمەت سىزگە!
كومپىيۇتېر نۇسقىسى:
/demo/emlog
يانفون نۇسقىسى:
/demo/emlog/m