ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار، يۇيۇلغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تىل بولىقىنى ئىگە تەرەپكە يوللاپ بەرسەم قوشۇپ قويۇپتۇ. شۇنى خەۋەر قىلاي دەپ كىردىم.
دېتال ئىسمى: ئۆچۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتالى
Wise Data Recovery
چۈشەندۈرۈش: كومپيۇتېرىڭىزدا ئۇقۇشماستىن ئۆچۈرۈپ سالغان ھۆججەتلەر ياكى باشقىلار ھەپىلىشىپ ئۆچۈرۈپ سالغان، تېپىش تەس بولغان ھۆججەتلەرنى بەزىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە موھتاج بولىمىز. بۇ دېتال ئارقىلىق ئۆچۈرۈلگەن بىر قىسىم
ماتېرىياللىرىڭىزنىئەسلىگە
كەلتۈرەلىشىڭىز مۇمكىن.
تىلى: كۆپ تىللىق، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
نەشرى: 3.71
ئىجرا مۇھىتى: winXP/Vista/win7/win8/win8.1 مەن win8
دا سىنىدىم.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت، مەن 32
بىتتا سىنىدىم.
ئىقتىدارى: كومپيۇتېرنىڭ ھەر قايسى
دىسكىلىرىدىكى ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ تەكشۈرۈش ۋە تاللاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
ئىگە تەرەپ بېتى:
http://www.wisecleaner.com/wise-data-recovery.html
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى:
ئاۋۋال دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز، دەسلەپ قوزغالغاندا ئىنگلىزچە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللىساق دېتال كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى تەكشۈرىدىغان دىسكىنى تاللايمىز ۋە «تەكشۈر» دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز.
دىسكا سىغىمى چوڭراق، ئۆچۈرۈلگەن ماتېرىياللار كۆپرەك بولسا تەكشۈرۈش ۋاقتى سەل ئۇزۇن بولىدۇ. تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تاپقان ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شۇ ھۆججەتلەردىن ئۆزىمىز ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغانلىرىنى تاللىساق ياكى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ شۇ يەردىن تاللاپ قويساقمۇ بولىدۇ.
دىققەت، تاللاشتىن بۇرۇن «ئەسلىگە كېلىشچانلىقى»غا دىققەت قىلىڭ. ياخشى دەپ چىقسا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ناچار، يوقالغان دېگەندەك بولۇپ قالسا ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىزمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى «ئەسلىگە كەلتۈر» دېگەننى باسساق بولىدۇ.
بىزدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئورۇن تاللاشنى سورايدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قاپلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى ساقلانغان دىسكىسىنى تاللىماڭ. باشقا دىسكىنى تاللاپ جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئەسكەرتىش چىقىدۇ، ئەسكەرتىشنى چەكسىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرگەن مۇندەرىجە ئېچىلىدۇ.
ناۋادا تەكشۈرۈپ تاپقان ھۆججەتلەر بەك كۆپ بولسا، سىز تۈرى بويىچە ياكى ئىسمىنى ئىزدەپ شۇنىلا ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز ئوڭ تەرەپتىكى «ھالقىلىق سۆز كىرگۈزۈڭ» دېگەن ئورۇنغا ئىسمىنى يېزىپ ياكى ئۈچ
بۇرجەكنى بېسىپ، شۇ يەردىن تۈر تاللاپ چىققانلىرىنى ئەسلىگە
كەلتۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
دېتالغا ئائىت باشقا ئۇچۇرلارنى ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
دېتال ئۇيغۇرچە بولغاندىكىن كۆپ
چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار.
سىغىمى: 1.36 mb
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا يۇنىكود خەت نۇسخىلىرى قاچىلانغان بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئىگە تەرەپتىن چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://www.wisecleaner.com/wise-data-recovery.html
مۇشۇ بەتكە كىرىپ Free Download (ھەقسىز چۈشۈرۈش) دېگەننى باسسىڭىز يەنە بىر بەتكە كىرىدۇ. ئۇ يەردىن Download Now (ھازىرلا چۈشۈرۈش) دېگەننى باسسىڭىز بولىدۇ.
زاپاس ئادرېس:
سومكام:
http://www.somkam.com/5Kb
باشقا تور دىسكا:
http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZRsbmX
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
قوشۇمچە: ئىگە تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى قوشۇپتۇ ۋە نەشر يېڭىلاپتۇ، تىل بولىقىغا يەنە بىر قانچە جۈملە قوشۇلۇپتۇ. ئۇنىمۇ تەرجىمە قىلىپ ئىگە تەرەپكە يوللاپ قويدۇم ۋە تېمىدىكى زاپاس چۈشۈرۈش ئادرېسىدىكى پىرېسلانغان ھۆججەتكە قوشۇپ قويدۇم. بۇ تىل بولىقى تولۇق تەرجىمە قىلىنغان ۋە خەت نۇسخىسى مىكرو سوفت ئۇيغۇر خەت نۇسخىسىغا توغرىلانغان. دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىنى ئېچىپ، language (تىل) دېگەن قىسقۇچنى ئېچىپ، ئەسلىدىكى تىل بولىقى بىلەن مەن قوشۇپ يوللىغان تىل بولىقىنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. win7 ۋە يۇقىرى نەشرىدىكى سىستېمىلاردا دېتال كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق چىقىدۇ.
ئىزاھات: ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق. بۇ ھەقسىز دېتالدا بەلكىم كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ناۋادا ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان ھۆججەتلىرىڭىز مۇھىم بولسا يەنىلا ھەقلىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر
تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
مەنبە:
http://www.nurqut.net/ud/thread-24451-1-1.html