بۈگۈن جۇڭگو تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئەترىتىدىن بىرى بولغان پەنگو ئەترىت ىبۈگۈن ئورگان تورىدا ئالما iOS9.2-iOS9.3.3 سىستېمىسىدىكى يانفونلارنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى ئېلان قىلغان ۋە چۈشۈرۈش تەمىنلىگەن بولۇپ ، تېزيول IT ئۇچۇر لىنىيەسى تورداشلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئالما iOS9.2-9.3.3 سىستېمىسىدىكى يانفونلارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكىنى ئىشلەپ كەلدۇق . دىققىتىڭىز دەرىسلىكىمىزدە بولسۇن …!تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئەسكەرتمىلەر :
1- تۈرمىدىن قېچىشنىڭ خەۋپ – خەتىرى بار ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز تۈرمىدىن قېچىشتىن بورۇن ، سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى زاپاس ساقلىۋېلىڭ !
‹‹ ماتېرىيال زاپاسلاش دەرسلىكى ››تەييارلىق باسقۇچى :
1 سىزنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرىدىغان ئۈسكۈنىڭىز 64 بىتلىق بولۇشى كېرەك ، ‹‹ تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا بولىدىغان يانفونلار : iPhone 5s ، iPhone 6 ، iPhone 6 Plus ، iPhone 6S ، iPhone 6S Plus ، iPhone SE ، ››
2 كومپيۇتېرىڭىزدا iTunes قاچىلانغان بولۇشى ۋە كومپيۇتېرىڭىز تورغا نورمال ئۇلانغان بولۇشى كېرەك !
3 يانفونىڭىز توكى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك !
4 پەنگو تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى چۈشۈرۈش :
پەنگو تۈرمىدىن قاچۇرۇشۇش قۇرالى1 قەدەمدە پەنگو تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى چۈشۈرۈپ نورمال قاچىلايمىز تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنى قوزغىتىمىز يەنە يانفوننى نورمال ئۇلايمىز ئاندىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 一键越狱 يەنى بىر كۇنۇپكا بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەننى چىكىمىز .
ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !
2 قەدەمدە سىز 一键越狱 يەنى بىر كۇنۇپكا بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەننى چەككەندىن كېيىن PP پەنگو تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى يانفونغا ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ . سىز بۇ ۋاقىتتا يانفونىڭىزنىڭ ئېكران قۇلۇپىنى چىقىرىۋېتىشىڭىز كېرەك !
ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !
3 قەدەمدە يانفونىڭىزغا PP پەنگو تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى نورمال قاچىلانغان بولسا بىز يانفونىمىزنىڭ ( 设置) يەنى تەڭشەككە كېرىمىز ، ۋە تەڭشەك ئېچىدىن ( 通用) يەنى ئورتاققا كېرىمىز ، ۋە يەنە ئورتاق ئېچىدىن (设备管理 ) يەنى ئۈسكۈنە باشقۇرۇشقا كېرىمىز، ۋە ئاستىدا بېرىلگەن رەسىمدىكى بويىچە ھوقۇق بەرسەك بولىدۇ .
ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !
4 قەدەمدە ھوقۇق بېرىپ بولغاندىن كېيىن يانفونغا قاچىلانغان PP盘古越狱 دېگەن ئەپنى ئاچىمىز . ئەگەردە سىزگە سىستېما ئەسكەرتمىسى چىققان بولسا سىز ‹‹ 好 ›› يەنى بولىدۇ دېگەننى چېكىۋەتسىڭىز بولىدۇ .
5 قەدەمدەPP盘古越狱 تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن ئەپنى ئاچقاندىن كېيىن 一键越狱 دېگەننى كۆرىسىز ، سىز راستتىنلا تۈرمىدىن قاچماقچى بولسىڭىز 一键越狱 دېگەننى چەكسىڭىز يانفون ئېكرانىنى 6 سىكوت ئۇچۇرۇپ ئاددىي قۇلۇپ ھالىتىدە ساقلاڭ دېگەن ئەسكەرتمىنى كۆرىسىز . سىز بۇ ۋاقىتتا يانفون ئېتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋاتىسىز ۋە 6 سىكوتتىن كېيىن ئېكراننى ئاچسىڭىز بولىدۇ .
ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە قاراڭ !
ئەمدى يانفون ئېكرانىنى يورۇتۇپ كۆرگىنىڭىزدە بولسا PP盘古越狱 تۈرمىدىن قاچۇرۇش قۇرالى تۈرمىدىن قاچۇرۋاتقان يەنى Cydua قاچىلىنىۋاتىدۇ دېگەن ئەسكەرتمىنى كۆرىسىز 1 مىنۇتتىن كېيىن يانفون ئاپتوماتىك قايتا قوزغىلىپ يانفونىڭىزغا Cydua پەيدا بولغان بولىدۇ ، خۇش سىز نورمال ھالدا تۈرمىدىن قاچتىڭىز دېگەن گەپ ھى ھى ھىئەسكەرتمە : تۈرمىدىن قېچىش جەريانىدا بىرە مەسىلە كۆرۈلۈپ نورمال قاچالماي قالسىڭىز يانفونىڭىزغا سىستېما يازالىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .
‹‹ ئالما يانفونلىرىغا سىستېما يېزىش دەرسلىكى ››
مەنبە:
http://www.tizyol.cn/4880.html