بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 903|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

Photoshop تىن پايدىلىنىپ مۇسكۇللۇق ماشىنا ئادەم لاھىيلەش دەرسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

Photoshop تىن پايدىلىنىپ مۇسكۇللۇق ماشىنا ئادەم لاھىيلەش دەرسى

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مۆھتىرەم تورداشلار، تور بېكىتىمىزدىكى ھەر بىر دەقىقە ۋاقتىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە مول ھوسۇللۇق ئۆتىشىگە تىلەكداشمىز، بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلىمەكچى بولغان دەرسىمنىڭ تېمىسى:  Photoshop تىن پايدىلىنىپ مۇسكۇللۇق ماشىنا ئادەم لاھىيلەش.

دەرسنى سۆزلەشتىكى مەقسەت— كۆپچىلىككە 钢笔 قورالى ، 图层样式 ھەمدە 添加蒙版 دىن پايدىلىنىپ مۇسكۇللۇق ماشىنا ئادەم لاھىيلەشنى ئۈگىتىش.

كونكىرىت قەدەم-باسقۇچلار:

بىرىنجى قەدەم: تەھرىرلىمەكچى بولغان رەسىم 肌肉男 نى ئاچىمىز، ئاندىن 钢笔 قورالى ئارقىلىق ئادەم بەدىنى ئۈستىدىن مەلۇم بۆلەكنى سىزىۋالىمىز. رەسىمدىكىدەك:


ئىككىنجى قەدەم: تېزلەتمە كۇنۇپكا Ctrl+Enter نى بېسىپ بايا سىزىۋالغان رايوننى تاللاش رايونىغا ئايلاندۇرىۋالىمىز. رەسىمدىكىدەك:


ئۈچىنچى قەدەم: تىزىملىك سىتونىدىن 选择 نى چىكىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 储存选取 نى چىكىمىز، ئاندىن  چىققان ساقلاش رامكىسىدىن نامىنى 选取1 قىلىپ بىكىتىمىز. رەسىمدىكىدەك:


تۆتىنچى قەدەم: Ctrl+J نى بېسىپ تاللانغان رەسىم قەۋىتىنى يېڭى رەسىم قەۋىتى 图层1 گە كۆچۈرىۋالىمىز. رەسىمدىكىدەك:


بەشىنجى قەدەم: Ctrl+T نى بېسىپ رەسىم قەۋىتىنى ئورنىنى مۇۋاپىق تەڭشەيمىز، ئاندىن Enter نى بېسىپ جەزىملەشتۈرىمىز. رەسىمدىكىدەك:


ئالتىنچى قەدەم: 图层1 نى قوش چىكىپ 图层样式 رامكىسىنى ئاچىمىز ۋە چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن  斜面 ، 投影 ۋە 浮雕 لارنى تاللاپ قىممىتىنى تۈۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز. رەسىمدىكىدەك:



يەتتىنچى قەدەم: توك سىملىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىر پارچە رەسىمنى ئاچىمىز ۋە بۇ رەسىمنى يۆتكەش قۇرالى ئارقىلىق بۇنى بىز تەھرىرلەۋاتقان 肌肉男 ناملىق رەسىم قەۋىتى ئۈستىگە سۆرەپ ئەكىرىمىز، ئاندىن Ctrl+T نى بېسىپ، ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەيمىز. رەسىمدىكىدەك:


سەككىزىنجى قەدەم: تىزىملىك سىتونىدىن 选择 نى چىكىمىز ۋە 载入选区 نى بېسىپ، چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن ساقلىماقچى بولغان رايون 选择1 نى تاللاپ ساقلايمىز. رەسىمدىكىدەك:


توققۇزىنچى قەدەم: 图层蒙版 دېگەن تۈرنى چىكىپ، رەسىم قەۋىتىگە 图层蒙版 قوشىمىز. رەسىمدىكىدەك:


ئونىنجى قەدەم: 图层2 نى قوش چىكىپ، چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن  斜面 ، 投影 ۋە 浮雕 لارنى تاللاپ قىممىتىنى تۈۋەندىكىدەك تەڭشەيمىز. رەسىمدىكىدەك:



مانا، يۇقارقى قەدەم-باسقۇچلار ئارقىلىق ئاخىرىدا تۈۋەندىكىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشىمىز:



ئىلاۋە: ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ بېكىتىمىزنى قوللاپ بىرىشىنى ۋە قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بىرىشىنى سورايمىز. تورداشلارنىڭ يۇقارقى تېمىغا قارىتا نىمىلەرنى ئويلىغان بولسا ئىنكاس شەكلىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى سورايمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، كىيىنكى تېمىمىزدا تېخىمۇ نادىر دەرسلىكلەر يوللىنىدۇ. تور بەت ئادىرىسىمىزنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ! مەنزىل: http://muntizim.com

ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېمىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇنتىزىم مائارىپ تور بېكىتىگە تەۋە. ھەر قانداق مۇنبەر ۋە سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا رۇخسەت يوق. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!

رەسىم يوللاش ھوقۇق چېكى تۈپەيلى ئەسلى مەنبەدىكى رەسىملەر ئۇلىنىش قىلىندى. ئەگەر رەسىملەر نورمال كۆرۈنمىسە بۇ يەرنى بېسىپ ئەسلى تېمىنى كۆرۈڭ

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-11-13 12:34:53 | ئايرىم كۆرۈش
قالتىسكەن!!!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-11-14 17:51:31 | ئايرىم كۆرۈش
قالتىسكەن!!!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2016-11-21 21:44:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئېلان تىمىسى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2017-2-27 19:15:58 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇندق ياخشى  باھالارنى  بىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلمەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:09 , Processed in 0.246895 second(s), 43 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش