بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 272|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[تەرمىلەر] غەلىتە ئىمتىھان سوئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئەتە ئىمتىھان دېگەن كۈنى تۆت ئوقۇغۇچى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئىمتىھانغا جىددىي تەييارلىق كۆرمەستىن ئەكسىچە سىرتتا ئويناپ يېرىم كېچىدە ئاران قايتىپ كەپتۇ. ئىمتىھان كۈنى ئۇلار ئىمتىھاندىن لاياقەتسىز بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئاخىرى ئىنتايىن ياخشى ئامالدىن بىرنى ئويلاپ تېپىتۇ. ئۇلار ماي دۇغى ۋە پاتقاقنى پۈتۈن بەدىنىگە سۈرتۈپ، ئۆزلىرىنى بولۇشىغا مەينەت كۆرسىتىپتۇ. ئاندىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئىنتايىن بىچارە ھالدا تۈنۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ بىر دوستىنىڭ تويىغا قاتنىشىپ، قايتىشىدا ماشىنا چاقىنىڭ ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى، قېرىشقاندەك ماشىنىدا ئارتۇق چاق يوقلىقىنى، بۇ قېتىملىق مۇھىم ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاتقاقلىق يولدا ماشىنىنى بىر كېچە ئىتتىرىپ يۈرۈپ بۈگۈن ئاران ئۈلگۈرۈپ كېلىشكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتىشىپتۇ.

مەكتەپ مۇدىرى ئۇلارنى قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىۋېلىشىنى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن خۇشال ھالدا مەكتەپ مۇدىرىغا ئۆزلىرىگە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگەنلىكىگە رەھمەتلەر ئېيتىشىپتۇ ۋە ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرشۈپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى بۇ تۆت ئوقۇغۇچىنى تۆت سىنىپقا ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇ ئەھۋالغا ھېلىقى ئوقۇغۇچىلاردىمۇ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق بولۇپ، ئۇلار ئۈچ كۈندىن بويان ئىمتىھانغا پۇختا تەييارلىق قىلغان ئىكەن. ئەمما ئىمتىھان قەغىزى تارقىتىلغاندىن كېيىن بۇ تۆتەيلەن ھاڭۋىقىپلا قاپتۇ. ئىمتىھاندا پەقەت ئىككىلا سوئال بار ئىكەن، ھەم شۇنداق ئاددىي، ھەتتا تولۇق نومۇر100 ئىكەن.

بىرىنچى سوئال ئىسىم فامىلىسىنى يېزىش بولۇپ، بۇنىڭغا ئىككى نومۇر بېرىلىپتۇ. ئىككىنچى سوئال تاللاش سوئالى ئىكەن، ئۇنىڭغا 98 نومۇر بېرىلگەن بولۇپ سوئال مۇنداق ئىكەن:

ئۈچ كۈن ئىلگىرى ماشىنىنىڭ قايسى چاقى ئېتىلىپ كەتكەن؟

A: سول ئالدى چاق   

B: ئوڭ ئالدى چاق

C: سول كەينى چاق

D: ئوڭ كەينى چاق


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:17 , Processed in 0.234441 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش