بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەسەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇرۇنقى زاماندا بىر بېلىقچى بولغانىكەن.ئۇ كۈندە بېلىق تۇتۇپ ئايالى ۋە بىردىنبىر پەرزەنتى بولغان قىزىنى باقىدىكەن.بىر ئائىلدىكى ئۈچ جان بېلىق تۇتۇپ كۈن كەچۈردىكەن.قىززىق يېرى شۇكى بېلىقچى ھەركۈنى كۈن كەچ بولغىچە بېلىق تۇتۇپ ئۆيگە ئارانلا ئۈچ تال بېلىق كۆترۈپ كېلدىكەن ،بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان ئۈچ تال بېلىق بىلەن ئاچ توق بولماي ،غورگۈل تۇرمۇش كەچۈردىكەن.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋام قىلىپ،كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بېلىقچىنىڭ كۆڭلىگە مۇنداق بىر ئوي كەپتۇ ۋە ئايالىغا دەپتۇ:
-خوتۇن ،تالاي يىل بولدى ،بېلىق تۇتۇپ كۈنىمىز ياخشىلنىپ باقمىدى ،كۈندە تۇتقان بېلىقىم ئۈچتىن ئېشىپ باقمىدى،بۇنداق كېتىۋەرسەك  بولماس،قىزىمىزنى ئۆلتۈرۋېتەيلى-دە ،كۈندە تۇتقان ئۈچ بېلىقتىن بىرنى ساتايلى ،بەلكىى بىر يىلغا قالماي خېلى باي بولۇپ قالۇرمىز،ئاندىن يەنە پەرزەنتلىك بولۇپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرسەكمۇ بولىدۇغۇ؟-دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ،خوتۇنى دەسلەپ قاتتىق قارشى تۇرغان بولسىمۇ كېيىن ئېرىنىڭ قايتا-قايتا چۈشەندۈرشى بىلەن قىزىنى ئۆلتۈرۈشكە قوشۇلۇپتۇ،شۇنداق قىلىپ نەپسى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەن بۇ بېلىقچى ئەر -خوتۇن قىزىنى ئۆلتۈرۈپتۇ!ئەمما قىزى ئۆلگەن كۈندىن باشلاپ بېلىقچىنىڭ قارمىقىغا كۈندە ئىككى تاللا بېلىق چۈشۈشكە باشلاپتۇ.بۇ بېلىق ئازلىمايدىكەن كۆپەيمەيدىكەن،بېلىقچى كۈندە پەقەت ئىككى تاللا بېلىق تۇتالايدىكەن……
خۇلاسە:رىزىقنى ئىگىسى بېرىدۇ!ھېچكىم ھېچكىمنىڭ رىزقىنى تارتىۋالمايدۇ،ئىنسان رىزقىنى تاپالمىسا ،رىزىق ئىنساننى ئىزدەپ كېلدۇ!شۇڭا ئارتۇقچە ئاچكۆزلۈكتىن ،ئارتۇقچە ئەندىشە قىلشتىن ساقلىنىڭ!قانائەت سىزگە ھەمراھ بولسۇن……!
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 07:48 , Processed in 0.340615 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش