بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

لىنۇكس(Linux) سىستىمىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ىنۇكس(Linux) سىستىمىسى

يۇنىكس تىپىدىكى كومپيۇتىر مەشغۇلات سىستىمىسى ئائىلىسىگە تەۋە بولوپ ھازىرقى ھەقسىز يۇمشاق دېتال جەميىتى ۋە ئوچۇق مەنبە تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نامايەندىسىدۇر. ئۇنىڭ مەنبە كودى ھەممەيلەنگە ئىچىۋىتىلگەن بولوپ ھەر بىر ئابونت خالىغانچە ئىشلىتەلەيدۇ،ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە تارقىتالايدۇ.

1992-يىلى فىنلاندىيەلىك لىنۇس تورۋالدس(Linus Torvalds) ئۆزىنىڭ يۇنىكسقا ئوخشايدىغان كېرنىلىنى(kernel=سىستىما مەركىزى قىسمى،مىغىزى) ياساپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن لىنۇكس كېرنىلى بىلەن جنۇ(GNU) سىستىمىسىدىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈن سىستىما بارلىققا كەلدى.ئارقىدىنلا بۇ خىل سىستىمىنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بىز ئادەتتە ئىيتىدىغان لىنۇكس سىستىمىسى مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان بولوپ، لىنۇكس دەپلا ئاتاش توغرا ئەمەس، چۈنكى لىنۇكس پەقەت كېرنىلنىڭ ئىسمىلا خالاس، بىرلىككە كەلگەن قائىدە بويىچە بۇ خىلدىكى سىستىمىلار جنۇ/لىنۇكس GNU/Linux دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.

90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ IBM, Sun Microsystems, Hewlett-Packard(HP), Novell. قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك مىكروسوفتنىڭ ۋىندوۋس سىستىمىسى سودا خاراكتىرىنى ئالغان، لىكىن لىنۇكس پۈتۈنلەي ھەقسىز بولوپ، ۋىندوۋسنىڭ دۈشمىنى بولوپ ھىسابلىنىدۇ.

بەزى كىشىلىرىمىز بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئادەتتە چوڭ تىپتىكى مۇلازىمەتتېرلەرنىڭ ھەممىسى يۇنىكس (Unix) سىستىمىسىنى ئىشلىتىدۇ. يۇنىكسنى ئاساس قىلغان لىنۇكس سىستىمىس دەسلەپ بارلىققا كەلگەندە پەقەت كومماند قۇر كۆرۈنۈشلۈك بولوپ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايسىز بولغان، شۇڭلاشقىمۇ دەسلەپ تازا ئومۇملاشماي،پەقەت كومپيۇتىر خاككېرلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغان سىستىمىسى بولوپ قالغان. يىقىنقى يىللاردا جنۇ/لىنۇكس پىدائىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، لىنۇكس تىپىدىكى سىستىمىلار ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى. ھازىرقى ئەڭ يىڭى نۇسخىدىكى لىنۇكس سىستىمىلرى ئىشلىتىش قولايلىقى جەھەتتە ۋىندوۋستىن ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ، ئەكسىنچە ۋىندوۋسقا سىلىشتۇرغاندا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە:

جنۇ/لىنۇكس سىستىمىسىنىڭ مەنبە كودى(source code) پۈتۈنلەي ئىچىۋىتىلگەن بولوپ، ھەممە ئادەم پايدىلنالايدۇ،خالىغانچە ئۆزگەرتەليدۇ، پۈتۈن سىستىمىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشالايدۇ.دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكىگە كۆرە، لىنۇكس پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىغان پىدائى پروگرامما تۈزگۈچىلەرنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە كۇندىن كۈڭە يىڭىلىنىپ،شۇنداق ئىتتىك سۈرەتتە تەرەققى قىلۋاتىدۇ، ھەم تەرەققىيات سۈرىتى بارغانچە ئىتتىكلەۋاتىدۇ.

سىستىما ھەقسىز بولوپ، توردىن بىۋاستە چۈشۈرۈپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، قوشۇمچە ئىشلەيدىغان يۇمشاق دېتاللار ھەم ھەقسىز، پەقەت ئىختىيار قىلغانلار پۇل ئىئانە قىلىسا بولىدۇ. جنۇ/لىنۇكسنى ئەسلى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە ھەقسىز يۇمشاق دېتال ئۇقۇمىدىكى ھەقسىز سۆزى ھەقسىز تاماق ياكى ھەقسىز پىۋا سۆزىدىكى مەنىنى بىلدۈرمەستىن بەلكى ئەركىن نۇتۇق سۆزىدىكى ئەركىنلىك مەنىسىگە قارىتىلغان، يەنى ئۇلارنىڭ قارىشىدا بىلىم مەنبەسى ھەممە ئادەمگە ئورتاق بولوشى،ئىچۋىتىلگەن بولوشى كىرەك.

ھىسابلاش سۈرىتى تىز بولوپ ئادەتتە مۇرەككەپ ماتىماتىكىلىق پروگراممىلار لىنۇكس تىپىدىكى سىستىما ئىشلىتىدۇ.

سىستىمىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشۇ بەك ياخشى بولوپ، ئىشلەتكەنسىرى ئاستىلاپ كىتىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئادەتتە ۋىندوۋسنى ئىشلەتكەنسىر ئاستىلاپ كىتىدۇ،سەۋەبى، ۋىندوۋسنى ئىشلەتكەندە داۋاملىق دېتال قاچىلاپ يۇيۇپ تۇرىمىز، ئادەتتە يۇيۋىتىلگەن دېتاللار ۋىندوۋس سىستىمىسىنىڭ رەجىستەر (register) قىسمىدا قىلىپ قالىدىغان بولوپ، ۋاقتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئەخلەت ھۆججەتلەر كۆپىيىپ كىتىدۇدە، ھەر قىتىم بىرەر ´پروگراممنى قوزغاتقان ۋاقتتا سىستىما بىرمۇنچە ئەخلەت ئىشىدىن شۇ پروگراممىنى ئىزدەيدۇ دە، ۋاقت ئۇزراپ كىتىدۇ. لىنۇكستا بۇخىل يىتەرسىزلىككە خاتىمە بىرىلگەن.

ئوخشاش ئىقتىداردىكى سىستىمىنى سىلىشتۇرغاندا لىنۇكسنىڭ ك پ ئۇ غا بولغان تەلىپ ۋىندوۋسقا قارىغاندا تۆۋەنىرەك، دىمەك كومپيۇتېرنىڭ ئۆمىرىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ دىگەن گەپ.

لىنۇكس تارماقلىرى

لىنۇكسنىڭ ھازىر ئىشلىنىۋاتقان تۈرىدىنلا 300 دىن ئوشۇق خىلى بولوپ، ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلىرى بار. يىقىندا بەزى تارماقلىرى شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ سودا تۈسىنى ئالدى ،بۇ خىلدىكىلىرى ھەقسىز بولمىسىمۇ لىكىن يەنىلا ناھايتى ئەرزان. لىنۇكسنىڭ شىركەت يۆلىكىدىكى تۈرلىرىدىن Fedora Core (Red Hat), SUSE Linux (Novell), Ubuntu (Canonical Ltd.) , Mandriva Linux قاتارلىقلىرى، تور جەمىيەتلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان تۈرلىرىدىن Debian , Gentoo قاتارلىقلىرى بار.

يۇقارقىلارنىڭ ئىچىدە ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) تۈرى ئەڭ تىز تەرەققى قىلۋاتقان ۋە قوللىنىشى ئەڭ كەڭ بولىۋاتقان تۈرى ھىسابلىنىدۇ.بۇ تۈر پۈتۈنلەي ھەقسىز بولوپ ئىشلىتىشمۇ ھەممىدىن قولايلىق، بولوپمۇ كومپيۇتىردا پروگرامما تۈزۈشتىن خەۋىرى بولمىغان ئادەممۇ ۋىندوۋسنى ئىشلەتكەندەكلا ئاسان ئىشلىتەلەيدۇ. ھازىرقى لىنۇكس نۇسخىلىرى ،بولوپمۇ ئۇبۇنتۇ، ئۈچ ئۈلچەملىك كۆرۈنۈشنى قوللايدۇ،يەنى ۋىندوۋس ۋىزتا غا ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە.

بۇ يەردە چۈشۈرۈش ئادرىسلىرى ۋە نوپوزلۇق بەتلىرى بار:

بۇ يەردە ھەرخىل كۆرۈنۈشلىرىنىڭ رەسىملىرى ۋە ۋىدىئولىرى بار:

ئەسلى ۋىندوۋس بىلەن جنۇ/لىنۇكس بىر-بىرىنىڭ دېتاللرىنى تونۇمايتتى، كىيىن لىنۇكس wine دېتالىنى ياساپ چىقتى،بۇ دېتال لىنۇكس مۇھىتىدا ۋىندوۋس پروگراممىلىرىنى(ھۆججەت قۇيرۇق exe بىلەن ئاخىرلاشقان) ئىجرا قىلالايدۇ، لىكىن ھازىرچە بەزى ھۆججەتلەرنى تولوق ئىجرا قىلالماسلىقى مۇمكىن،لىكىن بۇ دېتال ناھايتى تىز سۈرەتتە يىڭلىنىۋاتىدۇ، كىيىن پۈتۈنلەي مۇكەممەللىشىپ كىتىشى مۇمكىن. ئادەتتە ۋورد ۋە باشقا ۋىندوۋستا ئىشلەيدىغان دېتاللارنىڭ لىنۇكستا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ۋارىيانتلىرى بار، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز،بولوپمۇ پەننى دېتاللارغا كەلگەندە لىنۇكسنىڭ دېتاللىرى بەكلا كۆپ،تۆۋەندىكى ئادرىستا ۋىندوۋس دېتاللىرى بىلەنلىنۇكس دېتاللىرىنىڭ ئوخشاش ئىقتىدارلىقلىرىنىڭ تېزىمى بىرىلگەن.

پەرقى

مەنبە: http://achinuq.org/?p=13

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-4-20 17:56:49 | ئايرىم كۆرۈش
ھاھاھاھاھا بۇ يەرمۇ مېنىڭ بولدىدە ئەمدى

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2016-4-21 00:41:42 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭمۇ تازا قاچلاپ باققىم بارتى موشۇ سېستىمنى

باھا سۆز

قاچىلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن، بەكلا ئۆزگىچە سېستىما بۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-4-21 10:18
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-21 10:18:26 | ئايرىم كۆرۈش
2051828400 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-21 00:41
مىنىڭمۇ تازا قاچلاپ باققىم بارتى موشۇ سېستىمنى

قاچىلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن، بەكلا ئۆزگىچە سېستىما بۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2016-4-22 09:54:18 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ بىر سىناپ باقايما

باھا سۆز

مەن ئىشلىتىۋاتىمەن، سۈرەت بەك تىز. بۇلۇپمۇ پروگرامما يازىدىغانغا بەك ئىسىل سېستىمىكەن بۇ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-4-22 10:07
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-22 10:07:14 | ئايرىم كۆرۈش
ئەنسار يوللىغان ۋاقتى  2016-4-22 09:54
مەنمۇ بىر سىناپ باقايما

مەن ئىشلىتىۋاتىمەن، سۈرەت بەك تىز. بۇلۇپمۇ پروگرامما يازىدىغانغا بەك ئىسىل سېستىمىكەن بۇ.

باھا سۆز

ماقول رەھمەت سىزگە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-4-22 10:13
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2016-4-22 10:13:01 | ئايرىم كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2016-4-22 10:07
مەن ئىشلىتىۋاتىمەن، سۈرەت بەك تىز. بۇلۇپمۇ پروگرامما  ...

ماقول   رەھمەت سىزگە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
ۋاقتى: 2016-5-5 02:32:57 | ئايرىم كۆرۈش
بانكا سېستىمىسىدا مۇشۇ سېستىمىنى ئىشلىتىدۇ.يەنە unix دىگەندەك




almehritaobaocom

باھا سۆز

باكىنىڭ windows ئىلىتەمدىكىن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-5-8 14:52
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-8 14:52:52 | ئايرىم كۆرۈش
kelimat يوللىغان ۋاقتى  2016-5-5 02:32
بانكا سېستىمىسىدا مۇشۇ سېستىمىنى ئىشلىتىدۇ.يەنە unix دى ...

باكىنىڭ windows ئىلىتەمدىكىن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 22:47 , Processed in 0.246399 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش