بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1732|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[رەسىم بىرتەرەپ قىلىش] ئېكراننى رەسىمگە تارتىشتىكى كۈچلۈك قورال

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

Ashampoo Snap بولسا ئىنتايىن نەپىس لايىھەلەنگەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئېكران كەسمە رەسىمىنى ھاسىل قىلىش دېتالى بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭى نەشىردىكى Ashampoo Snap 7 گە ئېنىقلىقى يۇقىرى رەسىم، ۋىدىئو ۋە ئېكران پىرويىكسىيە ھۆججىتى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان، بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى تېز، ھەمبەھىرلەشنى قوللايدۇ.

Ashampoo Snap قاچىلانغاندىن كىيىن، ئېكراننىڭ ئۈستى قىسمىغا ئاپتوماتىك يوشۇرۇنىدىغان تېزىملىك ستونى ھاسىل قىلىدۇ، مائۇس سىترىلكىسى ئېكران ئۈستى قىسمىغا بارغاندا، يۇمشاق دېتالنىڭ تېزىملىكى ئاپتوماتىك پەيدا بولىدۇ، تىزىملىك ئىچىدە ۋىدىئو ھاسىل قىلىش، كۆزنەك كەسمە رەسىمى ھاسىل قىلىش، ۋاقىت بەلگىلەپ رەسىم ھاسىل قىلىش، رايون بەلگىلەپ كەسمە رەسىم ھاسىل قىلىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تاللاش تۈرلىرى بار.

مەزكۇر دېتال يەنە ھاسىل قىلىنغان رەسىمنى تەھرىرلەش ئىقتىدارىنىمۇ ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك، رەسىمگە ھەرخىل بەلگە ۋە ئۈنۈملەرنى قوشقىلى بولىدۇ.

مەزكۇر دېتال يېشىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، توردىن چۈشۈرگەندىن كېيىن، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى AshampooSnapPortable.exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلسىلا بولىدۇ. يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى خەنزۇچە، نەشىر نۇسخسى Ashampoo Snap 7.0.10 ، بۇ يۇمشاق دېتالغا يەنە ئەمەلىيەتكە يىقىن بولغان ياردەم قوللانمىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

Ashampoo Snap 7 دىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلار:

1. بىر كۇنۇپكا بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلغان، ئېكران كەسمە رەسىمى ھاسىل قىلىش باسقۇچى ئەلالاشتۇرۇلغان.

2.پۈتۈنلەي يېڭى لايىھە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئارقا باشقۇرۇش سۇپىسى قوشۇلغان.

3. ئېكران يۈزىدە كۆرۈنىدىغان ھەرقانداق ئوبېكىتنىڭ كەسمە رەسىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

4. بىر كۇنۇپكا بىلەن ئوبېكىت تاللىغىلى بولىدۇ.

5. رەسىم رەڭگى ۋە ئۇسلۇبىنى خالىغانچە بېكىتكىلى، ئالدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

يۇمشاق دېتال ئورگان تەرەپ تور بېكىتى: www.ashampoo.com

يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئىنگىلىزچە ئەسلى نەشىرى

خەنزۇچە يېشىل نەشىرى

ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال يېشىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، توردىن چۈشۈرگەندىن كىيىن، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى AshampooSnapPortable.exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلسىلا بولىدۇ



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل1 ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2015-2-21 18:05:24 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ دىتالنىمۇ سىناپ باقىلى،،، ئېكران رەسىم تارتىش مېنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان مەشخۇلاتىم.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-2-24 14:37:55 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئىھتىياجىلىق ئىدىم.رەھمەت سىزگە.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2015-3-2 18:52:39 | ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2015-8-12 19:26:02 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت سىزگە

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2015-8-12 19:27:04 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بىر سىناپ باقاي

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 23:25 , Processed in 0.244656 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش