IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى،
نۇر تورى تەرجىمىسى:
WordPress ئىگە تەرەپ 1-ئايدا 4.7.2 نەشىرىنى تارقىتىپ ئالاقىدار يوچۇقنى تۈزەتكەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان تور بېكەتلەر سىستېما نەشىرىنى يېڭىلاشقا ئېتىبار بەرمىگەن بولسا كېرەك. ئۆتكەن نەچچە كۈندە، خاككېرلار REST API يوچۇقى ئارقىلىق WordPress سىستېمىسى ئىشلەتكەن تور بېكەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، 39 مىڭدىن ئارتۇق تور نامى ئاستىدىكى بىر مىليون 500 مىڭ تور بەتنى يامان غەرەزدە ئۆزگەرتىۋەتكەن، بۇنداق زور كۆلەملىك ھۇجۇمنى WordPress تور بېكەتلىرىگە بولغان بىر قېتىملىق بۇلاڭچىلىق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
خاككېرلار WordPress سىستېمىسىدا ساقلانغان يوچۇق ئارقىلىق ئاددىي HTTP ئىلتىماسى يوللاپ، سالاھىيەت دەلىللەش سىستېمىسىدىن «ئايلىنىپ ئۆتۈپ»، WordPress تور بېتىنىڭ تېما ۋە مەزمۇنىنى قايتا تەھرىرلىيەلەيدۇ، بۇ يوچۇق پەقەت WordPress نىڭ v4.7.0 ۋە 4.7.1 نەشىرىگىلا تەسىر كۆرسەتكەن. تور بىخەتەرلىك شىركىتى Sucuri دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 67 مىڭ WordPress تور بېتىنىڭ مۇشۇ خىل تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىغان، بىراق، ئىككى كۈندىن كىيىن يامان غەرەزدە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن تور بەتنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن، خاككېرلار ھۇجۇمىنى ھىلىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن.
WordPress بولسا PHP تىلى ئاساسىدا يېزىلغان بىلوگ سۇپىسى، ئابۇنتلار بۇ سىستېما ئارقىلىق PHP تىلى ۋە MySQL ساندانىنى قوللايدىغان مۇلازىمېتىردا ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. WordPress نى يەنە مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى (CMS) ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ھۇجۇمغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تور بېكەتلەر WordPress سىستېما نەشىرىنى 4.7.2گە يېڭىلىسا بولىدۇ.