بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 102|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] يەرلىكتە تور بەت(مۇلازىمىتىر) قۇرۇش دەرىسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ مەزمۇن تاجىم تورىغا مەنسۇپ، ھەر قانداق شەخىسنىڭ ئادرىسنى ئەسكەرتىمەي كۆچۈرۈشگە بولمايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېكتىمىزدىكى تورداشلار ياخشىمۇسىلەر كەمىنە تاجىمدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!!!
تورداشلارنىڭ تەلپىگە ئاساسەن مەن يەرلىكتە مۇلازىمىتىر يەنى تور بەت قۇرۇش دەرىسلىكىنى ئېلىپ كەلدىم.
ئەسكەرتىش بۇ دەرىسلىكتە ئاساسلىقى php تىلى ۋە مۇنبەر بەت سىسىتىمىسى تىلغا ئېلىنىپ سۆزلەنگەن. باشقا php ۋە HTML تىلدىكى تور بەتلەرمۇ ماس كېلىدۇ. (ASP) تىللىق بەت سىستىمىسى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك: تۆۋەندىكى قەدەملەر بويىچە باشلايلى ئەمسە، تور بولمىسمۇ بولىدۇ. ئەمما تۆۋەندىكى دېتاللار چوقۇم بولۇشى كېرەك.
قىسقىغنە ھالەتتە دەرىسلىكنى PHPstudy دا سۆزلەپ قويدۇم. باشقىللىرىمۇ بار ئىدى ئەمما يېڭى ئۆگىنۋاتقان تورداشلار چۈشنەلمەي قالارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.

بىز ئاۋۋال مۇشۇ ئادرىسقا كىرىڭ. بۇ كۆرسىتىلگەن ئادرىسىتىن PHPstudy يەرلىكتە تور بەت قۇرۇش دېتالنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرغا قاچلايمىز.
قاچلاش جەريانىدا قاچلاش غول مۇندەرىجىسدە D:/phpstudy/www دەپ كۆرۈنىدۇ، بۇنى ئۆزۈڭلار قايسى دېسكىغا توغىرلۋالساڭلار بولىدۇ. www دېگەن ھۆججەتنىڭ ئىچى دەل يەرلىكتىكى مۇلازىمىتىرنىڭ ئىچى.

قاچلانغاندىن كېيىن  سۈرەتتىكىدەك كۆرۈنىدۇ   (مەن كومپيۇتېرىمنى ئۇيغۇرچە قىلۋالغان بولغاچقا شۇڭا ئۇيغۇرچىغا ئايلاندۇرۋالغان).


دېتالنى ئاچىمىز ئاچقاندىن ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ. (سول تەرەپتىكى Apache دېگنى بىلەن MySQL دېگىنىنىڭ يېنىدىكى بەلگە  ئادەتتە قىزىل رەڭ ھالەتتە بولىدۇ. ) 重启دېگەن خەتنى باسىمىز.




重启نى باسقاندىن كېيىن سول تەرەپتىكى Apache دېگنى بىلەن MySQL دېگىنىنىڭ يېنىدىكى بەلگە  يېشىل رەڭ ھالەتكە كىرىدۇ. ئىككىلىسى يېشىل ھالەتكە كېلىپ بولغاندىن كېيىن يەرلىكتە مۇلازىمىتىر قۇرۇشىمىز مۇۋاپىقيەتلىك بولدى دېگەن گەپ.



ئەمدى غول مۇندەرىجە ئىچىدىن مۇلازىمىتىر ھۆججىتنى ئاچىمىز، ئاچقاندىن كېيىن شۇنىڭ ئىچىگە بىرەر بەت سىستىمىسنى يوللىساقمۇ بولىدۇ ۋە ياكى ھۆججەت قۇرۇپ شۇنىڭ ئچىگە بەت سىستىمىسى  تاشلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ. (wwwدېگەن ھۆججەتنىڭ ئىچىدە Phpmyadmin ۋە يەنە 2 تال ھۆججەت چىقىدۇ، ئەمما مەن ئاساسلىقى بۇلارنى ئىشلەتمەيمەن، شۇڭلاشقا يۇيۋەتكەن.)



ئەمدى بىز يەرلىكتىكى مۇلازىمىتىرنى سىناپ باقايلى...تور كۆرگۈچكە ئادرىسنى كۆچۈرۈپ كىرىڭ.  سىناش ئادىرىسى:   127.1.1.1،127.0.0.1،localhost مۇشۇ 3 ئادرىستىن قايسىسىنى كىرگۈرسىڭىز ئېچىلىدۇ، باشقا ئادرىسنى كىرگۈزسىڭىز يەرلىكتىكى ئادرىس ئېچىلمايدۇ. ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك ئېچىلغان بولسا  يەرلىكتە مۇلازىمىتىر قۇرۇپ كىرىشىمىز مۇۋاپىقيەتلىك بولدى دېگەن گەپ. ( wwwنىڭ ئىچىگە بەت تاشلىغان بولسڭىز بىۋاستە ئېچىلىدۇ. )



بولدى، ئەمدى ئاستىدىكى رەسىمدە مۇنبەر بەت سىستىمىسنىڭ تولۇق قاچلىنىپ بولۇپ ئېچىلغان ھالىتى، ئەمدى سىلەرمۇ سىناپ بېقىڭلار.



ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ مەزمۇن تاجىم تورىغا مەنسۇپ، ھەر قانداق شەخىسنىڭ ئادرىسنى ئەسكەرتىمەي كۆچۈرۈشگە بولمايدۇ.  

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:05 , Processed in 0.244529 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش