بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 807|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[ياردەم] توردىكى ئالدامچىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xjmaxrap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 05:06  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسىتلار !يېقىندىن بېرى ئېلخەت ئادىرىسىمغا توختىماستىن توردا پۇل تېپىش توغۇرلۇق ئەبجەش ئېلخەتلەر تۇلا كىلىدىغان بۇلىۋالدى .دەسلىپىدە ئانچە ئېرەن قىلمايتىم ھەم ئاچمايتىم ، كىيىن بىكارچىلىقتا زىرىكىپ ،ئېلخەتنى ئېچىپ كەلگەن خەتلەرنى كۆرىۋاتقان يەنە شۇئەبجەش ئېلخەتنى كۆرۈپ قالدىم ۋە تۇساتتىنلا قىزقىش پەيدا بۇلۇپ ئېچىپ باقتىم .بۇ خەتنىڭ مەزمۇنى ھەقىقەتەن ئادەمنى جەلىب قىلاتتى :


ئىچىدىكىسى توردا پۇل تېپىشنىڭ vip دەرىسلىكى  كۈندە پەقەت 500 يۈەن(ماۋزۇسىمۇ يامان ئەمەس جەلىب قىلارلىق يېزىلغان)قىززىپ كەتتى !! كۈندە پەقەت 10مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە ۋاقىت چىقارسىڭىزلا كۇندە 500يۈەن تاپالايسىز !مەشغۇلاتى ئىنتايىن ئاددىي ، يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز !!قەدىرلىك دوستۇم ، ياخشىمۇ سىز ! مەن سىزنىڭ دوستىڭىز خۈي خۈي( huihui )!بەلكىم سىز مىنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ بولغانسىز ، توغرا ،مەن دەل كۆپچىلىككە ھەقسىز توردا پۇل تېپىشنى ئۈگۈتۈپكۆپچىلىك 3900 يۈەن تاپقاندا ئاندىن ئۈگۈتۈش ھەققى ئالىدىغان  D.srin.بۈگۈنگە قەدەر مەن يۈزلىگەن دوستلارغا  يېڭىچە تېخنىكا ئۈگۈتۈش ئارقىلىق قىسقىغىنا ۋاقىتتا 3900 يۈەن تېپىشنى ئۈگۈتۈپ كەلدىم.نۆۋەتتە بىرقىسىم ئۇقۇغۇچىلار ئىككىنجى ھەپتىلىك ئالاھىدە دەرىسلىكنى ئۈگۈنىۋاتىدۇ .بىزمۇ نۆۋەتتە 6 ئايلىق تەجىربىلەرنى توپلاپ yy دا دەرىس سۆزلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز .بۇ قېتىمقى دەرىسلىك ھەرقانداق بىر ئادەمگە ماس كىلىدۇ ، ئەلۋاتتە سىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بار !ئاۋال سىز بىزگە قۇشۇلۇڭ ! مۇلازىمەت كوت كوت : 962391550ئەمدى سىز تۇنجى دەرىسلىكىڭىزنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئۈگۈنۈپ پۇل تېپىشنى باشلاڭ !http://www.china-zdj.com/wz.html
بۇلارنى كۆرۈپ چۈشۈرۈپ باقايمۇ يا دەپ ئويلىدىم ، بىراق يەنىلا ئۆچۈرمەتتىم ، ئۆچۈرۋىتىشكە قەتئى رايىم بارمىدى . لىكىن شۇنداقتىمۇئۆچۈرۈپ تاشلىدىم .ئەتىسى چۈشلۈك غىزا ۋاقتىدا يەنە شۇ ئەبجەش خەت ئېلخىتىمگە يىتىپ كەلدى .. ئۆزۈممۇ ئۇقمىغان ھالدا چىكىپ ئىچىنى ئاچتىم ۋەدەرىسلىكنىڭ چۈرۈش ئادىرىسىنى كۆچۈرۈپ ئاچتىم ، دەرىسلىكنىڭ سىغىمى ئانچە چوڭمۇ ئەمەس ئىدى .چۈشۈرشكە باشلىدىم ، تەخمىنەن 10 مىنۇتلار ئەتىراپىدا چۈشۈپ بولدى ، ئىچىنى ئېچىپ سىن دەرسىنى كۆرۈشكە باشلىدىم .دىگەندەك مەشغۇلاتى ناھايتى ئاددىي ئىدى ، بىر لاتارىيە توربىكىتى بار بۇلۇپ شۇنىڭڭغا ئەزا بۇلۇپ پۇل قاچىلاپ ،  لاتارىيە سېتىۋېلىش ئارقىلىق پۇل چوتكىلايدىغان ئىشكەن ،مەنمۇ قىزىقىپ دەرىسلىكنى ئەستايدىل كۆرگەندىن كىيىن كۆرىستىلگىنى بۇيۇنچە مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدىم .دەرىسلىك بىلەن بىرگە بىزگە يەنە بىر كۆد ۋە لاتارىيە گە مۇناسىۋەتلىك دىتال تەمىنلەپ بىرىدىكەن ،بىرىنجى قېتىملىق لاتارىيە نۇمۇرى تاللاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋىتىپ ، ئىىككىنجى قېتىمىلىق تاللاش ۋاقتى باشلانغاندا نۆۋەتتىكى نۇمۇرنى تاللاپ ئاندىن يەنە لاتارىيە مىقدارىنى تاللايدىغان يەرگە تەمىنلەپ بەرگەن كودنى كىرگۈزسەك ئالدىنقى قېتىم ئۈتۈپ كەتكەن لاتارىيە نۇمۇرىنى تاللاش كۆزنىكى پەيدا بۇلىدىكەن ، ئاندىن ئارلىقتىن بىر - ئىككى مىنۇت ئۆتكۈزۋىتىپ ، تەمىنلەپ بەرگەن دىتالنى ئاچساق ئالدىنقى قېتىملىق لاتارىيە مۇكاپات نۇمۇرى چىقىدىكىن ، ئاندىن چىققان نۇمۇرلارنى كۆد كىرگۈزۈپ پەيدا قىلغان كۆزنەكتىن تاللاپ يوللىۋەتسەك ، نۆۋەتتىكى لاتارىيە تاللاش ۋاقتى توشقاندىن كىيىن مۇكاپات چىقىشى ئېنىق ئىكەن .مۇكاپات چىقتى 833 يۈەن ، شۇندىلا خۇشاللىقىمدا پۇل ئېلىش مەشغۇلاتى قىلدىم ، ھىساباتىمدىكى رەقەملەر 0 گە ئايلىنىپ پۇل ئېلىش ئىلتىماسى مۇۋاپىقيەتلىك يوللانغانلىق ئەسكەرتىشى چىقتى ، خۇشاللىقىمدا جې فۇباۋ نى ئېچىپ قارىدىم ، بىراق پۇل يوق ،ئاندىن ھېلىقى توربەتنى ئېچىپ قارىسام بايامقى پۇللار يەنە ئەسلىگە كىلىپ قاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن توربىكەتنىڭ مۇلازىمەتچىسىنى كوت كوت قا قاچىلاپ ئۇنىڭغا ھىساباتىمغا پۇل بارمىدى دىدىم ئۇ مەن تەكشۈرۈپ باقاي دەپبىردەمدىن كىيىن ، ھىساباتىڭ قۇلۇپلىنىپ قاپتۇ ، نۇرمالسىز مەشغۇلات قىلىپسەن دەيدا !!!ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىپ ، ئەمىسە قانداق قىلىمىز دىسەم يەنە 300 يۈەن قاچىلىساڭ يىشىلىدۇ دىدى ،ماقۇل دەپ 300 يۈەن قاچىلىدىم ، 24 سائەتتىن كىيىن ئەسلىگە كەلدى ۋە مەن قاچىلىغان پۇل ھىساباتىمغا قۇشۇلۇپ قاپتۇ .يەنە خوشلۇقۇمدا پۇل ئېلىشنى باستىم . يەنە ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاش بولدى ، يەنە مۇلازىمەتچىگە دىدىم ،ئۇ تەكشۈرۈپ باقاي دەپ بىردەمدىن كىيىن ھىساباتىڭ توڭلاپتۇ دېدى ......سەۋەبى ھىسابات كۆپلىگەن ip دا نۇرمالسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ سىستېما تەرپىدىن توڭلىتىلىپتۇ .....ئاچچىقىم بەك كەلدى ....قانداق قىلىشنى سۇرىسام يەنە 500 يۈەن قاچىلىسام ھىسابات ئەسلىگە كىلەمىش .كۆپ ئويلانمىدىم ، قاچىلىسام يەنە ھىساباتىمغا كىرگەندىكىن ئېلىۋالمەنغۇ دەپ ئويلاپ يەنە قاچىلاپ ، ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىنپۇل ئېلىشنى باستىم ، ئەپسۇس يەنىلا ئوخشاش بولدى ، ھىسابات توڭلىدى ...شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ 1400 كوي قويمىغا چۈشتۈم ....
شۇ ڭا دوسىتلارنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ توردا ئادەمنى جەلىب قىلىدىغان ئاشۇنداق ساختا پەزلەردىن ھېزى بۇلۇپ يۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار..  مەن شۇ ئالدامچىلىقلارنىڭ قۇربانى .....

بۇندىن بۇرۇن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشقا يۇلۇقۇپ ھەل قىلغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار....


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2017-1-26 13:00:25 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت !
بىزمۇ ئېھتىيات قىلساق بولغۇدەك مىنىڭ ئىلخەت ئادرىسىمغىمۇ كۈدە 1000 يۈئەن تېپىڭ دەپ بەك تولا ئۇچۇر كىلەتتى!

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2017-1-26 21:18:41 | ئايرىم كۆرۈش
بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:17 , Processed in 0.234826 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش