چۈشەنچە:
ھەر قېتىم كىنوخانىلاردا 3D فىلىملەرنى كۆرگىنىڭىزدە، دوستلىرىڭىزنىڭ 3D ئېكرانلىق تېلۋۇزۇرلىرىدا 3D فىلىملەرنى كۆرگەندە ھەۋەس بىلەن قاراپ قالامسىز؟ ھازىر 3D تېلۋۇزۇرلار بازاردا كۆپ بولۇپ كەتتى، لىكىن بازارلاردا باھاسى 5000 ئەتىراپىدا بولۇپ كەتتى، بەزىلىرى ئۇنىڭدىنمۇ قىممەت. ئەمدى بىز مەزكۇر تېمىدا پەقەت 50 يۈەن ئەتىراپىدا پۇل خەجلەپلا 3D كىنو كۆرۈش مەخسىتىمىزگە يېتىمىز.
تەۋسىيە:
تورداشلارغا بىر قىسىم 3D تېلۋوزۇرلارنىمۇ تەۋسىيە قىلىپ ئۆتەي، باھاسى ھەقىقەتەن مۇۋاپىق ھەم سۈپەتمۇ ياخشىكەن.
Konka/康佳 LED42X5000DE نىڭ 42 سۇڭلۇق 3D تېلۋوزۇرى ئارانلا 3399 يۈەن
TCL نىڭ 48 سۇڭلۇق 3D تېلۋوزۇرى ئارانلا 4599 يۈەن
داۋاملىق باشقا خىلدىكى تېلۋوزۇرلارنى توردا سېتىۋالسىڭىز:
تاۋباۋ تورىغا كىرىڭ
تەييارلىق:
. بىر پارچە قىزىل - كۆك كۆز ئەينەك (چوقۇم بولىشى كىرەك)
. 3D فىلىم (چوقۇم بولۇش كىرەك)
. PowerDVD 10 دىتالى (چوقۇم بولۇش كىرەك)
. NVIDIA GT240 كۆرسەتكۈچ كارتا (بولمىسىمۇ بولىدۇ، بولسا تېخىمۇ ياخشى)
. 3D ئېكران (بولمىسىمۇ بولىدۇ، بولسا تېخى ياخشى)
دەرسلىك:
. ئاۋال بىر دانە قىزىل - كۆك كۆز ئەينەك(红蓝眼镜) تەييارلايمىز. ئادەتتە كومپىيۇتېر شەھەرچىسىدە بۇنداق كۆز ئەينەكلەر بەك كۆپ. باھاسىمۇ بەك قىممەت ئەمەس، 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە سېتىۋالالايسىز. ئەگەر توردا سېتىۋالماقچى بولسىڭىز
立体眼镜3D眼睛电脑专用 نى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىشچەنچىلىك، مۇشۇ ئايدىلا 6385 دانىسى سېتىلغان، باھاسى 35.3 يۈەن. كىرا ھەققى بىلەن 45 يۈەنلەرگە قولىڭىزغا تېگىدۇ.
. 3D فىلىم، بۇنى توردا سېتىۋالسىڭىزمۇ ياكى ھەقسىز چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادەتتە خەنزۇچە بىكەتلەردە 3D فىلىملەرنى ھەقسىز تارقىتىدىغان تور بىكەتلەر بەك كۆپ. 3D فىلىم چۈشۈرسىڭىز بۇ يەرگە كىرىڭ:
بەيدۇدىن
. PowerDVD 10 قورالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. بۇنىڭغا بىر ئىلخەت ئادىرىس كېتىدۇ، قالايمىقانلا بىرنى يېزىپ قويسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. دىتال چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
بەيدۇدىن
. دىتالغا قارىتا ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز.
. ئەمدى سىز بايا چۈشۈرۈپ قويغان 3D فىلىمنى قويۇڭ.
. ئەمدى دىتالنىڭ 3D ئۈنىمنى ئاچىمىز.
. ئىشلار تۈگەپ قالدى، ئەمدى سىز توردىن سېتىۋالغان كۆز ئەينەكنى تاقاپ 3D فىلىمدىن ئۆيىڭىزدىلا ھۇزۇرلانسىڭىز بولىدۇ دىگەن گەپ. مانا مانداق ...
يازما مىكرو بلوگغا يوللاندى adminنىڭ مىكرو بلوگى