بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

Wi-Fi مۇشۇنداقلا تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنەمدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مەيلى يانفوندا بولسۇن، ۋە ياكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپراتۇرا ساقلىغۇچ ياكى تېلېۋىزوردا بولسۇن، ھەربىر ئىنتېرنېت ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەممىسىدە Wi-Fi بەلگىسى بار. بىراق Wi-Fi ناھايىتى تېزلا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق كۆچمە تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى چەكسىز ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئىستېمالچىلارنىڭ بۇرۇنقىدەك Wi-Fi تورى ئېچىش ئارقىلىق قىممەت ئېقىم مىقدارى چىقىمىدىن ساقلىنىشى ھاجەتسىز. بۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش. بۇ ئۆزگىرىش Wi-Fiنىڭ كەلگۈسىدە تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى يېڭى تېخنىكىلارنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ Wi-Fiنىڭ كەلگۈسىنى غۇۋالاشتۇردى.
مۆلچەرلىنىشچە، يېقىن كەلگۈسىدە ئايرودروم، تەنتەربىيە سارايلىرى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشلەتكەن Wi-Fiنىڭ پۈتۈن كۆچمە ئېقىم مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ھازىرقى 12دىن 13كە چۈشۈپ قالىدىكەن. Strategy Analytics شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى Barry Gilbertنىڭ دېيىشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئاممىۋى Wi-Fi ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرمايدىغانلىقىدىن، ئىستېمالچىلار ھەتتا يانفونىنىڭ Wi-Fi ئىقتىدارىنى ئاچمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى MoffettNathansonنىڭ ئانالىزچىسى Craig Moffett مۇنداق دېدى: «Sprint شىركىتى چەكسىز ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىستېمالچىلار Wi-Fi ئىشلەتمەيمۇ فىلىملاردىن ھۇزۇرلىنالايدىغان بولدى. ئىستېمالچىلار ناھايىتى سەگەك ۋە ئاقىل. باھا جەھەتتىكى ئېتىبار Wi-Fi تەرەپكە ئاغقاندا ئۇلار Wi-Fiنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. باھا جەھەتتىكى ئېتىبار ئۆزگەرگەندە ئىستېمالچىلارمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.»

ئەلۋەتتە Wi-Fiنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ يوقاپ كېتىشى ئاستا ۋە ئەگرى توقاي جەريان. چەكسىز ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتى Wi-Fiنى يانفونغا نىسبەتەن ئانچە مۇھىم ئەمەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. بىراق ئائىلىدىكى باشقا ئەسۋابلار، مەسىلەن MacBook، ئامازوننىڭ Echo قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا سىمسىز تور مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى تېلېفون سىگنالى يوق ياكى تېلېفون سىگنال مۇقىم ئەمەس ئىش بېجىرىش بىنالىرى، ئولتۇراق رايونى قاتارلىقلاردا يەنىلا Wi-Fi ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بىراق چەكسىز ئېقىم مىقدارىمۇ Wi-Fi دۇچ كېلىۋاتقان بىردىنبىر خىرىس ئەمەس. Wi-Fi بارلىققا كەلگىلى 20 يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا Wi-Fi نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قىممەت ۋە كۆلەم بارلىققا كەلتۈردى. بىراق نۆۋەتتە ئۇ بەزى يېڭى گۈللەنگەن تېخنىكىلارنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى.

Wi-Fiنىڭ ئورنىنى ئالغۇچى تېخنىكا LTE-U
يېقىندا LTE-U دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى سىستېما بارلىققا كەلدى. ئۇ ھوقۇق بېرىلمىگەن چاستوتا سپېكترىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېلېگراف تورى ئېقىم مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ، يەنى Wi-Fi چاستوتا بۆلىكىدە LTE-U تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئابۇنتلارنى تور بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۆتكەن نەچچە 10 يىل ئىچىدە ھوقۇق بېرىلمىگەن چاستوتا سپېكتىرى ئاساسلىقى ماشىنا ئىسكىلاتىدىكى يىراقتىن كونتروللىغۇچ، سىمسىز تېلېفون، بوۋاقلارنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلدى. بىراق نۆۋەتتە ئۇ Wi-Fi ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنىڭغا ئەقلىيفون، خاتىرە كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، سىنلىق ئويۇنچۇق ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلىغىلى بولىدۇ. LTE-Uنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ Wi-Fi ئىككىنچى سەپكە چېكىنىشى مۇمكىن.
ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار تېلېفوندا ئېقىم مىقدارى ۋە LTE-U ئوتتۇرىسىدا ئەركىن ئالماشتۇرۇش قىلالايدۇ، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى بايقىيالمايدۇ. بىراق ئاممىۋى Wi-Fi مۇلازىمىتى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئابۇنتلار ئوخشاش بولمىغان تورلارغا ئۇلىغاندا ئوخشاش بولمىغان مەخپىي نومۇرلارنى كىرگۈزۈشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، LTE-U ئۆزى قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە قويىدىغان تەلەپمۇ بىر قەدەر ئاز. مەسىلەن، 16700 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر بىنادا پەقەت 24 دانە LTE-U ئۇلاش نۇقتىسى بولسىلا يېتەرلىك. بىراق Wi-Fi ئۈچۈن 80 نەچچە Wi-Fi نۇقتىسى بولۇشى كېرەك.
سىمسىز ئالاقە تەھلىلچىسى Chetan Sharma مۇنداق دېدى: «LTE-U تورى ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىدۇ، Wi-Fi بولسا بارا بارا شاللىۋېتىلىدۇ.»


Wi-Fiنىڭ ئورنىنى ئالغۇچى تېخنىكا CBRS
Wi-Fiغا زور خىرىس كەلتۈرىدىغان يەنە بىر يېڭى تېخنىكا بولسا CBRS، يەنى «پۇقرالار كەڭ بەلۋاغلىق سىمسىز تور مۇلازىمىتى». بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق ھەر قانداق ئادەم نۆۋەتتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئىشلىتىۋاتقان زور مىقداردىكى چاستوتا سپېكتىرى بايلىقىنى ئورتاق ئىشلىتەلەيدۇ.
CBRSنىڭ ئىشلىتىدىغىنى 3.5GHzلىق چاستوتا بۆلىكى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدا ھوقۇق بېرىلمىگەن چاستوتا بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇنى رادارغا ئىشلەتمەكتە. بىراق 2013-يىلىدىن باشلاپ گۇگول ۋە باشقا شىركەتلەر فېدراتسىيە تېلېگراف كومىتېتىغا نەسىھەت قىلىپ، بۇ چاستوتا بۆلىكىنى كۆچمە كەڭ بەلۋاغلىق تورغا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
2016-يىلى 8-ئايدا گۇگول، نوكىيا، كۇۋالكوم قاتارلىق شىركەتلەر ھەمكارلىشىپ 3.5GHz تور تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. بۇ يىل 2-ئايدا بۇ شىركەتلەر لاسۋىگاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 3.5GHzلىق ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان چاستوتا سپېكترى ئارقىلىق خۇسۇسىي LTE تورىنى تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا نامايەن قىلدى.
CBRS بىرلەشمىسىنىڭ باش لىدىرى مايكول پېتىرسىنىڭ دېيىشىچە، CBRS تورى Wi-Fiدىنمۇ بەكرەك ئىشەنچلىك بولۇپ، زاۋۇت، ئايروپورت، دېڭىز پورتى قاتارلىقلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تاللىشى بولالايدىكەن.


5G تورى Wi-Fiنىڭ «قاتىلى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
Wi-Fi دۇچ كەلگەن بارلىق خىرىسلار ئىچىدە 5G تورى Wi-Fiنىڭ «قاتىلى» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 5G ئۆلچىمى ئاستىدا ئىستېمالچىلارنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بىر كىنونى چۈشۈرۈشى ئۈچۈن بىر سېكۇنتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ. CBRSنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كۆچمە تېلېگراف شىركەتلىرى 5G تورىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئاسان ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. چۈنكى 5G تورىمۇ ھەمبەھىرلىنىدىغان 3.5GHz چاستوتا بۆلىكىنى ئىشلىتەلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋېلىش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق چاستوتا سپېكتىرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشمىسىمۇ بولىدۇ.
شۇڭلاشقا كەلگۈسىدە Wi-Fi كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. ئالاباما ئىشتاتىدىكى كارخانىچى مايكول جىم مۇنداق دېدى : «ئىلگىرى مەن چوقۇم Wi-Fi تارقىتىش نۇقتىسى تېپىش ئۈچۈن پايپېتەك بولاتتىم. بۇ ماڭا نىسبەتەن ئانچە قولايلىق ئەمەس ئىدى، بىراق ھازىر مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.»
[qq]3513867649[/qq]

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:07 , Processed in 0.247891 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش