بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 399|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

Adobe Illustrator ۋە Photoshop ھەققىدە پاراڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


Adobe Illustrator ۋە Photoshop ھەققىدە پاراڭ

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،  بارلىق Photoshop ھەۋەسكارلىرى دوسىتلار! بۈگۈنكى بۇ تېمامدا سىلەرگە Adobe Illustrator ۋە Photoshop ھەققىدە سەت غەيۋەت قىلىپ بەرمەكچىمەن. (بۇ غەيۋەت ئەمەس، بەلكى Adobe نىڭ سۈپىتى )

Adobe Illustrator ۋە Photoshop نىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا Adobe شىركىتى قارمىقىدىكى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسۋىر بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەكشىلىكتە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىدا كەڭ قوللىنىپ كىلىۋاتىدۇ. ئەمما، يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر بۇ ئىككىلىسى ئوخشاشلا سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق بولسا بۇلارنىڭ ماتېرىيال زادى قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟ بۇلار نىمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟ دەپ ئويلىشى مومكىن. شۇ سەۋەپلىك كەڭ تورداشلارغا بۇ ئىككىسى نادىر دېتال توغرىسىدا ئاز-تولا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمەن.


خوش!!! ئالدى بىلەن گەپنى بۇ ئىككى دېتالنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقتىدىن باشلاپ سۆزلەي:


بۇلارنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ۋاقتىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

illustrator نىڭ دۇنياغا كەلگەن ۋاقتى: 1987-يىلى
Photoshop نىڭ دۇنياغا كەلگەن ۋاقتى: 1990-يىلى

ئەينى ۋاقىتتا ھەر ئىككىلىسى يەككە رەڭلىك ئاددىي ھالەتتىكى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئىدى... ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ئورنىدىكى پەرىق:


illustrator بولسا ۋىكتورلۇق رەسىم بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلگەن.
Photoshop بولسا بىتلىق رەسىم بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلگەن.


ئەمدى، ئۇلارنى ئىشلەتكۈچىلەر توپىدىن ئېلىپ ئېيىتساق:

illustrator نى ئىشلەتكۈچىلەر: لاھىيلىگۈچىلەر
Photoshop نى ئىشلەتكۈچىلەر: رەسساملار


illustrator تا: رەسىمنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن چوڭايىتساق ئىنىقلىقىغا ئانچە چوڭ تەسىر بولمايدۇ.
Photoshop تا: رەسىمنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن چوڭايىتساق، غۇۋالىشىپ كۆرۈشكە تەسىر يىتىدۇ.

يەنى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا ئەسلى رەسىمنى چوڭايىتقاندىن كىيىن illustrator دە رەسىمنى مەيلى قانچىلىك چوڭايتىشتىن قەتئىينەزەر رەسىمنىڭ ئېنىقلىقىغا ئانچە چوڭ تەسىر بولمايدۇ، ئەكسىچە Photoshop تا بولسا رەسىمنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن چوڭايىتساق، غۇۋالىشىپ كۆرۈشكە تەسىر يىتىدۇ. ھەتتا، بەزى رەسىملەرنى كۆرۈشكە مومكىن بولمايدۇ.


ئۇنىڭدىن باشقا رەسىم تاختىسى جەھەتتىن سېلىشتۇرساق:

illustrator بولسا كۆپ تاختىلىق خىزمەت مۇھىتىغا ئىگە.
Photoshop بولسا بىرلا تاختىلىق خىزمەت مۇھىتىغا ئىگە.


يەنە بىر مۇھىم پەرىق- (剪贴蒙版) كىسىپ-چاپلاش قەۋىتى جەھەتتە:

illustrator تە بولسا ئوبىكىتنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.
Photoshop تە بولسا ئوبىكىتنىڭ ئاستىدا بولىدۇ.


تاللاش قۇرالى جەھەتتىن:

illustrator بولسا ئوبىكىتنى تاللىيالايدۇ.
Photoshop بولسا پەقەت رايۇننى تاللىيالايدۇ.


سۈرەت قەۋىتى جەھەتتە:

illustrator بولسا كۆپ خىل ئوبىكىتنى لاھىيلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.
Photoshop بولسا پەقەت بىرلا ئوبىكىتنى لاھىيلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.


Ctrl+Z (پۇشايمان قىلىش) مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بېرىشتا:

illustrator تا ئارقا-ئارقىدىن ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.
Photoshop بولسا پەقەت بىرلا قەدەم ئارقىغا چىكىنگىلى بولىدۇ. گەرچە Photoshop6 تىن كىيىنكى نەشىرلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئىجرا قىلدۇرغىلى بولسىمۇ، ئەمما، بىرىكمە كۇنۇپكا سەل مۇرەككەپ. يەنىلا، ئىشلىتىش قولايسىز. ئەگەر illustrator غا ئوخشاش ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن ئايرىم تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ.


خىزمەت رايونى جەھەتتىن:

illustrator تا بولسا رەسىم قەۋىتىنى ئۈستىدە تۇرۇپمۇ بىر ئوبىكىتنى بىر قانچىگە پارچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
Photoshop تا بولسا رەسىم قەۋىتىنى ئۈستىدە تۇرۇپمۇ بىر ئوبىكىتنى بىر قانچىگە پارچىلاپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئايرىم-ئايرىم رەسىم قەۋىتى قۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.


ئەڭ مۇھىم جەريانغا كەپ قالدۇق: ساقلاش سۈرئىتى جەھەتتىن:

illustrator نىڭ ساقلاش سۈرئىتى بەك تېز. دەقىقە ئىچىدە سىز لاھىيلىگەن رەسىملارنى ساقلاپ بولىدۇ.
Photoshop نىڭ بولسا ساقلاش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، سەپلىمىسى تۈۋەنرەك  كومپىيوتېرلاردا بىر قانچە مىنۇتتىمۇ بىر پارچە سۈرەتنى ساقلىيالماي قېلىشى مومكىن.


قانداق؟ Adobe Illustrator ۋە Photoshop نىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىۋالدىڭلارغا دەيمەن! مەنچە بولغاندا ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئىككى خىل تەرىپى بولىدۇ. نوقۇل ھالدا ئارتۇقچىلقىلا بولمايدۇ، گەرچە Adobe Illustrator نىڭ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنى Photoshop نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىمەن دەيسىكەنسىز، بۇ بىر ھاماقەتلىك، چۈنكى، Photoshop تىكى بەزى نازۇك مەشغۇلاتلارنى Illustrator دا قىلغىلى بولمايدۇ. مەسلەن: ئادەمنىڭ تېرىسىنى سۈزۈكلەشتۈرۈش، تامغۇلاش، رەڭ تەڭشەش، ئۈنۈم قوشۇش... دېگەندەك ئىقتىدارلارنى Illustrator تا قىلىش ئەپسىز. ئەمما، سىزدە ۋىكتورلۇق رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىھتىياجى بولسا يەنە Photoshop بىلەن ئېچىشىپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمەڭ، بۇ ۋاقىتتا Illustrator سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ. ھەتتا، ھۆسىنخەت بىر تەرەپ قىلماقچى بولسىڭىزمۇ، سىزگە بىرىنجى بولۇپ Illustrator نى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ھەر ئىككى دېتالنى ئىشلىتىپ سىناپ كۆرمەكچى بولسىڭىز بەيدۇغا كىرىپ ياكى Adobe نىڭ ئورگان تورىغا كىرىپ ھەقسىز چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئورگان تورىغا بۇ يەردىن كىرىڭ

تورداشلارنىڭ تور بېكىتىمىزنى قوللاپ بىرىشىنى، ئۆزىنىڭ ئىنكاسلىرى ئارقىلىق بىزنى تېخىمۇ نادىر تېمىلارنى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىشىنى سورايمىز، ھەم تورداشلارنىڭ شۇناق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، كىيىنكى تېمىلىرىمىزدا تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

مەزكۇر تېمىنى رۇخسىتىمىزسىز باشقا مۇنبەرلەرگە ۋە سالونلارغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


مەنبە: http://muntizim.com/forum.php?mo ... ge=1&extra=#pid8426  بۇ يەرنى بېسىپ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى زىيارەت قىلىڭ

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-11-9 00:13:13 | ئايرىم كۆرۈش
مەن  ھازىر  دەل مۇش  AI   نىڭ  دەرىسلىكىگە ئېھتىياجلىق ئىدىم
مۇشۇ توغۇرسىدا دەرىسلىك بولسا ئىزدىشىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-11-9 00:19:00 | ئايرىم كۆرۈش
umudwar يوللىغان ۋاقتى  2016-11-9 00:13
مەن  ھازىر  دەل مۇش  AI   نىڭ  دەرىسلىكىگە ئېھتىياجلىق ئىد ...

مەن بۇرۇن مەخسۇس دەرسلىك پىلاستىنكىسىنى سېتىۋېلىپ بىر مەزگىل ئۈگەنگەن، ئەمما، كىيىن خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولۇپ كىتىپ، پىلاستىنكىنىمۇ تاپالمىدىم. ئۆينىڭ بىر يەرلىرىدە بار، قولۇم سەل بوشىسىلا، ئىزدىشىپ بىرەي...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2016-11-9 00:38:40 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى دەرىسلىك بوپتۇ... چۈشۈنۈشلۈك.. بولسا شۇنىڭ دەرىسلىكلىرى بولسا يوللاپ قويسىڭىز...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2016-11-9 00:40:18 | ئايرىم كۆرۈش
ۋىكتورلۇق سۈرئەت بىلەن بىتلىق سۈرئەتنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز...
قانداق سۈرئەتلەر ۋىكتورلۇق سۈرئەتكە كىرىدۇ...

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-11-9 09:59:23 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئافغان يوللىغان ۋاقتى  2016-11-9 00:40
ۋىكتورلۇق سۈرئەت بىلەن بىتلىق سۈرئەتنى چۈشەندۈرۈپ قوي ...

ۋىكتورلۇق رەسىم چەكسىز كىچىك كاتەكچىلەردىن تۈزىلىدۇ، ئەكسىچە بىتلىق رەسىم بولسا چەكلىك كاتەكچىلەردىن تۈزىلىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، ۋىكتورلۇق رەسىمنى مەيلى قانچىلىك چوڭايتىشتىن قەتئىينەزەر سۈرەتنىڭ ئىنىقلىقىغا ئانچە چوڭ تەسىر يەتمەيدۇ، ئەكسىچە بىتلىق رەسىمنى ئەسلى ھالىتىدىن ئازراقلا چوڭايىتساق رەسىم تۇتۇقلىشىپ كۆرۈش سەزگۈسىگە ئېغىر تەسىر يىتىدۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2016-11-9 12:39:32 | ئايرىم كۆرۈش
illustrator نى قەتئىيلا ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن، مەنمۇ سىناپ باقسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-11-9 13:23:30 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئىشلىتىپ كۆرۈڭ، بەزى باش قېتىنچىلىقلارنى بىراقلا ھەل قىلىدۇ.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
9#
ۋاقتى: 2016-11-9 14:46:14 | ئايرىم كۆرۈش
umudwar يوللىغان ۋاقتى  2016-11-9 00:13
مەن  ھازىر  دەل مۇش  AI   نىڭ  دەرىسلىكىگە ئېھتىياجلىق ئىد ...

بۇ دەرسلىكنى كۆرۈپ بېقىڭ

Adobe Illustrator ھەقسىز ئۆگىنىش
http://ulantor.com/uyghur/forum. ... =2372&fromuid=1
(مەنبەسى: ئۇلانتور-UlanTor)

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 11:22 , Processed in 0.253372 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش