بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] تۆۋەندىكى ئىقتىدارلارنى ئىشلەتمىسىڭىز، iPhone نىڭىز زايە كېتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئالدىنقى ھەپتە ناۋناۋدا چىقىمداننىڭ ئىقتىدارىنى يوشۇرغانلىقى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، كۆپچىلىك ئالى بابا چوقۇم پايدىغا ئېرىشىپتۇ، قىزىق ئىش، مەن مۇشۇنداق ئادەممۇ دېيىشتى. ئالاقە تورى پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ قوغدىغۇچى كىچىك پەرىشتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناۋناۋ بۇ ھەپتە كەڭ ئالما تېلېفونى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئالما تېلېفونىدىكى بىر قىسىم ئىنتايىن قوللىنىشچان يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى تونۇشتۇرىدۇ.
1-بۆلەك: سىيرىش ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر ۋاقتىنى كۆرسىتىش
بىرىنچى، تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
نەچچە كۈن ئىلگىرى، مەلۇم بىر يىگىت ناۋناۋغا دەردىنى تۆكۈپ قىز دوستى بىلەن ئۇچۇر يوللاشقان ۋاقىتتا، ئۇچۇر قايتۇرغان ۋاقتى بىر مىنۇت كېچىكىپ قالغاندا، قىز دوستىنىڭ ئاچچىقلىنىپ كەتكەنلىكى، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ 59 سېكۇنتتا جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ تاكاللاشقانلىقى، ناۋناۋنىڭ بۇ ئىشنى باھالاپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، iPhoneدا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقتى بىرقەدەر قىسقا بولغاندا، يۇقىرىقى ئەھۋالغا ئوخشاش ۋاقتىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي، پەقەت سىز بارمىقىڭىزنى ئېكران ئۈستىدە سولغا يېنىك سىيرىسىڭىز قىسقا ئۇچۇرلارنىڭ ۋاقتىنى كۆرەلەيسىز.

ئىككىنچى، كومپاسقا يوشۇرۇنغان گورىزونتال يۈزىنى توغرىلاش فۇنكسىيەسى
شىماللىقلار شەرق، غەرب، شىمال، جەنۇب ئارقىلىق يوللارنى سۈپەتلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما كۆپىنچە جەنۇبلۇقلار يۇقىرىقى سۈپەتلەرنى ئاڭلىغاندا چىرايىدا ئامالسىزلىق ئىپادىلىرى ئەكس ئېتىدۇ. iPhone دىكى كومپاس كىشىلەرنى بۇخىل ئامالسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. كومپاسنى بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، سولغا سىيرىسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا يىپيېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق پەيدا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئايفون ھەر ۋاقىت يانفون بىلەن يەر يۈزى «يۇرت» تەكشىلىكى ئارىسىدىكى ئۆزگىرىشنى ئېنىقلاپ بېرەلەيدۇ.

يانفون گورىزونتال تەكشىلىك بىلەن توغرىلانغاندا، ئېكران يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. تېزدىن ئايفونىڭىزنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ، ئۈستەل يۈزىنىڭ تەكشى ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ئۈچىنچى، بىر سېكۇنتتا ئىلمىي ھېسابلاش ماشىنىسىغا ئايلىنالايدۇ

كۆپ قىسىم كىشىلەر ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلاردا ھېسابلىغۇچ ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما تاسادىپىي قول مىدىرلاپ كېتىپ سانلارنى خاتا كىرگۈزۈپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ پەقەت سىز سانلار يۈزىدە بارمىقىڭىزنى سولغا سىيرىسىڭىز، بىر ساننى ئارقىغا قايتۇرالايسىز، بۇنداق بولغاندا بىر ساننى خاتا كىرگۈزۈپ قويۇش سەۋەبلىك بارلىق سانلارنى ئۆچۈرۈپ قايتا كىرگۈزۈش ئاۋارىچىلىكىدىن خالاس بولىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئادەتتىكى ھېسابلاش سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرالمىسا، پەقەت سىز تىك يۆنىلىشتىكى ھالەتنى ئېتىۋەتسىڭىز، ھەمدە ئېغىرلىق كۈچى ئىندۇكسىيەسىنى ئېچىپ، يانفوننى يانتۇ قىلسىڭىزلا، ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىلمىي ھېسابلاش ماشىنىسىنى ئىشلىتەلەيسىز.
2-بۆلەك: كۇنۇپكا تاختىسى ۋە كىرگۈزگۈچ
بىرىنچى، ئەمەلدىن قالدۇرۇش
يېزىق كىرگۈزگەن ۋاقىتتا، دائىم خاتا كىرگۈزۈپ قېلىش، ياكى كىرگۈزگەن قىسمەن مەزمۇننى ئۆچۈرۈش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىمىز، بۇنداق ۋاقىتتا پەقەت يانفوننى بىر نەچچە قېتىم يېنىك سىلكىسەك بىكار قىلىش كۇنۇپكىسى پەيدا بولىدۇ، ئۇنى يېنىك بېسىپ قويساقلا مەسىلە ھەل بولىدۇ.
ئەگەر ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلساق ياكى ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇھىم مەزمۇننى ئۆچۈرۈپ سالساق، تېلېفوننى يەنە بىر قېتىم سىلكىپ، مۇناسىپ كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق قايتا قىلساق ياكى ئەمەلدىن قالدۇرساق بولىدۇ.
ئىككىنچى، كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىشتىكى ئەپچىل ئۇسۇل
نۇرغۇن كىشىلەر ئىنگلىزچە كىرگۈزگەن ۋاقىتتا، چوڭ خەت شەكلى كۇنۇپكىسىنى بىر قېتىم باسقاندىن كېيىن بىر تال چوڭ خەت كىرگۈزەلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئوقيا شەكلىدىكى چوڭ خەت شەكلىنى قۇلۇپلاش كۇنۇپكىسىنى ئۇدا ئىككى قېتىم بېسىش ئارقىلىق، ئارقا-ئارقىدىن چوڭ خەت شەكلىنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق بېسىش كۇنۇپكا تاختىسى ئىچىدىكى بىر قىسىم كۇنۇپكىلار ئارقىلىق، ھەرپلەرنى قولاي ۋە توغرا كىرگۈزگىلى بولىدۇ.مەسىلەن، سىزىقنى ئۇزۇن بېسىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ سىزىق ئۈلگىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھەرپنى ئۇزۇن بېسىش ئارقىلىق، تاۋۇشلارنى تون بەلگىسى بىلەن كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
ئامېرىكا دوللىرى بەلگىسىنى ئۇزۇن باسقاندا ھەرخىل پۇل بەلگىسى كۆرۈنىدۇ.
3-بۆلەك: تېخىمۇ كۆپ ئويلاپ باقمىغان ئىقتىدارلار
بىرىنچى، تىڭشىغۇچنىڭ ئەپچىل ئىشلىتىلىشى
ئايفون ئىشلەتكۈچىلەر تىڭشىغۇچ ئارقىلىق تېلېفون ئۇرسا، ناخشا ئاڭلىسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، رەسىمگە تارتىش ۋە ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى تەڭشەشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما ناخشا ئاڭلىغان ۋاقىتتا ناخشىنى تېز ئۆتكۈزگىلى ياكى تېز قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تۆۋەندىكى جەدۋەلنى سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىزغا سۇنىمىز.
ئىككىنچى، ئالما دۇكىنىنى يېڭىلاش
APP STORE نى ئىشلەتكەندە، ھەمىشە ئاپئاق بولۇپ قالىدۇ ياكى ھەرخىل غەلىتە مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا، سىز پەقەت APP STORE نىڭ ئاستىدىكى تىزىملىك ئىچىدىكى خالىغان بىر كۇنۇپكىنى 10قېتىم چەكسىڭىز، ئۇنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرمىغاندا، ئۇنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئالماشتۇرۇش بىرقەدەر قىيىنغا توختايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە يانفوننى تىترەك ھالىتىگە تەڭشەلگەندە بىرقەدەر قولاي بولىدۇ.
(1) ئاۋاز كۇنۇپكىسىنى ئاچىسىز
(2) تەڭشىمەكچى بولغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى تاللايسىز
(3) ياكى يېڭى تىترەش ھالىتىنى تاللايسىز
(4) توختىماستىن ئېكراننى چېكىش ئارقىلىق، يېڭىچە تىترەش ھالىتىنى قۇرىسىز



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-8-26 13:41:38 | ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 22:40 , Processed in 0.351057 second(s), 40 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش