بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 170|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] كومپيۇتېر دېگەن نېمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كومپيۇتېر دېگەن نېمە؟

كومپيۇتېر (COMPUTER ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى، ئېلېكترونلۇق مېڭە) كۆپ مىقداردىكى ئارىفمېتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى ئاپتوماتىك، تېز سۈرئەتتە بېجىرىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە.  
باشقا ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش كومپيۇتېرنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ. كومپيۇتېرنى تۈرگە ئايرىش ئۇنىڭ توك يولىنىڭ توپلاشتۇرۇش دەرىجىسى، ئىشلىتىلگەن تېخنىكا، ھەجمى، باھاسى، ھېسابلاش سۈرئىتى، ئىقتىدارى، ئىلىتىلىش ئورنى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ھازىر بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى ئىككى خىل.
قاتتىق دېتال قۇرۇلمىسى
ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ ۋاسىتىلىك مىكرو كومپيۇتېرلار قاتتىق دېتال سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىدىن تۈزۈلگەن. قاتتىق دېتال بولسا كومپيۇتېرنى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق ماددىي ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ماددىي ئاساسى. يۇمشاق دېتال بولسا كومپيۇتېرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىبارەت. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. يۇمشاق دېتال بولمىسا، قاتتىق دېتالنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، قاتتىق دېتال بولمىسا، يۇمشاق دېتال ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. پەقەت بۇ ئىككىسى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلگەندىلا، ئاندىن كومپيۇتېر ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال سىستېمىسى _ ئاساسى ماشىنا، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى، چىقىرىش ئۈسكۈنىسى، ماگنىتلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى ۋە كۆپ ۋاسىتە ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاتتىق دېتال سىستېمىسىغا باش لىنىيە قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەرقايسى قاتتىق دېتاللارنى باش لىنىيە ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلىنىپ مۇكەممەل قاتتىق دېتال سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.  
ئاساسىي ماشىنا كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى كومپيۇتېر خىزمىتىنى كونترول قىلىدىغان مەركەز. ئۇ نۇرغۇن قىسىملاردىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساسىي ماشىنا قېپى تىك شەكىللىك ۋە ياتما شەكىللىك بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى يوق. پەقەت قېپىنىڭ ئالدى تەرىپىدە يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ، توك مەنبە كۇنۇپكىسى، قايتا قوزغىتىش كۇنۇپكىسى (REBET)، توك مەنبە كۆرسەتكۈچ چىرىغى، قاتتىق دىسكا كۆرسەتكۈچ چىرىغى قاتارلىقلار بار. ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ كەينى تەرىپىدە ئۇلاش ئېغىزلىرى بولۇپ، بۇلار ئاساسىي ماشىنا بىلەن سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى بىر _ بىرىگە ئۇلايدۇ.
ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئىچىگە ئاساسىي تاختا، كۆرسىتىش كارتىسى، قاتتىق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ، يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، توك مەنبەسى ۋە ھەر خىل كارتىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.توپتا يازغان: ھەر خىل بىل

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 08:42 , Processed in 0.239272 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش