بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5988 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 975|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تور تېخنىكا بىلىملىرى ئامبىرى قۇرۇلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
   ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى مۇشۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە « گۈللىنىش تور تېخنىكا بىلىملىرى ئامبىرى » نى قۇرۇپ چىقتۇق  ۋە بۈگۈن رەسىمىي ئىلان قىلىدۇق .  ئادرىسى:
http://tor.gullinix.com
   نۆۋەتتە تۆۋەندىكىدەك 8 تۈرلۈك سەھىپە بويىچە ماقالە ۋە ئەسەرلەر ئىلان قىلىنىدۇ.

1. تور ساھەسىدە
   تور ساھەسىدە --- گۈللىنش تور تېخنىكا بىلىملىرى ئامبىرىنىڭ بىرىنچى سەھىپىسى قىلىپ تاللاندى. بۇ سەھىپىگە تور ساھەسىدىكى يىڭىلىقلار، خەۋەرلەر، مۇلاھىزە ... قاتارلىق ئاممىباپ مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. ھىچقانداق تېخنىكىلىق بىلىم-سەۋىيە تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىگە قىزىقىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ كىرىپ زىيارەت قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.
   بۇ سەھىپىنى ئىچىشتىكى مەقسەت، بۇ ئارقىلىق دىيارىمىز كىشىلىرى ئارىسىدىكى تور ساھەسىگە بولغان تونۇش ۋە قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، تور تېخنىكا بىلىملىرىنىڭ ئوموملىشىشى ئۈچۈن بىرى كىشىلىك ھەسسە قوشۇشتىن ئىبارەت.  

2. ئاممىباپ چۈشەنچىلەر   
   ئاممىباپ چۈشەنچىلەر سەھىپىسىدە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ماقالىلەر يوللىنىدۇ:
بىرىنچىدىن: تور تېخنىكا ساھەسىگە يېڭىدىن قەدەم باسماقچى بولغان دوستلارنىڭ كۆرۈشىگە ماس كىلىدىغان ماقالىلەر. بۇ تۈردە تور تېخنىكا بىلىملىرىنى قانداق تەرتىپتە ئۈگىنىش كىرەك؟ قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ؟ قانداق ئۇسۇلدا ئۈگەنسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ قايسى بىلىمنى ئۈگەنسە قانداق ئىشلارنى قىلىشنى بىلىۋالالايدۇ؟ ... دىگەندەك نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز.
ئىككىنچىدىن:  تور پونكىتى قۇرماقچى بولغان دوستلارنىڭ كۆرۈشىگە ماس كىلىدىغان ماقالىلەر. بۇ تۈردىكى ماقالىلەردە تور پونكىتى قۇرۇش ئۈچۈن نىمە بىلىملەرنى ئۈگىنىش كىرەك؟ قانداق تور پونكىتى قۇرۇش ئۈچۈن قانداق بىكەت سىستىمىسى ئەڭ ماس كىلىدۇ؟ تور پونكىتى قانداق پۇل تاپىدۇ؟ تور پونكىتىنى قانداق يۈرۈشتۈرۈش كىرەك؟ ... دىگەندەك تور پونكىتى قۇرۇشقا ئائىت ئاممىباپ مەزمۇنلار يوللىنىدۇ.

3. سۇئال-جاۋاب
   سۇئال-جاۋاب سەھىپىسى گۈللىنىشتىكى ئالاھىدە بىر سەھىپە بولۇپ، بۇنىڭدا سىز تور تېخنىكا بىلىملىرى، پروگرامما بىلىملىرى، كومپىيوتىر تېخنىكىلىرىغا ئائىت قانداق سۇئاللىڭىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا بىز  سورالغان سۇئاللارغا 3 كۈن ئىچىدە جاۋاب بىرىپ بولىمىز. ئامال بار بىر كۈن ئىچىدە جاۋاب بىرىشكە تىرىشىمىز.

4.  قامۇس
    قامۇس يەنە ئىنسكىلوپىدىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ سەھىپىدە « ... دىگەن نىمە؟ » دىگەن سۇئالغا جاۋاب بىرىش شەكلىدە ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرىدىغان تىپتىكى ماقالىلەر يوللىنىدىغان بولۇپ، تور تېخنىكا ساھەسىدە يىڭى ياكى ناتونۇش بىر ئاتالغۇغا يولۇقسىڭىز، مۇشۇ سەھىپىدىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرگەندە بىز سۆزنىڭ ئىنگىلىزچە ئوقۇلىشى، ئەسلى كىلىش مەنبەسى، چۈشەندۈرۈلىشى، ئىشلىتىشى... قاتارلىق بىر قاتار نۇقتىلاردىن تەپسىلىي ئىزاھلاشقا تىرىشىمىز.

5. ئاساسىي بىلىملەر
   بۇ سەھىپىگە تور تېخنىكا ساھەسىگە ئائىت ئاساسىي بىلىملەر يوللىنىدۇ. جۈملىدىن تور بەت، تور بىكەت ھەققىدىكى ئاساسىي چۈشەنچىلەر,frontpage,javascript,css,html، بوشلۇق، تور نامى، ftp ... قاتارلىقلارغا ئائىت ئاساسىي بىلىملەر يوللىنىدۇ. تور بەت تېخنىكىسىنى يىڭىدىن ئۈگەنمەكچى بولغانلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. پۈتۈن تور تېخنىكا بىلىملىرىنى بىر پۈتۈن مائارىپ
سىسىتمىسىغا ئوخشاتساق، بۇلار باشلانغۇچ مەكتەپ بىلىملىرىغا توغرا كىلىدۇ.

6. تېخنىكىلىق ماقالىلەر
   بۇ سەھىپىگە تور تېخنىكىسىغا ئائىت ئوتتۇرا ھال سەۋىيەدىكى ماقالىلەر يوللىنىدۇ. تور بەت تېخنىكىسىنى ئۈگىنىۋاتقان دوستلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. تىنچ بەتنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق بىلىملىرى، بەت يۈزىنى كۆركەملەشتۈرۈش  ajax, jquery ، بىكەت سىسىتمىلىرىدىن پايدىلىنىپ تور بىكەت ياساش،... قاتارلىق بىلىملەر شۇنداقلا ھەرىكەتچان بەتنىڭ چۈشەنچە تىپىدىكى بىلىملىرى يوللىنىدۇ. تور بەت تېخنىكىسىنىڭ « ئوتتۇرا مەكتەپ » سەۋىيەسىگە توغرا كىلىدۇ.

7. يۇقىرى تېخنىكا
   بۇ سەھىپىگە ھەرىكەتچان بەت، ساندان ، xml،... ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق ماقالىلەر يوللىنىدۇ. تور تېخنىكا ساھەسىدە خىلى يۇقىرى ئاساسقا ئىگە ياكى يۇقىرى تېخنىكىنى ئۈگەنمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىدۇ. بۇلارنى « ئالى مەكتەپ بىلىملىرى » دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ.

8. دەرسلىك
   بۇ سەھىپىگە گۈللىنىش تور تېخنىكا گورۇپپىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر يوللىنىدۇ. بۇ دەرسلىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى --- ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك، ئىلمىي، قىزىقارلىق، جانلىق ، ئۈنۈملۈك بولۇشتىن ئىبارەت.

     ئادەتتە گۈللىنىش تور تېخنىكا بىلىملىرى ئامبىرىغا ھەركۈنى بىردىن بەشكىچە يىڭى ماقالە ئەۋەتىلىپ تۇرىدۇ.
     گۈللىنىش تور تېخنىكا بىلىملىرى ئامبىرىنىڭ قۇرۇلىشتىكى مەقسەتلىرىنىڭ بىرى، كەڭ تور تېخنىكىسى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۈگىنشكە كىتىدىغان ۋاقتى ۋە زىھنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش. ئۇلارنىڭ بۇ يولدا ئەگرى-توقاي ۋە زۆرۈر بولمىغان يوللارنى ئازراق بىسشغا ياردەم بىرىش.  چۈشىنىشلىك، ئاممىباپ ۋە قىزىقارلىق تىللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تور تېخنىكىلىرىنى ئىگەللەپ بۇ ساھەدە چىقىش يولى تىپىشىغا ياردەم بىرىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر تور تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش.
   گۈللىنىش تور تېخنىكا بىلىملىرى ئامبىرى كەڭ تور بىكەت ئاتامانلىرى بىلەن ھەرخىل شەكىلدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ ۋە ئۇيغۇر تور پونكىتلىرىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ!
http://tor.gullinix.com

باھا سۆز

مول بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگەن؛ىكىڭلارغا تەھمەت  ۋاقتى: 2015-11-24 02:41
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2015-11-23 14:10:32 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ، تور بىكىتىڭلارنىڭ خەت نۇرمال تۇنىماي قالدىمۇ قانداق؟ تەكشۈرۈپ بېقىڭلار.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-23 17:21:02 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت، قايتىدىن بىر قاراپ باقاي.
خالىسىڭىز دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرساق قانداق؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-23 18:01:58 | ئايرىم كۆرۈش
خەت نۇسخىسىنى راستىنلا تونىمىغان ئىكەن. ھازىر ئوڭشالدى. سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئىيتىمەن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2015-12-2 13:51:09 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ياخشىمۇ سىلەر،
بۇ تور بىكىتىنىڭ كۇرۇلغىنىدىن بەك ئىئوش بولدۇم

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-3 16:20:34 | ئايرىم كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 11:32 , Processed in 0.344620 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش