ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىز ئالدىنقى نەچچە ھەپتە ئىچىدە android تا ئەپ ئاچقاندا قوللىنىدىغان بىرقانچىلىغان ئاساسى بىلىم ۋە كودلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق،مەنچە ios قا مۇناسىۋەتلىك ئەپ ئىچىش ھەققىدە ئاز تولا توختىلىدىغان يەرگە كەلدى،چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىنىڭ بىلىشىچمە بۇخىلدىكى بىلىم يوللانمىغان بولۇشى مومكىن،ياكى يوللانغان بولسىمۇ مەن كۆرمەي قالغان بولۇشىم مومكىن،ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك بىز ios سېستىمىسى ئۈچۈن ئەپ ئاچقاندا سۈرەت بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرى بىلەن كۆپلەپ ئۇچىرشىمىز،تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ios دا مەخسۇس رەسىم سۈزۈش تېخنكسى،بۇ تېخنىكىغا قوللىنلىدىغان مەخسۇس سۈرەت بىرتەرەپ قىلىشقا خاس بولغان تېخنىكا core image دەپ ئاتىلىدۇ،مەن بۇ قىسىم ماقالىدە مۇشۇ ھەقتە قىسقىغىنە توختىلىمەن،دىمەكچىمەنكى مەن بۇ قىسىمدا core image تېخنكىسىنى قوللىنپ ئالمىغا ئەپ ئىچىش جەريانىدا رەسىم سۈزۈش مەشغۇلاتىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن،ئالمىغا ئەپ ئاچقاندا بىز objective-c ۋە swift تىلىنىڭ خالىغان بىرنى قوللانساق بولىدۇ،مەن بۇماقالىدە swift تىلىنى قوللىنىمەن. ئالدىنقى قىتىمغا ئوخشاشلا بۇبىلىمنى ئىگەللەش ياكى ئەمەلى نەپ ئىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ پىروگىرمما تىلىدىن مەلۇم ئاساسىڭىز ۋە ios ئەپ ئچىش مۇھىتىغا نىسبەتەن بەلگىلىك چۈشەنچىڭىز بولۇشى كىرەك ،شۇندىلا بۇ ماقالىدىكى مەقسەتنى چۈشىنەلەيسىز،مەن بۇيەردە ئاساسى بىلىم قاچىلاش يڭى تۈر قۇرۇش ئىجرا قىلىش قاتارلىقلارنى سۆزلىمەيمەن،چۈنكى بۇنى مەخسۇس كۇرس ياكى مەخسۇس پىروگىرامما كەسپىدە ئوقۇپ ئۈگەنسڭىز ياكى باشقا ھەرخىل ئۇسۇللاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ! xocde دا بىر تۈر قۇرغاندىن كىيىن viewDidload() مېتودىنىڭ ئىچىگە بۇ كودنى چاپلاڭ
- override func viewDidLoad() {
- super.viewDidLoad()
-
- // 1
- let rasim = UIImage(named: "suzmakqibolganrasim.jpg")
- let aslidikrasim = CIImage(image: rasim)
-
- // 2
- var suzush = CIFilter(name: "CIPhotoEffectMono")
- suzush.setDefaults()
- suzush.setValue(aslidikrasim, forKey: kCIInputImageKey)
-
- // 3
- var hasillangini = suzush.outputImage
- var yegisi = UIImage(CIImage: hasillangini)
- imageView.image = yegisi
- }
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
يۇقاقرى كودتىن قىسقىغىنە چۈشەنچە
1- رەسىمنى مىقدارغا ساقلىۋالىدۇ 2-رەسىمگە سۈزۈش ئۈنۈمى بىرىدۇ 3-رەسىمگە سۈزۈش ئۈنۈمى بىرىلگەندىن كىينكى نەتىجىنى ساقلايدۇ
كودنى ئىجرا قىلسىڭىز رەسىمدىكىدەك ئۈنمگە ئىرىشىسز،ئەلۋەتتە ھەرخىل ئۈنۈم چىقارماقچى بولغان رەسىمى ئۆزىڭىز خالىغانچە بىكىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ كود قىسىمدا چۈشىنشىلىك قىلىپ نام يىزىپ قويدۇم،ios پىروگىرامما ئىچىشتىن بەلگىلىك ئاساسىڭىز بولسا قاراپلا بىلىۋالىسىز
http://www.tormahiri.cn/mezmun.html?id=EUxu8iSMfU