قانداق قىلغاندا ئۆيدىكى WiFiغا باشقىلارنىڭ چىقىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ
نۆۋەتتە كۆپ قىسىم دوستلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە سىمسىز روتېر (路由器) ياكى سىمسىز تور سىگنالى تارقىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر بار بولۇپ، بىر قىسىم دوستلىرىمىز باشقىلارنىڭ ئوغرىلىقچە تورغا چىقىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ھەم مۇرەككەپ مەخپىي نومۇر ئىشلىتىدۇ، بىراق يەنىلا ئوغرىلىنىشتىن ساقلىنالمايدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئەگەر باشقىلار سىزنىڭ سىمسىز تور مەخپىي نومۇرىڭىزنى ئوغرىلاپ ياكى مەخپىي نومۇر يېشىش ئەپلىرى ئارقىلىق يېشىۋېتىپ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى سىمسىز تور سىگنالى ئارقىلىق تورغا چىقىپ، قانۇنسىز مەزمۇنلارنى كۆرسە ياكى يوللىسا، سىز ئاۋارىچىلىققا قېلىشىڭىز مۇمكىن. زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەگەر ئۆيدىكى WiFi سىگنالىنى يوشۇرۇۋەتسەك، باشقىلار WiFi سىگنالىنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ دە ئوغرىلىقچە تورغا چىقىۋېلىشىنى مەنبەدىن چەكلىگىلى بولىدۇ. تۆۋەندە WiFi سىگنالىنى يوشۇرۇشنىڭ تەپسىلىي مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، كۆپچىلىككە ئازراق ياردىمى بولسا ئەجەب ئەمەس. تۆۋەندە TP-LINK سىمسىز روتېر مىسال قىلىندى.
1. تور سىمى ئارقىلىق سىمسىز روتېر بىلەن كومپيۇتېر (خاتىرە كومپيۇتېر)نى ئۇلاپ، تور كۆرگۈچنىڭ ئادرېس قۇرىغا 192.168.1.1نى يېزىپ ئىجرا قىلىمىز (ئادەتتە سىمسىز روتېرنىڭ ئادرېسى روتېرنىڭ ئارقىسىغا يېزىلغان بولىدۇ)، ئاندىن ئابۇنىت نامى ۋە مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرىمىز.
2. TP-LINK كۆرۈنمە يۈزىنىڭ سول تەرىپىدىكى تىزىملىكتىن سىمسىز تورنى سەپلەش (无线设置)نى چېكىپ، ئاندىن ئاساسىي سەپلىمە (本设置)نى چېكىمىز.
3. ئالدى بىلەن بىۋاسىتە SSID نومۇرى (WiFi ئىسمى)نى ئۆزگەرتىمىز، ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى ئىسىمنى ئۆزگەرتمىسەكمۇ بولىدۇ، بىراق ئەستە تۇتۇشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىز خالىغان ئىسىمغا ئۆزگەرتىۋەتسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئاندىن SSID广播نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ، ساقلاش كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز. ئارقىدىن سىمسىز روتېرنى قايتا قوزغاتساقلا، WiFi سىگنالى يوشۇرۇلغان بولىدۇ. بۇندىن كېيىن بۇ سىمسىز تورغا چىقماقچى بولغانلار چوقۇم يانفوندا WiFi ئىسمى ۋە مەخپىي نومۇرىنى قولدا كىرگۈزگەندىن كېيىن تورغا چىقالايدۇ، WiFi ئىسمىنى بىلمىسە چىقالمايدۇ.
4. TP-LINK كۆرۈنمە يۈزىنىڭ سول تەرىپىدىكى تىزىملىكتىن سىمسىز تورنى سەپلەش (无线设置)نى چېكىپ، ئاندىن سىمسىز تور بىخەتەرلىك سەپلىمىسى (无线安全设置)نى چېكىپ، ئوڭ تەرەپتىكى WPA-PSK/WPA2-PSKنى تاللاپ، PSK مەخپىي نومۇرى دېگەن كاتەكچىگە ئىنگلىزچە ھەرپ، سانلاردىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ مەخپىي نومۇر بېكىتىپ، خاتىرىلىۋالغاندىن كېيىن، ساقلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاخىرىدا قايتا قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
5. بۇ ۋاقىتتا سىستېمىدا بىر بىر دىيالوگ رامكىسى چىقىپ، قايتا قوزغىتىشنى جەزملەشتۈرۈشنى سورايدۇ، بىۋاسىتە قايتا قوزغىتىشنى چېكىپ قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ.
6. سىمسىز روتېرنىڭ قايتا قوزغىلىش جەريانى.