بەيدۇ شىركىتىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئەڭ ئادىل، ئەڭ قولايلىق، ئىزدىگەن ئۇچۇرنى تېپىش
[بەيدۇ شىركىتى شوئارى]
بەيدۇ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئىزدەش ماتورى، ئەڭ چوڭ بولغان خەنزۇچە تور بېكەت.
2000-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۇندە قۇرۇلغان.
1999-يىلى ئامېرىكا كىرىمنىي جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان --李彦宏--جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى ھەم خەنزۇچە ئىزدەش مۇلازىمىتىنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىيات كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايقاپ 《تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ》 دېگەن قاراش بىلەن، كېرىمنىي جىلغىسىدىكى يۇقىرى تەمىناتلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ‹‹ئىزدەش ماتورى›› پاتېنتلىق تېخنىكىسىنى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ، 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگۇەنسۇندە، دەسلەپتە 10 ئادەمگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن بۈگۈنكى ئىشچى خىزمەتچىلىرى 18000 مىڭدىن ئاشىدىغان بەيدۇ شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. ھازىرقى بەيدۇ شىركىتى، جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ بولغان خەنزۇچە تور بېكەتكە ئايلاندى. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، كىشىلەرگە ‹‹ئەڭ ئادىل،ئەڭ قولايلىق، ئىزدىگەن ئۇچۇرنى تاپالىسۇن›› دېگەننى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىپ كەلدى. شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، ‹‹ئابۇنتنى نىشان قىلىش››غايىسى بويىچە، تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يەنىمۇ تېرىشىپ ئابۇنتلار ئۈچۈن ئەڭ ئاددىي،ئەڭ ئىشەنچلىك مەھسۇلات ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىزدەشنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىدارلىق ئىزدەش، چاپلاشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، دائىرىلىك ئىزدەش، ھەر ساھە، ھەر كەسىپكە قارتا بىۋاسىتە ئىزدەش، MP3 ئىزدەش. قانال ئىزدەش قاتارلىقلار بار بولۇپ، دۇنيانىڭ خەنزۇ يېزىقىدىكى تورغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى. نوپۇزلۇق ئورۇنلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بەيدۇنىڭ جۇڭگودىكى ئىزدەشچانلىقى %80 تىن ئېشىپ كەتكەن. ئابۇنتلارنىڭ مەھسۇلات ئىزدەش تەلىپىنىڭ يۇقىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بەيدۇ يەنە يېڭىدىن ئىزدەلگەن مەھسۇلاتقا قارتا كېڭەيتىپ سېتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى ھەمدە مەھسۇلات كېڭەيتىپ سېتىش سۇپىسى كارخانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگودىكى يۈز مىڭدىن ئارتۇق كارخانا بەيدۇنىڭ كېڭەيتىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنىڭ ماركىسى ۋە سېتىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. سودا ھالىتىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەيدۇ شىركىتىمۇ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ئاساستا باشلامچىلىق بىلەن، پۈتكۈل ئىنت تورى كۈچى يۇلتۇزى›› قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.