مەھسۇلات ئېچىش باسقۇچلىرى ( ئىنتېرنېت مەھسۇلاتلىرى )
2016-1-19
سىستېمىلاشقان خىزمەت باسقۇچلىرى مەھسۇلات ئېچىش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ياخشى بولغان بىر سىستېما ئاستىدا بارلىققا كەلگەن مەھسۇلات، مەھسۇلات ھەر قايسى تەرەققىيات بۆلەكلىرىدە ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھسۇلات ئۆمرىنىڭ داۋاملىشىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم مەھسۇلات ئاچقۇچى تەرەپكە، مەھسۇلات ئىچىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى خىزمەتلەردە زور ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. تۆۋەندە ئىنتېرنېت مەھسۇلاتلىرى ئىچىش جەريانىدىكى چوڭ تۈرلەر بويىچە ئىچىش باسقۇچلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى:
1. ئېھتىياج جەريانى
1.1 ئېھتىياج ھاسىللاش
مەلۇم يۈزەكى ئېھتىياج قاندۇرۇش خىيالى ئېھتىياج ھاسىللاش ھېسابلانمايدۇ. ئېھتىياج ھاسىللاش ئۈچۈن چوقۇم ئابۇت ئادەت دوكلاتى، بازار تەكشۈرۈش، سانلىق - ئۇچۇر ئانالىزى ... قاتارلىق بىر قاتار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
1.2 بازار ئېھتىياج ھۆججىتى MRD
بازار ئېھتىياج ھۆججىتى مەھسۇلات ئېھتىياجىنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانىنى، قانداق بىر يېڭى مەھسۇلات، پىلان ياكى مۇلازىمەت بازاردا نېمىشقا ئۇتۇق قازىنىدۇ ھەم قانداق ئۇتۇق قازىنىدۇ قاتارلىقلارنى ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەك. بازار ئېھتىياج ھۆججىتى ئاساسلىق «نېمە» ۋە «نېمىشقا» قاتارلىقلارغا جاۋاب بىرىدۇ.
1.2 ئېھتىياج باھالاش
باشقۇرۇش قاتلىمى بازار ئېھتىياج ھۆججىتىگە ئاساسەن، بۇ تۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىش ياكى قىلىنماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر قوبۇل قىلىنسا مەھسۇلات دىرېكتورى تۈرنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي خىزمەت باسقۇچلىرىنى تۈزۈشكە باشلايدۇ.
2.پىلانلاش جەريانى
2.1 مەھسۇلات ئېھتىياج ھۆججىتى PRD
مەھسۇلات ئېھتىياج ھۆججىتى مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدار ۋە ئۈنۈم بۆلەكلىرىگە، بازار ئېھتىياج ھۆججىتىدىكى نۇقتىلارغا تېخىمۇ تەپسىلىي ئېنىقلىما بىرىدۇ. مەھسۇلات ئېھتىياج ھۆججىتىدە ئادەتتە تەرتىپ دىياگراممىسى، ئەندىزە دىياگراممىسى قاتارلىقلارنى تۇلۇقلايدۇ.
2.2 باھالاش
كەسپىي بولغان باھالىغۇچىلار، مەسلىھەتچى خادىم، باشقۇرۇش قاتلىمى چوڭ كۆلەملىك يېغىن ئېچىپ تۈرنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئۆتىدۇ. ھەمدە تۈر باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتسە، ھەر قايسى بۆلۈملەرگە ۋەزىپە بۆلۈپ بېرىپ، تۈر تاماملاش ۋاقتى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېكىتىپ چىقىدۇ.
2.3 ئىنتېراكتىۋ لايىھە
مەھسۇلات ئېھتىياج ھۆججىتى ئاساسەن ئىنتېراكتىۋ لايىھە تۈزۈپ چىقىلىدۇ.
2.4 كۆرۈنمە يۈز
مەھسۇلات ئېھتىياج ھۆججىتى ئاساسەن كۆرۈنمە يۈز لايىھە تۈزۈپ چىقىلىدۇ.
3. ئېچىش جەريانى
3.1 مەھسۇلات ئېچىش
مەھسۇلات ئېھتىياج ھۆججىتى ( ئىنتېراكتىۋ لايىھە ، كۆرۈنمە يۈز لايىھە ) ئاساسەن مەھسۇلات ھەقىقىي ئىچىش خىزمىتى باشلىنىدۇ. ئېچىش خادىملىرى مەھسۇلاتتىكى ھەر قايسى تۈرلەرنى ئۆزى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر بولسا، چوقۇم مەھسۇلات دىرېكتورى ۋە ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشى كېرەك.
3.2 سىناق 1
ئىچكى قىسىمدا تۇنجى قېتىملىق سىناق خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە سىناق باسقۇچىدا بايقالغان ھەر قايسى خاتالىق - نۇقسانلار تۈزىتىلىدۇ.
3.3 سىناق 2
سىرتتىن بىر قىسىم پىدائىي ۋە كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قېلىپ، مەھسۇلات سىناق خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. ھەمدە قوبۇل قىلىنغان تەكلىپ - پىكىرلەرگە ئاساسەن ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولغان نۇقتىلار قايتا باھالاپ، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3.4 ئېلان قېلىش
مەھسۇلات ھەر قايسى ئۇچۇر بۆلەكلىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
4. تۈزىتىش جەريان
4.1 ئۇچۇر ئانالىزى
مەھسۇلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى مەھسۇلات ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەر قايسى سانلىق - ئۇچۇرلىرى يېغىپ كېلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ يېڭىلىنىش ھەم بازار ئېچىش پىلانى ئۈچۈن ئانالىز قىلىپ چىقىلىدۇ.
مەنبە:
مەزكۇر يازما ماتىريال سۈپىتىدە «ئەسئەتنىڭ بلوگى» دىن كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئادىرىسى:
http://blog.masdum.cn/?post=4