بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1356|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كىچىك بالىلار يالاڭئاياغ ئوينىغاندا ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x


بالىلار يالاڭئاياغ ئويناشقا ئامراق بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلاپ ياكى سوغۇق ئۆتۈپ كېسەل بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلارنى يالاڭئاياغ ئوينىغىلى قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ يالاڭئاياغ ئوينىشى چېنىقىش ھېسابلىنىدۇ.
    ياپونىيەدە يالاڭئاياغ مېڭىش رەسمىي دەرس قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. مەسىلەن: ياپونىيە ئايچى ئۇنىۋېرسىتىتى قارىمىقىدىكى يەسلى بالىلارنىڭ قۇمدا يالاڭئاياغ خالىغانچە ئوينىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن يەسلىدىكى سېمونت مەيداننى بۇزۇپ، سېمونت مەيداننىڭ ئورنىغا قۇم ياتقۇزغان؛ بىر مەزگىل يالاڭئاياغ مەشىق قىلغاندىن كېيىن، %80 بالىنىڭ بەدەن ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىشتىھاسى ئېچىلغان، بويى ئۆسۈپ، بەدەن ئېغىرلىقى تېز ئاشقان.
    بالىلارنى دائىم يالاڭئاياغ ماڭدۇرسا، ئۇلارنىڭ يۇمران تاپانلىرى توپىدا سۈركىلىپ غىدىقلىنىپ، تاپان مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە پۇت بارماق بوغۇملىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاپاننىڭ تۈز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    يالاڭئاياغ يۈرگەندە تاپاندىكى پەللىلەر غىدىقلىنىپ، چوڭ مېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى تەڭشەپ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىپ، بالىلارنىڭ تەپەككۇر سېزىمى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
    ئاتا-ئانىلار بالىلارنى دائىم باغچا، مەيدان ۋە مەھەللە ئەتراپىدىكى تاشلىقلاردا رېتىملىق يالاڭئاياغ ماڭدۇرسا، ئۇلارغا ناھايىتى پايدىلىق، ئەڭ ياخشىسى، كۈندە بىر-ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15-20 مىنۇتتىن ماڭدۇرۇپ بەرسە ھەم بۇنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، بالىلارنىڭ ئىممۇنېتىت كۈچى ۋە بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2015-7-16 08:01:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئەپسۇس ھازىر سەھرالاردىلا كۆرگىلى بولىدۇ بۇنداق توپىلىق يوللارنى.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
ۋاقتى: 2015-7-21 09:45:39 | ئايرىم كۆرۈش
تۇپىلىق يول دىگەن بىلەن يېزىلارغا بارسىڭىز

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2015-8-13 15:51:32 | ئايرىم كۆرۈش
ھويلىنىڭ سىيمۇنت يۈزىنى ئېلىۋېتىپ ،قۇم تۆكسەك بولىدىغان چېغىۋا

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
ۋاقتى: 2015-9-2 19:40:53 | ئايرىم كۆرۈش
راستىنلا  توغرا  بولغان تەپەككۇر  بوپتۇ   .  بالا  تەربىلەشكە  خېلى خېلى  بىلىم  كىتىدىكەن  جۇمۇ  .

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 22:34 , Processed in 0.253463 second(s), 42 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش